تېپشماقلار دۇنياسى قۇرۇلغىلى
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • تېپىشماق
    ئۈچ ئادەم بىر كۆۋرۈكتىن تەڭلا ئۆتۈپتۇ.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى كۆۋرۈكنى كۆرۈپتۇ ھەم دەسسەپ ئۆتۈپتۇ. يەنە بىر كىشى بولسا كۆۋرۈكنى كۆرۈپتۇ يۇ دەسسىمەيلا ئۆتۈپ كىتىپتۇ. ئۈچىنجى كىشى بولسا كۆۋرۈكنى ھەم كۆرمەي ھەم دەسسىمەيلا ئۆتۈپ كىتىپتۇ. بۇ ئۈچ كىشى كۆۋرۈكتىن قانداق ئۆتكەن؟

    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىر كىچىك كەنىت بولۇپ، ئۇكەنىتتە پەقەت ئىككىلا، بىر ئەر، بىر ئايال ياشايدىكەن .   
    بىراق ئەر ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىسە ،    ئايال ئەرنى تونىمايدىكەن .
    بۇ زادى قانداق گەپ ؟ قېنى مۇنبەرداشلار تېپىپ بېقىڭلار!  
    2) بىر ئادەم بىر ئادەمگە قەرىزدار بوپقاپتۇ 
    قەرىز ئىگىسى پۇلنى سۈيلەپ كەلسە بەرمەي ئۆكتەملىك قىىلىپ تۇرۇۋاپتۇ
    قەرىز ئىگىسىنىڭ ئاچچىقى كەپ بۈگۈن پۇلنى ئالمىسام ئادەم بولماي كېتەي دەپ قەسەم ئىچىپتۇ

    قەرىز ئىگىسىمۇ بەرسەم ئاپام خوتۇنۇم بولسۇن دەپ قەسەم ئىچىپتۇ
    شۇ جىدەلنىڭ ئۈستىگە مەھەللىنىڭ ئىمامى كېلپ ئۇلارنىڭ داۋاسىنى ئاسانلا تۈگىتىپتۇ 94t

    قېنى دەپ بېقىڭلار ئىمام جىدەلنى قانداق تۈگەتكەن؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  •  

    ھەربىر سوئالغا يەتتە سىكونت ئىچىدە جاۋاپ بېرەلىسە، كىم ھەممىسىگە تولۇق توغرا جاۋاپ بەرسە شۇنىڭغا مۇكاپات بار....
    1. ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ تۈپكى سەۋەپ نىمە؟
    2. سائەت قانداق ۋاقىتتا ماڭمايدۇ؟
    3. ئۆزىنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرىدىغان، ھەمدە ئالدامچىلىقى قانچە ئۇستىلىق بىلەن بولسا شۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىدىغان ئادەم كىم؟
    4. سەككىز ئادەم سەككىز كىشىلىك تاماقنى يەپ بولۇشقا 10 مىنۇت كەتسە، 28 ئادەمنىڭ 28 كىشىلىك تاماقنى يەپ بولۇشىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
    5. بىر يىل تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈل قايسى؟
    6. قولىدا ھىچقانداق قوغدىنىش قورالى بولمىغان بىر ئادەم تېخى كۆندۈرۈلمىگەن شىرنىڭ قەپىسىگە كىرگەن، لېكىن ئۇ ھىچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغان، نىمە ئۈچۈن؟   
    7. مەڭگۈ باشقىلار بىلەن بىللە قىلالمايدىغان ئىشىڭىز نىمە؟

    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • .بىر كۆرۇك بار بۇكۆرۇكتىن 100كىلو نەرسە بولسا ساق-سالەمەت ئۆتكىلى بولىدۇ  1مىسقال نەرسە ئارتۇق بولسىمۇ كۆرۇك چۇشۇپ كېتىدۇ. بىر ئادەم ئۆزى 90كىلو ئوڭ قولىدا 5كىلو تاۋۇز سول قولىدا 5كىلو ئالما بار بۇ ئادەم كورۇكتىن ئوتۇپ كېتىۋاتقان دەل شۇ چاغدا بىر قۇشقاچ ئۇ ئادەمنىڭ كالىسىغا چىچىپ قويغان ئۇ ئادەم ئەقىل ئىشلەتمىسە كۆرۇك چۇشۇپ كىتىدۇ ئۇئادەم بىر ئەقىل ئىشلتىپ كۆرۇكتىن ساق ئوتۇپ كەتكەن قانداق ئەقىل ئىشلەتكەن؟
    2.بىر چىۋېن بىر پىلنڭ قۇلقىغا بىر نەرسە دەپتىكەن پىل ئايلىنىپ كېتىپتۇ چىۋېن نېمە دىگەن؟  
    3.بىر ئادەم ئولىۋالماقچى بولۇپ ئەڭ ئىگز بىناغا چىقىپ سەكرىمەكچى بولۇپتۇ ئەمما ئۇ ئادەم بىناغا چىقىپ سەكرەپ بولغىچە ئولۇپ قاپتۇ سەۋەبى؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.