تېپشماقلار دۇنياسى قۇرۇلغىلى
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىر ساياھەتچى ساياھەت ئەھۋالىنى دوستىغا سۆزلەپ بىرىپتۇ :
    ___ بىر كۇنى يامغۇردىن كىيىن ھاۋا ئىچىلىپ كەتتى - دە ، بىز چۇشكەن  ئۇچاق ( ئايرۇپىلان ) قوزغالدى . مەن ئۇچاقنىڭ دېرىزىسىدىن ئۇپۇققا قاراپ ، خۇددى ئاسما كۆۋرۈككە ئوخشايدىغان ھەسەن - ھۈسەننى  كۆردۇم . ئۇ جەنۇپتىن - شىمالغا سوزۇلغان بولۇپ ، ماڭا ناھايىتى گۈزەل كۆرۇندى . مەن ئۇچاقتىن چۇشۇپ ، بىلىق كۆلچىكىنى ئىكىسكۇرېسسىيە قىلدىم ، ئۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە ، يىقىندا ئۇلار باققان بېلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى سۇغا چۆكۇپ ئۆلۇپ كىتىپتۇ . بىلىق قانداقچە سۈغا چۆكۇپ ئۆلۇپ قالىدۇ ؟ مەن بۇ گەپكە ئىشەنمىدىم ، شۇڭا بىلىق بېقىش مەيدانىغا بىرىپ قارىسام ، ھەقىقەتەن راس ئىكەن ...
    ___ سىنىڭ ئىيىتقىنىڭنىڭ يىرىمى راسىت ، يىرىمى يالغان . بىراق راسىت- يالغاننى پەرىق ئېتىش تەس ھەم قىزىقارلىق ئىكەن - دەپتۇ دوستى .

    سىز ساياھەتچىنىڭ سۆزىنىڭ قايسىسى راسىت ، قايسىسى يالغان ئىكەنلىكىنى ئايرىپ بېرەلەمسىز؟



    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىر ئۇستا موزدۇز ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر كەپسىز شاگىرتى بار ئىكەن. موزدۇز بىركۈنى بىر جۈپ ئاياغ تىكىپ شاگىرتىنى سېتىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.
    شاگىرىت ئۇستىسىدىن: -ئۇستام، بۇ بىر جۈپ ئاياغنى قانچە پۇلغا ساتىمەن، -دەپ سوراپتۇ.
    ئۇستىسى: -25 يۈەنگە ساتىسەن،- دەپ جاۋاب بىرىپتۇ.
    شاگىرتى ئاياقنى ئېلىپ مېڭىپتۇ. مېڭىپتۇ...مېڭىپتۇ...مېڭىپتۇ... بىر يەرگە كەلگەندە بىر ئوڭ پۇتى يوق مىيىپ ئادەم: -ھەي بالا، قولۇڭدىكى ئاياغنى ساتامسەن؟- دەپ سوراپتۇ.
    شاگىرىت: -ساتىمەن. - دەپتۇ.
    ھېلىقى ئوڭ پۇتى يوق مىيىپ ئادەم: -مېنىڭ ئوڭ پۇتۇم يوق، شۇڭا سول پېيىنى سېتىپ بەرگىن، - دەپتۇ.
    - بولىدۇ، -دەپتۇ ساگىرىت.
    شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئاياغنىڭ سول پېيىنى 12.50 يۈەنگە سېتىپ بىرىپ يولىغا راۋان بوپتۇ. يەنە بىر يەرگە كەلگەندە سول پۇتى يوق بىر مىيىپ ئۇچراپتۇ. بۇ مىيىپ ئادەممۇ بالىنىڭ قولىدىكى ئاياغنى كۆرۈپ:
    -بۇ ئاياغنى ماڭا سېتىپ بەرگىن. -دەپتۇ.
    شاگىرىت: -بولىدۇ، دەپ، بۇ ئاياغنىڭ ئوڭ پېيىنى 12.50 يۈەنگە سېتىپ بىرىپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇ دۇكانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇستىسىغا بولغان ئەھۋالنىڭ ھەممىنى ئېيتىپ بىرىپ 25 يۈەننى ئۇستىسىغا بىرىپتۇ.ئۇستىسى شاگىرتىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
    -بىز مىيىپ ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلىشىمىز كېرەك، -دەپ، 20 يۈەننى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ، 5 يۈەن پۇلنى ئىككى مىيىپ ئادەمگە قايتۇرۇپ بەر، دەپ بۇيرۇپتۇ.
    شاگىرىت يولدا بارغىچە ئۇسساپ كېتىپ 2 يۈەنگە بىر بوتۇلكا ئۇسسۇزلۇق ئېلىپ ئىچىپتۇ. قېپقالغان 3 يۈەن پۇلنى بىر يېرىم يۈەندىن ئىككى مىيىپ ئادەمگە بىرىپ كېتىپتۇ.
    موزدۇز شاگرتىنىڭ 5 يۈەن پۇلنى ئىككى مىيىپ ئادەمگە بەرگەن- بەرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن، ئىككى مىيىپ ئادەمنى ئىزدەپ مېڭىپتۇ. ئۇ بىر يەرگە كەلگەندە ئوڭ پۇتى يوق مىيىپ ئادەم ئۇچراپتۇ. موزدۇز ئۇنىڭدىن:
    -سىز ئاياقنى نەچچە يۈەنگە ئالدىڭىز، -دەپ سوراپتۇ.
    ھېلىقى مىيىپ ئادەم: -11 يۈەنگە ئالدىم، -دەپ جاۋاب بىرىپتۇ.
    ئۇ يەنە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن سول پۇتى يوق مىيىپ ئادەم ئۇچراپتۇ. موزدۇز ئۇنىڭدىنمۇ ئاياقنى نەچچە پۇلغا ئالغانلىقىنى سورىسا، ئۇمۇ 11 يۈەنگە ئالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
    موزدۇز دەرھال ھېسابلاپ كۆرۈپ: «ئوڭ پۇتى يوق مىيىپ ئادەم ئاياقنى 11 يۈەنگە سېتىۋالدى، سول پۇتى يوق مىيىپ ئادەممۇ 11 يۈەنگە سېتىۋالدى، بۇ ئىككىسى جەمىئي 22 يۈەن بولسا، شاگىرتىم 3 يۈەن خەجلىۋاپتۇ» -دەپ جەزىم قىپتۇ ۋە شاگىرتىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن نەچچە پۇل خەجلىگەنلىكىنى سورىسا، ئۇ راستىنلا 2 يۈەن خەجلىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
    ئىككى مىيىپ ئادەم ئاياقنى 22 يۈەنگە سېتىۋالغان، شاگىرىت 2 يۈەن خەجلىگەن، بۇلارنىڭ جەمىئىيسى 24 يۈەن بولىدۇ. ئاياق ساتقان ئەسلىدىكى پۇل 25 يۈەن ئىدى.
    ئۇنداق بولسا، بۇ يەردىكى بىر يۈەن پۇل نەگە كەتتى؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  •  1       2       3        4       5
         +            -               ×                ÷
        بۇ سانلارنى بىرلا قېتىم ئىشلىتسىز  ،،تەكرارلىنىشقا  بولمايدۇ````قۇشۇش،ئېلىش،كۆپەيتىش،بۆلۈش بەلگىرنىمۇ بىر قېتىم
    ئىشلىتسىز،،،تەكرارلىنىشقا  بولمايدۇ... مۇشۇنداق ھىساپلاپ جاۋابىنى 22چىقرالامسىز`````
    قېنى تېپىپ  بېقىڭ ```ماتېماتكىدا سەۋېيىڭز قانچىلىك!!!!


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • ئىككى يىگىت بىر قىزنى (ئالىمەن) دەپ تالىشىپ ئۇرشىۋاتقاندا، قىزنىڭ بىر ئېغىز گەپ قىلىشى بىلەن ئىككى يىگىت تەڭلا توختاپ قالغان. ئېيتىڭلارچۇ قىز ئۇلارغا نىمە دىگەن؟

    ماشىنىڭىزنى ھەيدەپ كىتىۋاتقىنىڭىزدا ئالدىڭىزدا تۇرغان ئۆردەك بىلەن توخۇنىڭ قايسىنى باستۇرسىز؟ <<چۇقۇم ئىككىنىڭ بىرنى سۇقۇشتىن باشقا ئىمكانىيەن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا >>


    ماشىنىنىڭ چاقى نىمە بىلەن ماڭىدۇ?


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.

  • 1.بىر  چۈمۈلە  يىراقتىن  بىر  پىلنىڭ  كىلىۋاتقانلىقىنى  كۈرۈپ  دەرھال  بىر  تۈپ  دەرەخنىڭ  كەينىگە  مۈكىۋاپتۇ.  نىمە  ئۈچۈن؟
    2.بىر  ساقچىنىڭ  بىر  ئوغلى  بۇلۇپ  ساقچىنى  پەقەت  دادا  دىمەيدىكەن،  نىمە  ئۈچۈن؟
    3.بىر  تەخسىدە  تۆت  پارچە  تورت  بۇلۇپ  تۆت  بالا  بىر  پارچىدىن  ئالغاندىن  كىيىن  تەخسىدە  يەنە  بىر  پارچە  ئېشىپ  قالغان.  نىمە  ئۈچۈن؟
    4.ئەركىننىڭ  ئۈيى  مەكتەپنىڭ  ئىچىدە  ئىكەن،  لېكىن  ئۇ  دائىم  دەرسكە  كىچىكىپ  قالىدىكەن،  نىمە  ئۈچۈن؟
    5.بىر  يەردە  10  دانە  قۇش  بار  ئىكەن ،ئۇلاردىن  بىرىنى  ئېتىۋەتكەندىن  كېيىن  قالغان9  قۇش  ئۇچۇپ  كەتمەپتۇ،  نىمە  ئۈچۈن؟

    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىر شوپۇر ماشىنا بىلەن ناھايىتى تېز كىتىۋىتىپ بىر دوقمۇشتىن ئايلىنىشىدا بىر كىچىك بالىنى دەسسەپ ئۆلتۇرۇپ قويۇپتۇ.
    شوپۇر ماشىنىدىن چۇشۇپ قارىسا ئۆلگەن بالا شوپۇرنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسىكەن،ھەيران قالارلىق يىرى ئۇ شوپۇر بالىنىڭ دادىسى ئەمەسكەن.

    ئۇنداقتا ، بۇ شوپۇر بىلەن بالىنىڭ ئوتتۇرسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1.ئوﺧﺸﺎﺵ ﯻﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﺷﺎﻡ ﺑﺎﺭ .ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺷﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﺎئەﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯸﻨﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺳﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﯻﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﺷﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﺎﺭﻩﻙ ﺳﺎئەﺕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﻪﺭﻩﻟﻪﭖ ﭼﯩﻘﺎﻻﻣﺴﯩﺰ؟
    ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ : ﻣﻪﻟﯘﻡ ئۇﺳﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ (ﺷﺎﻣﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ )ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘ ﯻﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﺷﺎﻣﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﺵ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﻴﯩﻜﻰ ئەﻣﺪﯨﮕﯩﭽﻪ ﻧﻪﻕ ئوﻥ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯩﯘﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ..

        2.ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ئوﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﺍﻧﻪ ﺷﺎﺭﻩﻛﭽﻪ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﻳﻠﻰ ، ئۇﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﮕﻰ ئوﭖ ئوﺧﺸﺎﺵ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯻﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻼ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
    ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮﻻ ﺗﺎﺭﺍﺯﺍ(ﺑﯩﺮﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺳﯩﺸﺘﺎﭘﻠﯩﻖ ﺗﺎﯕﭙﯘﯕﻠﻪﺷﺘﯘﺭﮔﯜﭺ-- ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ "ﺗﯩﻪﻧﭙﯩﯔ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ) ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ
    ﭘﻪﻗﻪﺕ ئۇﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯻﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯘ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ئوﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﻩﻛﭽﯩﻨﻰ ئاﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﯔ.
    ﻗﯧﻨﻰ ﻛﺎﻟﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﯻﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ!

        3.ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺩﺍﻧﻪ ﺷﺎﺭﻩﻛﭽﻪ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﻳﻠﻰ ، ئۇﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﮕﻰ ئوﭖ ئوﺧﺸﺎﺵ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯻﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﯩﻼ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯸﻐﯩﺮ .
    ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮﻻ ﺗﺎﺭﺍﺯﺍ(ﺑﯩﺮﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺳﯩﺸﺘﺎﭘﻠﯩﻖ ﺗﺎﯕﭙﯘﯕﻠﻪﺷﺘﯘﺭﮔﯜﭺ-- ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ "ﺗﯩﻪﻧﭙﯩﯔ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ) ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ
    ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯻﻜﻜﯩﻼ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯻﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯘ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯸﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﻩﻛﭽﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯔ.
    ﻗﯧﻨﻰ ﻛﺎﻟﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﯻﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ!

        4.ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﯻﺸﭽﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻳﺎﻟﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ، ﯻﺶ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﯘﻛﺎ ئاﻟﺘﯘﻥ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﭘﯜﺗﯜﺷﺘﯩﯖﯩﺰ ﺩﻩﻳﻠﻰ.
    ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﭼﯘﻛﺎ ئاﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯻﻜﻜﯩﻼ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﯻﺸﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ ؟

        5.ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﻕ ﺗﯚﺕ ﻟﯩﺘﯩﺮ ﺳﯘ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺩﻩﻳﻠﻰ ،
    ﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ، ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯴﭺ ﻟﯩﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﻠﻪﻙ ﯞﻩ ﺑﻪﺵ ﻟﯩﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﻠﻪﻙ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ
    ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯚﺕ ﻟﯩﺘﯩﺮ ﺳﯘﻏﺎ ﯸﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ؟
        6.ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻠﻪﻙ ﻣﯩﯟﻩ ئۇﻳﯘﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﻳﻠﻰ.

    ئۇﻧﯩﯔ ﯻﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺭﻩﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ . ﺟﻪﻣﻰ ﯴﭺ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ.
    ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ئەﯓ ئاﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﺎﻝ ﻣﯩﯟﻩ ئۇﻳﯘﺗﻤﯩﺴﻰ ئاﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ، ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ئوﺧﺸﺎﺵ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯟﻩ ئۇﻳﯘﺗﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﯻﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟

        7.ﯻﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ئوﺧﺸﺎﺵ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ئاﻕ ﺭﺍﯕﻠﯩﻚ ﺗﺎﺑﻠﯩﺖ ﺩﻭﺭﺍ ﺩﯨﻦ ﺟﻪﻣﻰ10 ﻗﯘﺗﺎ ﺑﺎﺭ .
    ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺩﺍﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 10 ﮔﯩﺮﺍﻡ
    ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺩﺍﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 9 ﮔﯩﺮﺍﻡ
    ﺑﯩﺮﻻ ﺗﺎﺭﺍﺯﺍ ﺑﺎﺭ .
    ﺑﯩﺮﻻ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯲﻟﭽﻪﺵ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯻﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ئاﻳﺮﯨﻢ-ئاﻳﺮﯨﻢ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯘﺗﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﻻﻣﺴﯩﺰ؟
    ئەﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ :
    1.ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺪﺍ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ئۇﺳﯘﻟﺪﺍ ﯲﻟﭽﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ.
    2.ﯻﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﺍ ئاﺭﯨﻼﺵ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ.

        8.ﺳﯩﺰﻧﻰ ئەﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﺩﻩﻳﻠﻰ ،
    ﺳﻮئاﻝ :
    ﻧﯩﻤﻪ ﯴﭼﯜﻥ ئەﻳﻨﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺳﯘﺭﯗﺗﯩﯖﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ئوﯓ-ﺳﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻧﯩﻼ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﭖ ، ﺑﻪﺵ ئاﻳﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ؟

        9.ئوﺧﺸﺎﺵ ﺗﺎﺑﻠﯩﺖ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻗﯘﺗﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﺎﺭ .
    ئۇﻧﯩﯔ ﯻﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ.
    ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺗﺎﺑﻠﯩﺘﻜﯩﻨﯩﯔ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺑﻠﯩﺘﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮔﯩﺮﺍﻡ ئاﺭﺗﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
    ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﻭﺭﺍ ﺗﺎﺑﻠﯩﺘﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰﺑﯩﺮﻻ ﻗﯧﺘﯩﻢ ئوﻟﭽﻪﺵ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﯘﺗﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﯻﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؟

        10.  7  ﮔﯩﺮﺍﻣﻠﯩﻖ ﮔﯩﺮ ﺗﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ، 2 ﮔﯩﺮﺍﻣﻠﯩﻖ ﮔﯩﺮ ﺗﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺵ ﺷﯩﻜﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﺍﺯﺍ ﺑﺎﺭ .
    ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘ ئەﺳﯟﺍﭘﻼﺭﻧﯩﻼ ﯴﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯻﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ
    140 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺗﯘﺯﻧﻰ 90 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﯞﻩ 40 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯻﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﯔ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.