
ئوتتۇرا ئاسىيا دوكلاتلىرى خەۋىرى: يېڭى دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ئاياللىرىنى ھۆكۈمەت شىپاخانىلىرىدا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلاش قىلمىشى مەۋجۇت بولۇپ، مەملىكەت دائىرىسىدە ئومۇملىشىشقا باشلىغان.
BBC نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇخبىرى، باش شتابى ئامېرىكىغا تەسىس قىلىنغان ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەت فوندىنىڭ يازغۇچىسى ناتالىيا ئانتېلىۋا دوكلات بېرىشىچە، پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سەھىيە خادىملىرى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى بىلەن تۇغماسلىق ئوپراتسىيىسى قىلىشنى نوپۇس كۆپىيىشنى تىزگىنلەشكە زەربە بېرىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ناتالىيە 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋاشىنگتوندا ۋە 12-ئاينىڭ 11-كۈنى نيۇيوركتا دوكلات تاپشۇرغان، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بالىلىق بولغان ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلىشنىڭ يوشۇرۇن نىشانى بولۇپ قالغان.
ناتالىيا 12-ئاينىڭ 11-كۈنى نيۇيوركتا مۇخبىرلارغا:«ھۆكۈمەت تۇغۇت چەكلەش ھەرىكىتىنى يەنىلا قىلماقتا، ئۆزبېكىستاننىڭ ھەممە يېرىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئايرىم رايون بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىپاخانا ۋە دوختۇرخانىلار ئىجرا قىلىۋاتىدۇ ھەمدە ئۆتكەن 5 يىلدا بوشىتىش ئالامىتى يوق» دېگەن.
ناتالىيانىڭ دېيىشىچە، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي ئورنى ناھايىتى تۆۋەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسىنىڭ نىشانى بولۇپ قالىدىكەن.
تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى ئاياللارنىڭ بالياتقۇسى ياكى تۇخۇمدانىنى كېسىپ ئېلىۋېتىدىغان ئوپېراتسىيە بولۇپ، ھەمىشە ساۋاتىسز ۋە تېببىي بىلىمى يوق بىمارلاردا يۈز بېرىدۇ.
ناتالىيە چۈشەندۈرۈپ:«تىپىك مىسالى، بالىسى بار ئاياللار يەنە تۇغماقچى بولغاندا ھامىلىدار بولالمايدۇ، دوختۇرغا تەكشۈرتسە، تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلىقى بايقىلىدۇ» دېگەن.
ناتالىيە يەنە يەرلىك سەھىيە باشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە خۇشامەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ناتالىيەنىڭ دېيىشىچە، دوختۇرلارنىڭ تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلىشىنىڭ بەلگىلىك نورمىسى بولۇپ، ئەمما زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش ناھايىتى تەس ئىكەن.
1991-يىلدىن بۇيان، ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇدا داۋاملاشقان، سىستېمىلىق تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلاش پىلاننى نەچچە يۈز مىڭلىغان ئايالغا تەسىر كۆرسەتكەن.
تەرجىمىدە: نەپرەت