2014-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:00 ( برازىلىيە ۋاقتى 13-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن 4:00)دە، 2014- يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ھەرل قىلغۇچ مۇسابىقىسى رىئودى ژانىيرودىكى ماراكانا تەنتەربىيە مەيدانىدا گېرمانىيە بىلەن ئارگېنتىنا ئوتتۇرىسىدا ئوينالدى. ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىدا گوتىزنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن گرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.
مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى:
گېرمانىيە چېمپىيونلۇقتا ئىتالىيە بىلەن تەڭلەشتى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئارگېنتىنانى مەغلۇپ قىلىپ، گېرمانىيە تۆتىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، ئىتالىيەنىڭ چېمپىيونلۇق سانى بىلەن تەڭلەشتى. گېرمانىيە سەككىز قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ تۆت قېتىم چېمپىيون بولۇپ، تۆت قېتىم ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ئۈچۈن گېرمانىيە 24 يىل ساقلىدى. گېرمانىيە ئالدىنقى قېتىم 1990- يىللىق ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
گېرمانىيە قارغىشنى بىتچىت قىلدى. تارىختا جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەممىسىدە جەنۇبىي ئامېرىكا كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. بۇ قېتىم گېرمانىيە ئارگېنتىنانى مەغلۇپ قىلىپ ياۋروپا كوماندىسىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكىدا چېمپىيون بولالماسلىق «قارغىشى» نى بىتچىت قىلىپ برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
كىلوزنىڭ دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى ئاياقلاشتى. كىلوز بۇ يىل 36 ياشقا كىلوز تۆت نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ جەمئىي 16 توپ كىرگۈزدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە كىلوزنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى 24 مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسىدا 24 مەيدان مەيدانغا چىقىپ ماتىئۇستىن كېيىن تۇردى. بۇ مەيدان مۇسابىقە كىلزونىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلىشىش مۇسابىقىسى بولدى.
برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا 171 توپ كىرىپ دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرىش رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى. گوتىز ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىدا كىرگۈزگەن توپ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 171- توپى بولۇپ، 1998-يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ كىرگەن توپ سانى بىلەن تەڭلەشتى.
4-مىنۇتتا ئارگېنتىنا تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، لاۋىززى پاس بەردى، ھىگۇايىن چەكلەنگەن رايون ئوڭ تەرەپتىن تەپكەن توپ قېيىپ كەتتى. 21-مىنۇتتا كىروس كاللا توپنى قايتۇرۇپ بەرگەندە، خاتالىق سادىر قىلدى، ھىگۇايىن يەكمۇ يەك بۆسۈپ كىرىپ شۇنداق ياخشى توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى يوق قىلدى. 30-مىنۇتتا مېسسى ئوڭ تەرەپكە پاس بەردى، لاۋىززى ئوڭ تەرەپتىن 45 گرادۇسلۇق يانتۇ پاس تاشلىدى، ھىگۇايىن توپ كىرگۈزدى، ئەمما يان رېپىر ئورۇندىن ھالقىش بايرىقىنى كۆەردى، باش رېپىر ئورۇندىن ھالقىش دەپ ھۆكۈم قىلىپ توپنى ئىناۋەتسز ھېسابلىدى. 37-مىنۇتتا مۇللېر سول تەرەپتىن بېكتىن ئۆتۈپ بۆسۈپ كىرىپ توغرىسىغا پاس بەردى، شۈرلى ئۈلگۈرۈپ كېلىپ تەپكەن توپنى رومېرو توسۇپ چىقىرۋەتتى. 40-مىنۇتتا مېسسى خوۋدىستىن ئۆتۈپ چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ ئېسسىپ تەپكەن توپنى بوئاتىڭ ۋارتار سىزىقى ئۈستىدە توسىۋالدى. 43-مىنۇتتا ئۆزىل توپ بۆلۈپ بەردى، كىروس چەكلەنگەن رايون يان تەرەپتىن تەپكەن توپنى رومېرو توسىۋالدى. 45-مىنۇتتا كىروس بۇلۇڭ توپ چىقاردى، خوۋدىس ئۈسىگەن كاللا توپ تۈۋرۈككە تەگدى. قايتقان توپنى مۇللېر تەپتى، رومېرو توسىۋالدى. 47-مىنۇتتا بىگلىيا ئىتتىرىپ بەردى، مېسسى ئورۇندىن ھالقىشقا قارشى چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ نويېر بىلەن يەكمۇ يەك ھالدا تەپكەن توپ تۈۋرۈك سوقتى. 59-مىنۇتتا لام ئوڭ تەرەپتىن بۆسۈپ كىرىپ پاس بەردى، كىلوز ئۈسىگەن كاللا توپنى رومېرو توسۇپ چىقىرىۋەتتى. 82-مىنۇتتا لام ئىتتىرىپ بەردى، ئۆزىل ئوڭ تەرەپتىن بۆسۈپ كىرىپ قايتۇرۇپ پاس بەردى، كىلوس ئۈلگۈرۈپ كېلىپ تەپكەن توپ قېيىپ كەتتى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزۈلمەي مۇسابىقە ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىدا 91-مىنۇتتا گوتىز ئېسىپ پاس بەردى، شۈللېر چەكلەنگەن رايوندا سول تەرەپتىن كىچىك بۇلۇڭغا تەپكەن توپنى رومېرو توسۇپ چىقىرىۋەتتى. 97-مىنۇتتا روخو پاس بەردى، پالاسىئو نويېر بىلەن يەكمۇ يەك ھالدىكى توپنى قايدۇرىۋەتتى، پالاسىئو ياخشى بولغان توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى يوق قىلدى. 113-مىنۇتتا شۈرلى سول تەرەپتىن پاس بەردى، گوتىز چەكلەنگەن رايوندا توپنى مەيدىسىدە توختىتىپلا تېپىپ كىرگۈزۈپ غەلبىنى مۇقىملىدى. ئەڭ ئاخىرىدا گېرمانىيە 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 1-0 نەتىجىدە ئارگېنتىنانى مەغلۇپ قىلىپ، 2014- يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ھەم شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.