ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

جۇڭگو خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىگە ئارىلىشىشنى توختاتتى

ۋاقتى : 2015-02-21  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

20150221065236100.jpg

ۋول كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 21-فېۋرال خەۋىرى: ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى دېيىشىچە، جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت بازىسىغا ئارىلىشىشنى توختىتىپ، ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتتە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت سىياسىتىنى ئۇزۇن مەزگىل تەنقىد قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 2014-يىلى 4-ئايدا بىلدۈرۈشىچە، خەلق پۇلى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بازار ئارقىلىق خەلق پۇلى قىممىتىنى بەلگىلەشكە يول قويۇشتا ئىرادىسى بار يوقلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 خەۋەردە دېيلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى (Nathan Sheets) ناسان شىتس 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل ئامبىرى پېتىرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئورگىنىدا بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو 2014-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپلىك سۆھبىتىدە خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىگە ئارىلىشىشنى ئازايتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. ئۇ:«بىزنىڭ كۆزىتىشىمىزگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو شۇنىڭدىن كېيىن ماھىيەتتە تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلىشىشنى توختاتتى» دېدى.
 ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىنى ئۇزۇن مەزگىل تەنقىد قىلىپ كەلگەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قەستەن خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنى قەستەن تۆۋەنلەتتى دەپ قارىغان.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا