ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

2014-يىلى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ئىستېمال مىقدارى %18.1 تۆۋەنلىدى

ۋاقتى : 2015-03-04  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا  

20150304114454746.jpg

ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ 4-مارت خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى شىنجاڭدا سېتىلغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىىرى ئىچىدە تاۋار تۈرى بۇيىچە قارىغاندا، كىيىم كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، توقۇلما بۇيۇم تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئۈن سىن بۇيۇملىرى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تاۋارلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىدا ئازراق ئېشىش كۆرۈلگەن، ئەمما ئالتۇن كۈمۈش، ئۈنچە مەرۋايىت تۈرىدىكى تاۋارلار، ئاپتوموبىل تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئازراق تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن كۈمۈش، ئۈنچە مەرۋايىت تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى %18.1 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، چۈشۈش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان.
 مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بۆلۈملىرىدىن ئىگىلىشىچە، گەرچە 2014-يىلى ئالتۇن باھاسى يەنىلا بىر تۆۋەن باھادا ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما ئىستمالچىلار تەدرىجىي ھالدا نەرسە سېتىۋالغاندا ئاقىلانە يول تۇتۇشقا باشلىغان؛ توي قىلغاندا سوۋغا تەقدىم قىلىدىغان زۆرۈر ئېھتىياج يەنىلا ئاشقان، ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئالتۇن كۈمۈش، ئۈنچە مەرۋايىتقا مەبلەغ سالمىغان. 2013-يىلى ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە چۈشكەن، بىر قىسىم كىشىلەر ھاياجاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالماي كۆپ مەبلەغ سېلىپ، ئالتۇن باھاسى چۈشىۋەرگەندە سېتىۋىتىشكە مەجبۇر بولغان، 2014-يىلى شىنجاڭلىقلار مەبلەغ سېلىشتا تېخىمۇ ئاقىلانە يول تۇتقان.
 «دوكلات» تا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى شىنجاڭدىكى ئۆي زېمىن بازىرىدىكى مەبلەغ سېلىنمىسىدا ئېشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن ، ئەمما سېتىلىش كۆلىمى تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكىدىن %12.4 يۇقىرى تۇرغان، تۇرالغۇ ئۆيلەرگە مەبلەغ سېلىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكىدىن %1.7 يۇقىرى بولغان، تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىمۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %7.6 لىك سەۋىيەسىدىن %2.4 يۇقىرى بولغان.
 تەرجىمىدە: ھاجىم

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا