ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى
1. كېسەللىك تارىخى
ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، ئەقىلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆپ كۆرۈلىدۇ. كېسەللىكى بىر قەدەر ئېغىر بىمارلاردا پۇت ئاغرىش ياكى پۈتۈن بەدىنى ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كېسەللىكى خېلىلا ئېغىرلارنىڭ بويى پاكارلايدۇ ياكى دوك بولۇپ قالىدۇ.
2. كېسەللىك ئالامىتى ۋە بەدەن بەلگۈسى
سۆڭەك سۇنۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىسە بەدەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاغرىش نۇقتىسىنى بايقاشقا بولمايدۇ، چارچىغان ياكى ئېغىر ھەرىكەت قىلغۇچىلاردا سۆڭەك ئاغرىش ئېغىرلىشىدۇ، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتىرەلميدۇ، كۆپىنچە بەل ئومۇرتقىسى بېسىلىش خاراكتېرلىك سۆڭەك سۇنۇش كۆپ كۆرىلىدۇ.
3 . دىئاگنوز ئۆلچىمى
جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتى سۆڭەك شالاڭلىشىشقا دىئاگنوز قويۇش گۇرۇپپىسى 1999 - يىلى كۈنمىڭدا تۆۋەندىكى ئۆلچەمنى تۈزۈپ چىققان.
دىئاگنوز پرىنسىپى: سۆڭەك شالاڭلىشىشقا دىئاگنوز قويۇشتا سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ئاساسلىق ئىسپات قىلىپ، بىمارنىڭ يېشى، كېسەللىك تارىخى، سۆڭەك سۇنۇش ۋە لابوراتۇرىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش لازىم.
دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇل: سۆڭەك زىچلىقى تۆۋەنلەشتە سۆڭەك مېنرال ماددا تەركىبىنى ئۆلچەش، بەل ئومۇرتقىسىنى رەسىمگە ئېلىش نەتىجىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، بۇ ئۆلچەم نۆۋەتتە قوش ئىقتىدارلىق رېنتگېن نۇرىنىڭ سۈمۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە بېكىتىلدۇ. سۆڭەك زىچلىقىنى ئۆلچەش ئەسۋابى يوق ئورۇنلار رېنتگېندە بەل ئومۇرتقىسى، يوتا سۆڭكى بوينىنى، ئۆكچە ( تاپان ) سۆڭىكى قاتارلىق ئورۇنلارنى رەسىمگە ئېلىپ سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ بار - يوقلىقىغا دىئاگنوز قويۇش لازىم.