ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

جۇڭگونىڭ ئالماس ئىستېمالى ئۇدا 4 ئاي تۆۋەنلىدى

ۋاقتى : 2015-02-20  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

3V8%)ZPGMV8)W15Y9HVX5}1.jpg

 سىنا مالىيە-ئىقتىساد قانىلىنىڭ 20-فېۋرال خەۋىرى: شاڭخەي ئالماس بېرژىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى 1-ئايدا جۇڭگوغا ئىمپورت قىلىنىپ سىلىقلانغاندىن كېيىنكىئالماس سانى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن، بۇ ئالماس ئىمپورت مىقدارىنىڭ ئۇدا تۆت ئاي تۆۋەنلىشى ھېسابلىنىدۇ. 2015-يىلى 1-ئايدا قىممىتى 157 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سىلىقلانغان ئالماس ئىمپورت قىلغان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 تۆۋەنلىگەن.
شاڭخەي ئالماس بېرژىسى دېيىشىچە، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئاستا ئەسلىگە كېلىشى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى بازىرىدا ئېھتىياجنىڭ ھالسىزلىنىشى ئالماس ئىستېمالىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئېھتىياج كۈچلۈك بولغانلىقتىن، جۇڭگونىڭ ئالماس ئىستېمالى مىقدارى يېڭى رېكورت ياراتقان ئىدى. شاڭخەي ئالماس بېرژىسىنىڭ دېيىشىچە، 2014-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا جۇڭگو قىممىتى 2 مىليارد 240 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سىلىقلانغاندىن كېيىنكى ئالماس ئىمپورت قىلغان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31 ئاشقان.
جۇڭگو نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئالماس ئىستېمال دۆلىتى ۋە تۆتىنچى چوڭ پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن ئالماس سودىسى دۆلىتى.
تەرجىمىدە: ئوكيان

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا