ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

سەئۇدى ئەرەبىستان ئاسىياغا خام نېفىت ئېكسپورت قىلىش باھاسىنى ئۆرلەتتى

ۋاقتى : 2015-03-04  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا  

20150304102654420.jpg

سىنا تورىنىڭ 4-مارت خەۋىرى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاسىيادىكى سېتىۋالغۇچىلارغا قارىتىلغان باھا بېكىتىش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاسىيا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان خام نېفىت باھاسىنى چوڭ كۆلەمدە ئۆستۈرگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاسىياغا خام نېفىت ئېكسپورت قىلىش باھاسىنى ئىزچىل تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق بازاردىكى ئىگىلىگەن نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرگەن.
 خەۋەر قىلىنىشىچە، خام نېفىت سېتىۋالغۇچىلىرىغا تاپشۇرۇلىدىغان بىر پارچە سېتىش جەدۋىلىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت نېفىت شىركىتى 4-ئايدا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان خام نېفىتنىڭ ھەر باكىنىڭ باھاسىنى 1.4 ئامېرىكا دوللىرى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى  بىر قانچە ئايدىكى باھانى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى ئۆزگەرتكەن. مەزكۇ سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت نېفىت شىركىتى يەنە ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان خام نېفىت باھاسىنى ھەر باكىنى 1 ئامېرىكا دوللىرى ئۆستۈرگەن.
 سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ قېتىملىق باھا ئۆستۈرۈش كۆلىمى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى كۆپ قېتىملىق باھا تەڭشەش كۆلىمىدىن خېلىلا چوڭ بولۇپ، بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ تۆۋەن باھا تەڭشەش كۆلىمى ئارانلا نەچچە سېنت بولغان.
 
تەرجىمىدە: ئاينۇر

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا