ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

نېفىت باھاسى داۋاملىق چۈشىدىكەن

ۋاقتى : 2015-03-17  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

20150317121719639.png

سىنا تورىنىڭ 17-مارت خەۋىرى : 3-ئاينىڭ 16-كۈنى نېفىت باھاسى 6 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھادا بازار يېپىلدى. خام نېفىت بازىرىنىڭ ئىتتىك بولۇشى ئۇزاق كەلگۈسىدىكى ئىش بولۇپ، ھازىر يەنە بىر خەۋەر شىددەت بىلەن چۈشىۋاتقان نېفىت باھاسىغا ئېغىر زەربە بولدى: يەنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2-ئايدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسىنىڭ خان نېفىت ئېچىش سانلىق قىممىتى 179.8 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.4 ئاشقان. تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خام نېفىت بازىرىكى تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشى بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدىكەن.
شىددەت بىلەن چۈشىۋاتقان نېفىت باھاسى خام نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسىنىڭ خام نېفىت بۇرغىلاش پائالىيەت كۆرسەتكۈچى 2-ئايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.4، ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن %21.4 چۈشتى. تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش بازار ھۇجۇمىنى كېمەيتىسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ۋاقىت كېتىدىكەن. ھالبۇكى نۆۋەتتىكى نېفىت باھاسى تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك چۈشىۋاتىدۇ، بۇ تەدبىرنىڭ تەسىرى ئانچە چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن.
نيۇيورك قەرەللىك مال بازىرىدىكى خام نېفىت باھاسى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى %2.1 چۈشۈپ، ھەر باكى 43.88 ئامېرىكا دوللىرىدا بازار يېپىلىپ، 2009-يىلى 3-ئايدىن  بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشۈپ قالدى.

ئاينۇر تەرجىمىسى

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا