ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ 4-مارت خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئەلى بابا گۇرۇھى ئامما ۋە خېرىدارلار ئالاقە بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، ئەلى بابا چىقارغان ئەلى ئىقتىساد بۇلۇت دىئاگراممىسى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭ يېمەكلىكلىرىنىڭ تاۋباۋدىكى سېتىلىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتتە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
ئەلى ئىقتىساد بۇلۇت دىئاگراممىسى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭ، تەيۋەننىڭ نازۇ نېئمەتلىرى باشقىلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. سېتىپ چىقىرىلغان يېمەكلىكنىڭ ئىگىلەش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى رايونلارغا قارىغاندا، شىنجاڭ بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، مەسىلەن، ئالار شەھىرى سېتىپ چىقارغان تاۋارلارنىڭ ئىچىدە %83 ى يېمەكلىك ئىكەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى سېتىپ چىقارغان تاۋارلار ئىچىدە %74 ى يېمەكلىك ئىكەن. تەيۋەن ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، تەينەن ناھىيەسى توردا ساتقان تاۋارلارنىڭ %67 ى يېمەكلىك ئىكەن.
تەرجىمىدە: ھاجىم