ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

تۈركىيە پۇل مۇئامىلە بازىرى ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدى

ۋاقتى : 2015-03-09  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

02.jpg

تېڭشۈن ئىقتىساد تورىنىڭ 8-مارت خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سىتى بانكىسى (Citibank) تۈركىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ بانكا Akbank TAS نىڭ بانكا كەسپىدىن  چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە Akbank نىڭ تەخمىنەن %10 پېيىنى ئازايتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ تۈركىيەگە 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
 خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سىتى بانكىسى تۈركىيەدە مەبلەغ سالغىلى يەتتە يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەر سىتى بانكىسىنىڭ تۈركىيەدىن ئايرىلىشتىكى جىددىي كەيپىياتىدىن شۇنداقلا يەنە تۈركىيە پۇل مۇئامىلە بازىرىدا زور خەۋپ يوشۇرۇنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
 ئامېرىكا دېموكراتىيەنى قوغداش فوندى جەمئىيىتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى دوكتور جوناسېن (Jonathan Schanzer) نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى يىل تۈركىيە پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ قىيىنچىلىق مەزگىلى بولۇپ، بۇ تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋاتئوغلۇنىڭ تۇيۇقسىز ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن، ئۇ جىددىيلەشكەن بانكىچى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى تىنچلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان، ئۇ ھەتتا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە ئۆزىنىڭ سەپىرى توغرۇلۇقمۇ ئېيتمىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە قارىتا تۈركىيەلىكلەرمۇ تەشۋىشكە چۈشۈپ قالغان.
 مەبلەغ سېلىش شىركىتى Deltec International Group نىڭ ئېيتىشىچە، كۆپ قېتىملىق مالىيە قىزىل رەقىمى، تۆۋەن سەۋىيەدىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى، قىسقا مۇددەتلىك تاشقى قەرز ۋە يېتەرلىك بولمىغان ئىچكى ئېھتىياج سەۋەبىدىن تۈركىيە دۇنيادىكى خەۋپلىك ئەھۋالدا قالغان يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان.
 بۇ تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە رۇسىيە ۋە ۋېنېسۇئېلا بىلەن ئوخشاش ئاپەتكە يولۇققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2015-يىلىنىڭ بېشىدىلا تۈركىيە لىراسىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %10 تىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە ئالدىنقى ھەپتە يېڭى تۆۋەن چەككە چۈشكەن.
 BGC Partners شىركىتىدىكى كاداس دوگاننىڭ ئېيتىشىچە، سىتى بانكىسىنىڭ قولىدىكى پاينى ئالدىن سېتىۋېتىشى ياخشى بولمىغان بازار ئالامىتى بولۇپ، بۇ بازارنىڭ داۋاملىق ناچارلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
 ئىگىلىنىشىچە، سىياسىي مەسىلىلەرمۇ بۇنداق بولۇشتا تېخىمۇ كۆپ سەۋەبلەرنى ئىگىلىگەن. گەرچە رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئەسلىدە تەرەققىيپەرۋەر، بازارغا ناھايىتى يوپۇشۇپ تۇرىدىغان باش مىنىستىر بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن ئانالىزچىلار ئۇنىڭ نۆۋەتتە مەركىزىي بانكىنىڭ سىياسىتىگە ئارىلاشقانلىقىدىن ئەندىشە قىلغان. لىرانىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچكى كابنت ئەزالىرى ناھايىتى تەمكىن ھالەتتە تۇرغان ھەمدە تېلېۋىزوردا لىرا «ئۆزىنىڭ تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى تاپتى» دەپ جاكارلىغان.
 شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكجى ( Nihat Zeybekci) لىرانىڭ قىيىنچىلىقىنى مەركىزىي بانكىغا ئىتتىرىپ قويۇپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى كۆتۈرۈش يېتەرلىك بولمىدى دېگەن.
 تەرجىمىدە: ھاجىم

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا