پەن-تېخنىكا تورىنىڭ 5-مارت خەۋىرى: 451 Research نىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل جۇڭگودا 80 مىليونغا يېقىن تاختا كومپيۇتېر سېتىلىپ، تاختا كومپيۇتېرنىڭ سېتىلىش مىقدارى %26 ئاشىدىكەن، 2016-يىلى ئېشىش نىسبىتى %20 كە يېتىدىكەن.
گەرچە تاختا كومپيۇتېر سېتىلىش مىقدارى ئېشىش نىسبىتى پەسىيىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق 451 Research نىڭ مۆلچەرلىشىچە 2018-يىلى سېتىلىش مىقدارى 115 مىليون 870 مىڭغا يېتىدىكەن، بۇ جۇڭگونى شەك-شۈبھىسىزكى تاختا كومپيۇتېر چوڭ بازىرىغا ئايلاندۇرىدۇ.