ياشانغانلاردىكى باش ئاغرىقىنىڭ تۆت خىل ئاساسلىق سەۋەبى
باشنىڭ ئاغرىقى ئۇزاققا سوزۇلسا، بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى زۇكام تېگىش، قىزىش، ئەزالاردىكى كېسەللىكتىن ياكى چوڭ مېڭىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىقىدىن باشقا، باش تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىسا، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى كېسەللىكنىڭ بار- يوقلىقىنى ئويلىشىش كېرەك.
يۇقىرى قان بېسىمى: بۇ ئۆتكۈر خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ خەۋپلىك پەيتى ۋە يۇقىرى قان بېسىملىق مېڭە كېسەللىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۈچ خىل كېسەللىك ئوخشىمايلا قالماستىن يەنە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىچكى باغلىنىشمۇ بار.
يۇقىرى قان بېسىمدىن بولغان باش ئاغرىش ئادەتتە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، كۆرۈلگەندىمۇ خامۇشلۇق ئارىلىشىپ كېلىدۇ ۋە باش ئاغرىيدۇ، بىراق يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئۆتكۈر خاراكتېرلىك كېسەللىككە ئۆزگەرسە،باشنىڭ ئاغرىشى كۈچىيىش بىلەن بىرگە يەنە باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش،كۆڭلى ئېلىشىش،ھەتتا پۇت- قولى ئۇيۇشۇش، روھى كەيپىياتى نورمال بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزىلەردە باش خۇددى پارتلاپ كېتىدىغاندەك ئاغرىپ، باش ئاغرىش بىلەن بىرگە قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىدۇ، بۇ شامالدارىشنىڭ ئالدىن بېشارىتى.
مېڭە ئۆسمىسى: ياشانغانلار مېڭە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغاندا دەسلەپتە ئۆسمە كىچىك، باش سۆڭىكىنىڭ ئىچكى بوشلۇقى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا ئىگىلەيدىغان ئورنى روشەن بولمايدۇ، شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا باش ئاغرىمايدۇ، بىراق ئۆسمە سان ئۆزگىرىشتىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئايلانغاندا چوڭ مېڭىنى بېسىۋېلىپ، مېڭە بىلەن يۇلۇن سۇيۇقلۇقنىڭ ئۆتۈش يولىنى توسۇۋالىدۇ- دە، مېڭىدە سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ. باش سۆڭىكىنىڭ ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا باش تۇيۇقسىزلا چىدىغۇسىز دەرىجىدە ياكى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، يولنى راۋان ماڭالماسلىق، تۇتقاقلىق، ياندۇرۇش، يان پالەچلىك، نېرۋىسى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ چىڭقىلىپ ئاغرىش تەدرىجىي ئېغىرلىشىپ، باشنىڭ ھەممە يېرى ئاغرىشتەك ئالاھىدىلىكى ئىپادىلىنىدۇ.
سوزۇلما خاراكتېرلىك قانلىق ئىششىق: سوزۇلما خاراكتېرلىك مېڭە تىقىلمىسى مېڭە پەردىسىنىڭ ئاستىدىكى غايەت زور قانلىق ئىششىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ كېسەللىك كۆپىنچە باشنىڭ سىرتقى زەخمىگە ئۇچرىشىپ كېلىپ چىقىدۇ. بىراق ياشانغانلار بۇ سىرتقى زەخمىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ، 1-2ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن باش ئاغرىش، باش چىڭقىلىش، بەدەننىڭ ئوڭ، سول تەرەپلىرى سەزگۈسىنى تەدرىجىي يوقىتىش، تارتىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە زادى نېمە سەۋەبدىن بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ.
مېڭە ئارتېرىيە ئۆسمىسى: بۇ ئۆسمە تۇغما بولۇپ، ئادەتتە چوڭ مېڭىنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىكى باش سۆڭىكىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ، مۇبادا ئۆسمە يېرىلىپ قاناپ كەتمىسە باش ئاغرىمايدۇ، نېرۋىمۇ زەخىملەنمەيدۇ. ئەگەر ئۆسمە يېرىلىپ قاناپ كەتسە خەتەرلىك بولۇپ، باش توساتتىن قاتتىق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش، باش چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە ھوشىدىن كېتىش، تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەگەر 1-2كۈنلەردىن ھوشىغا كېلەلىسە باش ئاۋۋالقىدەكلا ئاغرىيدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆپرەك كۆرۈلىدىغىنى كۆز قارىچۇقىنىڭ ھەرىكىتى ئاستىلاپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ياكى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ.