تېشڭۈن تورىنىڭ 25-فېۋرال خەۋىرى: دۆلەت ئىچى تەييار ماي باھا بېكىتىش مېخانزىمىنىڭ «10 كۈندە بىر قېتىم تەڭشەش» پرىنسىپىغا ئاساسەن، دۆلەت ئىچى نېفىت باھاسى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى يەنە بىر قېتىم تەڭشىلىدۇ. كۆپلىگەن ئاپپپارات تەھلىلچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەقەت خام نېفىت باھاسى داۋاملىق شىددەت بىلەن چۈشسە، بۇ نۆۋەتلىك نېفىت باھاسى توختايدىكەن. شۇ سەۋەبلىك بۇ قېتىملىق باھا تەڭشەش ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلىپ بولغان بولۇپ، تەييار نېفىت بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆسىدىكەن.
ئۇنىۋېرسال تەھلىلدىن قارىغاندا، 2-ئاينىڭ 27-كۈنى دۆلەت ئىچى تەييار نېفىت تەڭشەش كۆزنىكى يەنە بىر قېتىم ئېچىلىپ، تەڭشەش كۆلىمى توننىسى 300 يۈەندىن بولىدىكەن. بۇ تەييار نېفىتنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆرلىشى ھېسابلىنىدۇ.
تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن رايونلاردىكى 93# بېنزىننىڭ ھەر لېتىرى 5.85 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، 92# بېنزىننىڭ ھەر لېتىرى تەخمىنەن 5.98 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن، بۇ قېتىملىق تەڭشەش ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، مەملىكەتتىكى 93# بېنزىن ئومۇميۈزلۈك «6 يۈەنلىك دەۋر» گە قايتىدۇ.