ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

ئارگېنتىنا 118-مىنۇتتا شىۋىتسارىيەنى بوغۇزلاپ ئۇدا سەككىز كۈچلۈككە كىردى

ۋاقتى : 2014-07-02  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

01.jpg
 

2014- يىلى 7-ئاينىڭ 1- كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:00 (برازىلىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 1:00)دە، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسى سان پاۋلو شەھىرى سان پاۋلو رىقابەت مەيدانىدا ئارگېنتىنا بىلەن شىۋىتسارىيە ئوتتۇرىسىدا ئوينالدى.
ئارگېنتىنا 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 118-مىنۇتتا مېسسىنىڭ پاس بېرىشى، دىمارىيانىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن 1-0 نەتىجىدە شىۋىتسارىيەنى مەغلۇپ قىلىپ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم سەككىز كۈچلۈككە كىردى.

 
مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى :
ئارگېنتىنا ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا سەككىز كۈچلۈككە كىردى. 1986-يىلدىن بۈگۈنگىچە، ئارگېنتىنا سەككىز نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا يەتتە قېتىم 16 كۈچلۈككە كىرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە قېتىم سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىۋىتسارىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا سەككىز كۈچلۈككە كىردى.
بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ھازىرغىچە يەتتە مەيدان سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە تۆت مەيدان ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە ئوينالدى. بۇ خىل ئەھۋال 1990-يىللىق ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆرۈلدى.
شىۋىتسارىيە تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىگە يىتىش ئارزۇسىغا يىتەلمىدى. شىۋىتسارىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ئۈچ قېتىم سەككىز كۈچلۈككە كىرىش، بىراق ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1954- يىلى سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن. ئەڭ يېقىندا ئىككى قېتىم 16 كۈچلۈككە كىرگەن، سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسىدە 1994-يىلى ئىسپانىيە شاللىۋەتكەن، 2006-يىلى ئۇكرائىنا شاللىۋەتكەن. بۈگۈن مۇسابىقىنى 120 مىنۇتقا سوزۈپ، نۇقتا توپ جېڭىگە كىرىشكە ئاز قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا 118 -مىنۇتتا يەنىلا سەككىز كۈچلۈككە كىرىش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلاندى.
 
 
مۇسابىقە باشلىنىپ 9-مىنۇتتا شىۋىتسارىيە تاكتىكىلىق بۇلۇڭ توپ باشلىدى، ئىنلېر يىراقتىن ۋارتاغا تەپكەن توپ ئېگىز چىقىپ كەتتى. 20-مىنۇتتا شىۋىتسارىيە ئارگېنتىنانىڭ ھۇجۇمىنى قوپال مۇداپىئە قىلىشقا باشلىدى، ھېچقانداق توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتى بەرمىدى. 25-مىنۇتتا مېسسى ئىختىيارى توپ باشلىدى، ھىگۇايىن ئۈسىگەن كاللا توپ ئېگىز چىقىپ كەتتى. 27-مىنۇتتا شىۋىتسارىيە تاكتىكىلىق بۇلۇڭ توپ باشلىدى، شاچىرى بۇلۇڭ توپنى قوبۇل قىلىپ چەكلەنگەن رايونغا تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىرىپ ئوڭغا پاس بەردى، شاكا تەپكەن توپنى رومېرىئو توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئارقىدىن لىچىستېينېر تەپكەن توپنى رومېرو يەنە قايتا چىقىرىۋەتتى. 39-مىنۇتتا دىمىچ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ ئېسىپ توپ تەپكەن توپنى رومېرو توسىۋالدى. 62-مىنۇتتا روخو سول تەرەپتىن پاس بەردى، ھىگۇايىن كاللا توپ ئۈسىدى، بېناگلىئو توپنى توسۇپ چىقىرۋەتتى. 75-مىنۇتتا مېسسى سول تەرەپتىن پاس بەردى، پالاسىئو ئۈسكەن كاللا توپ قېيىپ كەتتى. 78-مىنۇتتا مېسسى ئوتتۇرىدىن چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ ۋارتاغا تەپتى، بېناگلىئو توسۇپ چىقىرىۋەتتى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي 0-0 تەڭلىشىپ، مۇسابىقە ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدان 13-مىنۇتتىدا مېسسى ئۇدا بىرقانچە ئادەمدىن ئۈتۈپ ئوڭ تەرەپكە توپ بۆلۈپ پاس بەردى، دىمارىيا توپ ئۇرۇپ شىۋىتسارىيەنى بوغۇزلىدى.
ئارگېنتىنا دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا سەككىز كۈچلۈككە كىردى.
 
 
 
 






















ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا