ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

ئاۋسترالىيە جۇڭگولۇق ئۆي سېتىۋالغۇچىلاردىن يېڭى باج ئالىدۇ

ۋاقتى : 2015-02-26  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

20150226104327246.jpg

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 26-فېۋرال خەۋىرى: ئاۋسترالىيە چەتئەللىك ئۆي سېتىۋالغۇچىلاردىن باج ئېلىشنى پىلانلىدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى بارغانسېرى چەكلەۋاتقانلىقىنىڭ يېڭى بەلگىسى. ئۆتكەن يىلى جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئۆي-مۈلۈكىگە سالغان مەبلىغى %60 ئاشتى.
 ئاۋسترالىيەدىكى كىشىلەر تۇرالغۇ ئۆي بازىرىدىكى باھانىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇپ، ئۇلارنى ئىشىك سىرتىدا قالدۇرغانلىقىدىن ئاغرىندى. ئاۋسترالىيە بۇ تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن، شياڭگاڭ بىلەن سىنگاپور شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىراق تېخىمۇ جازالاش خاراكتېرىگە ئىگە باج يىغىشنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئاساسلىقى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مەبلەغ ئېقىنىنىڭ ئاشۇ بازارلارغا كىرىشىنى چەكلەش بولدى. بۇ 3 جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ خىلدىكى باج يىغىش ھەر قانداق بىر يەككە دۆلەت تەۋەلىكىگە قارىتىلمىغان ئىكەن.
 ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بىر يىلدا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى سېتىۋالغۇچىلار ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ھەمدە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر تۇرالغۇ ئۆي خوجىلىقىدىكى ئەڭ چوڭ يەككە چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلار توپىغا ئايلانغان.
 ئامېرىكا ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىلىرى جەمئىيىتى US National Association of Realtors نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى 3-ئايغىچە بولغان بىر يىلدا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى سېتىۋالغۇچىلار ئامېرىكىدىكى تۇرالغۇ ئۆينىڭ بارلىق چەتئەل سېتىۋالغۇچىلىرىنىڭ 4 تىن 1 قىسىمىغا يېقىننى ئىگىلەپ، چىقىم تەخمىنەن 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكى 12 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.
 ئوخشاش مەزگىلدە ئىككىنچى چوڭ چەتئەل سېتىۋالغۇچىسى كانادالىقلارنىڭ چىقىمى 13 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
 جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاچقۇچى سودىگەرلەرنىڭ نىيۇيورك، لوندون ۋە سېدنى قاتارلىق ئالتۇن بازىرىدا سالغان تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى سېتىۋالغۇچىلارغا بىۋاسىتە سېتىپ بېرىلگەن.
 لوندوندا، ئۆي-مۈلۈك مەسلىھەتچىلىك شىركىتى Knight Frank نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى جۇڭگودىكى سېتىۋالغۇچىلار 1 مىليون فوند ستېرلىڭدىن يۇقىرى ئۆي سېتىۋېلىش سودىسىدا %11 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، 2012-يىلىدىكى %4 تىن خېلىلا يۇقىرى. ئىككىنچى چوڭ توپ رۇسىيەلىك سېتىۋالغۇچىلار سېلىشتۇرما سانى %5 بولۇپ، بۇ نىسبەت كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگىرىپ باقمىدى.
 ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 3 يىلدا بىر تۈرلۈك باج يىغىش ئىسلاھاتى يۈرگۈزگەن بولۇپ، باي چەتئەللىك سېتىۋالغۇچىلارنىڭ لوندون تۇرالغۇ ئۆي بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان. بۇ خىل ھەرىكەت قىرغاققا يېقىن شىركەتلەردىن پايدىلىنىپ سېتىۋالغان تۇرالغۇ ئۆيگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ خىل قىلمىش تۇرالغۇ ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تەكشۈرۈشنى قىيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ .

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا