ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

ئالما ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ ياۋروپادا ئىككى سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇپ چىقىدۇ

ۋاقتى : 2015-02-24  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

20150224104108382.jpg

 تېڭشۈن تورىنىڭ 24-فېۋرال خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالما شىركىتى بىر مىليارد 700 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن بىر مىليارد 930 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىپ ياۋروپادا ئىككى سانلىق مەركىزى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ھەممىسىگە %100 قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئىشلىتىپ، ياۋروپادىكى ئابونېتلار ئۈچۈن iTunes، iMessages ۋە Siri قاتارلىقلارنىڭ تور مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
 بۇ ئىككى سانلىق مەلۇمات مەركىزى ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىرېلاندىيەنىڭ غەربىي قىسمىىدكى ئاسېنرىي (Athenry) ۋە دانىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋىبورگ (Viborg) دا قۇرۇلىدۇ، ھازىرقى مۆلچەردە 2017-يىلى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.
 ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك (TimCook) مۇنداق دېدى :« بىز ئالمىنىڭ ياۋروپادا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىغا قەلبىمىزدە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، بىز پۈتۈن ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتىغا مەبلەغ سالغانلىقىمىزدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمىز. بۇ يېڭى مەبلەغ سېلىش تۈرى ئالمىنىڭ ھازىرغا قەدەر ياۋروپادا ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ يۈرگۈزۈش كۆلىمىنى كېڭەيتەلىگەنلىكىمىزدىن ناھايىتى خۇشال، بۇ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلغان جايلاردا نەچچە يۈزلىگەن خىزمەت ئورنى تەمىنلەيمىز ھەمدە شۇ يەردە بىزنىڭ ئەڭ ئىلغار يېشىل ئىمارەتلىرىمىزنى قۇرۇپ چىقىمىز».
 ھەر بىر سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 166 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئالما بۇ ئىككى تۈرنىڭ شۇ يەردىكى مەھەللىلەرگە بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئىرېلاندىيەدىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزى شۇ يەرلىك مەكتەپلەرنى سىرتتىكى ئۆگىنىش بوشلۇقى ۋە پىيادىلەر يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ سانلىق مەلۇمات مەركىزى يەنە ئەتراپتىكى رايونلارغا شۇ يەردە ئۆسىدىغان دەل دەرخلەرنى تىكىشنى پىلان قىلدى. ۋىبورگدىكى تۈردە مۇلازىمىتېردىن چىققان ئىسسىقلىق ئارقىلىق شۇ يەرلىك ئائىلىلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن  تەمىنلەيدۇ.
 تەرجىمىدە: ھاجىم

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا