ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

سىنا تور بېكىتى شەھۋانىي ئۇچۇرلارغا چېتىلىپ قالدى

ۋاقتى : 2014-04-24  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

 

بۈگۈن مەملىكەتلىك ‹ سېرىق ئۇچۇرلارنى تازىلاپ، قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش› خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، سىنا تورى ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇش قانىلى ۋە ۋېدىئو پىروگراممىلىرىدا شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارقاتقانىكەن. ھازىر ئۈچ پارچە ‹ بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت بازارلىرىنى قانۇنىي باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئىسپات ئاڭلاش ئۇقتۇرۇشى› ئاللىقاچان بېيجىڭ سىنا ئېنتىرنېت تور مۇلازىمەت شىركىتىگە ئەۋەتىلگەن.
بۇ ‹ئۇقتۇرۇش›تا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاللىقاچان سىنا ئېنتىرنېت تور مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ‹ ئېنتىرنېت تورى نەشىرىيات ئىجازەتنامىسى› ۋە ‹ ئۇچۇر تورىدا تارقىتىلىدىغان ۋېدىئو پىروگراممىلىرى ئىجازەتنامىسى› قاتارلىق ئىجازەتنامىلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىش توغرىسىدىكى قارارى يېزىلغان بولۇپ، سىنا شىركىتىنىڭ ئېنتىرنېت تور نەشرىياتچىلىقى ۋە توردا تارقىتىلىدىغان ۋېدىئو پىروگراممىلىرى كەسىپلىرىنى قانۇن بويىچە توختىتىپ، قانۇن بويىچە بۇ شىركەتنىڭ يۇقارقى كەسىپلەردىن تاپقان پايدىسىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن 10 ھەسسىسىگىچە جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
 

ئىگەللىنىلىشىچە، سىنا شىركىتىنىڭ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بىر قىسىم خىزمەتچى خادىملىرى ئاللىقاچان جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكى توغرىسىدا بۇ قېتىملىق تەنقىدلەش يىغىنىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەنىكەن. تەھقىقلىنىشىچە، سىنا تور بېكىتىنىڭ كىتاب ئوقۇش قانىلىغا بىر قىسىم سېرىق مەزمۇندىكى شەھۋانىي ھېكايە قاتارلىق ئەسەرلەر چىقىرىلغان بولۇپ، سىنا بىلوگىنىڭ ۋېدىئو پىروگراممىسىدا بولسا تۆت قىسىم سېرىق مەزمۇندىكى شەھۋانىي فىلىم تارقىتىلغانكەن.
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا