53 مىليون ياۋرو تەخمىنەن 450 مىليون خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن بىر ئۆمۈر يىققىلى بولمايدىغان پۇل ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۆتكەنكى بىر يىل ئىچىدە مېسسىنىڭ ئىسپانىيە باج تارماقلىرىغا تاپشۇرغان باج ئومۇمىي سوممىسى 53 مىليون ياۋروغا يەتكەن.
"دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى"مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى: مېسسى تاپشۇرغان بۇ 53 مىليون ياۋرو باج پۇلى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بىر قىسمى بولسا ئۇ ئۆتكەنكى بىر يىلدا تاپشۇرغان تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان باج پۇلى، بۇ شەخسىي تاپاۋەت بېجى، مالىيە بېجى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە بىر قىسمى بولسا ئۇنىڭ باج ئوغرىلىغان ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 2007 - يىلىدىن 2009 - يىلىغىچە مېسسىنىڭ باج ئوغرىلىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن، بۇ ۋەقە تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، مېسسى مالىيە خادىملىرىغا ھېسابات تەكشۈرۈشىنى بۇيرىغان، ھەم 2010 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىل جەريانىدىكى ئوغرىلىغان باج سوممىسىنى تاپشۇرغان.
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقە باسقۇچىدا مېسسى توپ كىرگۈزەلمىگەن، ئارگېنتىنا كوماندىسىمۇ ئاخىرى گېرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ ئىككىنچى بولۇپ قالغان، ھەتتا ئارگېنتىنانىڭ سابىق چولپىنى كەمپىسمۇ مېسسىدىن نارازى بولغان، ھەم مېسسىنى شاللاش مۇسابىقە باسقۇچىدا تىرىشمىدى دەپ تەنقىدلىگەن. سىرتتىكىلەرنىڭ مېسسىنى تەنقىدلىشىگە قارىتا، ئارگېنتىنا چولپىنى ماسچېرانو مېسسىنى ئاقلاپ مۇنداق دېدى: مېسسىنىڭ تەنقىدگە ئۇچرىشى ئادالەتسىزلىك. مېسسى بولمىغان بولسا بىز دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشالمىغان بولاتتۇق. مەشقاۋۇل سابېللا ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىقتىدارى ۋە ساداقىتىنى نامايان قىلدى.