بىرلەشمە سەھەر تورىنىڭ 24-فېۋرال خەۋىرى: ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاز دېگەندىمۇ ئون بانكا قىممەت مېتاللار بازىرىنى تىزگىنلەشكە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى نۆۋەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.
«ۋاقىت گېزىتى خەۋەرلىرى» نىڭ «ۋال كوچىسى گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىپ ئېيتىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپادىكى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك دەلىل ئىسپات تاپالماي، ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ،ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى ۋە تاۋار قەرەللىك مال سودىسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار قىممەت مېتاللار بازىرىنى تىزگىنلەشتەك نامۇۋاپىق قىلمىشقا چېتىلىپ قالغان ئاز دېگەندىمۇ ئون بانكىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مونوپوللوققا قارشى ئورونلىرىدىكى تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارلار لوندون بازىرىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، ئاق ئالتۇن ۋە پور پېزىت باھاسىنى بېكىتىش جەريانىنى تەكشۈرىدىكەن. تاۋار قەرەللىك مال سودا كومىتېتى ھەق تەلەپ تەكشۈرۈشىنى يولغا قويغان.
ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى خۇيفېڭ بانكىسى، كانادا سىكوتىيا بانكىسى، باركلېيس بانكىسى، شىۋېتسارىيە كىرېدېت گۇرۇھى، گېرمانىيە بانكىسى، گولدمان ساكس گۇرۇھى، JP مورگان، فىرانسىيە گۈللەندۈرۈش بانكىسى، چارتېرد بانكىسى ۋە UBS گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تەرجىمىدە: ھاجىم