ياشانغانلارنىڭ يارىسىنىڭ ئاستا ساقىيىشىدىكى سەۋەب
رۇسىيە «ۋىستا» ئاخبارات تورىنىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئالىملار ئادەم يېشىنىڭ قانچە چوڭايغانسېرى يارىسىنىڭ شۇنچە تەستە ساقىيىدىغانلىقى، بۇ ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرى بىلەن ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
روكېفېللېر ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى يېشى چوڭراق چاشقاننىڭ تېرە مولېكۇلا ئۆزگىرىشىگە قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ياشانغانلارنىڭ يارىسىنىڭ ئاستا ساقىيىشىدىكى سىرىنى ئاچقان.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چاشقاننىڭ ئېپىدېرما ھۈجەيرىسى زەخىملەنگەندىن كېيىنكى نەچچە كۈن ئىچىدە يۆتكىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن يارا ئېغىزى چىڭ تارتىلىدىكەن. بۇ جەريان ئېپىدېرما ھۈجەيرىسى بىلەن ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ ئىككى خىل ھۈجەيرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، تېرىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشى ئاستىلايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يېشى چوڭ چاشقاننىڭ مۈڭگۈزلەشكەن ھۈجەيرىسىنىڭ ھەرىكىتى ئاستا بولغاچقا، يارا ئېغىزىنى تولدۇرۇش ۋە تېرىنى تولۇقلاشتىكى ئېلېمېنتلارمۇ ئازلايدىكەن.