جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 4- يانۋار تىلگىراممىسى، ئامېرىكا خەۋەرلىرىدىن ئىگەللىنىشىچە، جۇڭگونىڭ سان فىرانسىسكودىكى باش ئەلچىخانىسىغا ئوت قويۇپ بەرگۈچى گۇماندار قولغا ئېلىنغان.
جۇڭگونىڭ سان فىرانسىسكودىكى باش كونسۇلخانىسىدا باش ئەلچى 3- يانىۋار كەچ كونسۇخانىدا يېڭى يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا دىپلوماتىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرىۋېلىپ 1- يانۋاردىكى ئوت قويۇش ھادىسىسىدىكى گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارلىغان. ئەمما دىپلوماتىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى قولغا ئېلىنغان گۇماندارنىڭ كونكىرت ئەھۋالىنى ئېيتمىغان.
باش ئەلچى يەنە ئوت قويۇپ بېرىش ۋەقەسىدىن كىيىن شىتات باشلىقى بىروۋىن ۋە كالفورنىيە شىتاتلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ھال سوراش تېلفۇنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
شۇ يەر ۋاقتى 1- يانۋار كەچ، جۇڭگونىڭ سان فىرانسىسكودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىغا بىر كىملىكى ئېنىق بولمىغان كىشى ئوت قويۇپ بەرگەن، باش كونسۇلخانىنىڭ ئىشىكى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان، ئادەم يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
بۇ ۋەقەدىن كىيىن، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا ئامېرىكىغا قاتتىق تەكشۈرۈپ بۇ دىلونى ئېنىقلاپ چىقىش تەلىپىنى قويغان، جۇڭگو تەرەپ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئورگانلىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، بۇ خىل ئىشنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
نۆۋەتتە ساقچىلار كونسۇلخانا ئەتىراپىدىكى رايونلارنى 24 سائەت چارلاشنى كۈچەيتكەن.