ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

تۈركىيە گىلەم ۋە باشقا توقۇمۇچىلىق ماتېرىياللىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالىدۇ

ۋاقتى : 2015-03-04  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

01.jpg

خېشۈن تورىنىڭ 4-مارت خەۋىرى: تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى 2015/7252 نومۇرلۇق ھۆكۈمەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغان كۈندىن (2015-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى) باشلاپ، گىلەم ۋە باشقا توقۇمۇچىلىق ماتېرىياللىرى بۇيۇملىرىدىن %45 ~ %50 كېچە قوشۇمچە تاموژنا بېجى (Additional Customs Duties) ئېلىنىدىكەن، پەقەت تۈركىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى (FTA) تۈزىگەن دۆلەت ۋە رايونلار بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ تۈردىكى دۆلەتلەر ئىمپورت قىلغان بۇ خىل مەھسۇلاتلار قوشۇمچە تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىش ئوبيېكتىغا تەۋە بولىدىكەن.
 (1) ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئەركىن سودا بىرلەشمىسى (EFTA)، ئىسرائىلىيە، ماكېدونىيە، بوسنىيە، گېرتسېگوۋېنا، موناكو، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززا، تۇنىس، مىسىر، جورجىيە، ئالبانىيە، ئىيوردانىيە، سېربىيە، مونتېنېگرو ۋە كوسوۋو؛
 (2) جەنۇبىي كورېيە؛
 (3) ماۋرىتىئۇس؛
 دوكلاتتا تىلغا ئېلىنىشىچە، ئۇقتۇرۇش قىلىنغان كۈن (2-ئاينىڭ 18-كۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) دىن بۇرۇن پاراخوتقا قاچىلانغان ھەمدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغان كۈندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە (3-ئاينىڭ 17-كۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۈركىيەگە كەلگەن بۇيۇملاردىن بۇ خىل قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىكەن.
 تەرجىمىدە: ھاجىم

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا