ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن سۆھبەتلەشتى

ۋاقتى : 2014-05-13  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ماي خەلق سارىيىدا تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي، دوستانە، ئەمەلىي كەيپىياتتا، جۇڭگو-تۈركمەنىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، كېيىنكى ھەمكارلىقنى پىلانلاپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوست ئۆتۈش ۋە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى قارار قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 2013-يىلى جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئۆز ئارا قوللىشى تېخىمۇ كۈچەيدى. جۇڭگو تۈركمەنىستاننىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىدە جۇڭگونى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا قويۇق ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ كەلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان بىر-بىرىنىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ھەمكارلىق شېرىكى، ھەمكارلىق ئاساسى پۇختا، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تۈركمەنىستاننىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك سودا يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سودا قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ تەڭپۇڭ، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرۇش تەشەببۇسى-جۇڭگو-تۈركمەنىستان ھەمكارلىقىغا يېڭى تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، تۈركمەنىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا كىردى. تۈركمەنىستان بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغۋار ئىشىنى قوللايدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، تۈركمەنىستان-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ دوستانە ھەمكارلىق ئەھدىنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىرلەشمە خىتابنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ 2014-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ماقۇللاش ھەققىدىكى باياناتى»نى بىرلىكتە ئىمزالىدى ھەم تەبىئىي گاز، يېزا ئىگىلىك، قاتناش، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا بەردىمۇھەممەدوفنىڭ شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا