ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

خەلقئارا نېفىت باھاسىدا 6 يىلدىن بۇيان ئەڭ چوڭ يەككە ئايلىق ئۆرلەش كۆرۈلدى

ۋاقتى : 2015-02-28  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى  

6.png

خەلقئارا نېفىت باھاسىدا 6 يىلدىن بۇيان ئەڭ چوڭ يەككە ئايلىق ئۆرلەش كۆرۈلدى
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 28-فېۋرال خەۋىرى: برېنت خام نېفىت قەرەللىك مېلىدا 2009-يىلى 5-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە ئايلىق ئۆرلەش كۆرۈلىدۇ، سەۋەبى ئېھتىياج ئەھۋالى ياخشى، بىرلا ۋاقىتتا بىر قىسىم ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردە تەمىنلەش ئۈزۈلدى.
لوندون خەلقئارا بېرژىسى 4-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان برېنت خام نېفىت باھاسى 27-فېۋرال چۈشتىن كېيىن 1.10 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، ھەر باكى 61.15 ئامېرىكا دوللىرى بولدى. ئۇدا يەتتە ئاي چۈشكەندىن كېيىن، بۇ خەلقئارا خام نېفىت ئۆلچىمىدە 2-ئايدا %15 ئېشىش كۆرۈلۈپ، ئالتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە ئايلىق ئۆرلەش بولۇپ قالدى.
ئامېرىكا نېفىت باھاسى ئۆلچىمى نيۇيورك تاۋار بېرژىسى 4-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان تېكساس ئوتتۇرا سۈپەتلىك خام نېفىت باھاسى 1 ئامېرىكا دوللىرى ئكسۈپ، ھەر باكى 49.19 ئامېرىكا دوللىرى بولدى. بۇ ئۆلچەم 2-ئايدا %2 ئاشتى، 2014-يىلى 6-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئايلىق ئۆسۈش كۆرۈلدى.
مەسلىھە بېرىش شىركىتى Petromatrix دىكى ئولىۋىيېر جاكوب (Olivier Jakob)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىسبەتەن تۆۋەن نېفىت باھاسى ياۋروپا ۋە جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قوزغاتقان. ئۇ:«بېنزىن ۋە دىزېل قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياج كۈچلۈك، ماي ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ خام نېفىتقا بولغان ئېھتىياجىنى جانلاندۇرماقتا، چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ كۈچلۈك پايدا نىسبىتىنى كۆرۈپ يەتتى» دېدى.
ئامېرىكىنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىشى ھەمدە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئۆزگەرتمەسلىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاجىز يەر شارى ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دېگەن ئەندىشە نېفىت باھاسىنىڭ 2014-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تەرجىمىدە: ئوكيان
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا