تۈركىيە دۇنيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 4-يانۋار خەۋىرى: تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خىزمەت ھەرىكىتى (گۈلەن ھەرىكىتى) نىڭ مۇرەسسە قىلىش ئۈچۈن يازغان خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان.
ئەردوغان خەتكە گۈلەن ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى فەتىھۇللاھ گۈلەننىڭ ئىمزاسى قويۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭغا تېخى جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى ئېيتقان، خەتتە گۈلەن ھەرىكىتىنىڭ تەييارلىق سىنىپلىرىنى شەخسلەر مەكتەپلىرىگە ئۆزگەرتىش ھەمدە ھەرىكەت ئەزالىرىنى خىزمىتىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق تالاش-تارتىش قوزغىغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشقان يازغۇچى فىكرەت بىلا ئەردوغاننىڭ گۈلەننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى ئېيتقان، مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشقان مەخمەت بارلاس خەتكە گۈلەننىڭ ئىمزاسى قويۇلغانلىقىنى دەلىللىگەن.
مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشقان باشقا بىر يازغۇچى ئىسمائىل كاپلاننىڭ دېيىشىچە، گۈلەن ھەرىكىتى ئەردوغاننى پرېزىدېنت ئابدۇللاھ گۈلدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنغان.
تەرجىمىدە: نەپرەت