تېپشماقلار دۇنياسى قۇرۇلغىلى
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • جاھالەتتىنىڭ ،ئادالەتنىڭ چىن گۇۋاھى،
    سەلتەنەت ۋە مەئىشەتنىڭ يار-يۈلكى.
    چىن رىئاللىق ،ساختىلىقنىڭ ھەم ئىزناسى،
    ئلىم مەرىپەت ۋە تارىخنىڭ ساپ يۈرىكى.

    مائارىپنىڭ ۋە ئەدىپنىڭ چىن ھەمراھى،
    ئەخلاق ھەمدە گۈزەللىكنىڭ ئارامگاھى.
    ئىلىم تولغان قامۇسلارنىڭ ئاساسچىسى،
    ھەم شۇنداقلا نادانلارنىڭ گۆرىكارى.

    مەدىنىيەت ھەم سەنئەتنىىڭ چىن ئىزچىسى،
    ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ تۆھپىكارى.
    قەغەز دىگەن نازىنىننىڭ چىن ھەمراھى،
    ئەقىل ئىدراك ھەم ساپانىڭ غەمگۇزارى.

    ئەقلى باركى ھەر ئىنسانغا كېرەكلىك،
    بىر نەرسە باربىزدىن ھەرگىز ئايرىلماس،
    نادانلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوستازى،
    نادانلىقتا قالغان كىشى تاپالماس.

     


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1-
    ئۆزى كىچىك تۈگمەنگە،
    ئىش قىلشنى ئۆگەتكەن.
    تاغار-تاغار بۇغداينى،
    تالقان قىلىپ تۈگەتكەن.

    سۇئاقىدۇ ئاستىدىن،
    جۈپ ئوغلى بار تاشتىن.
    ئۇ بولغاچقا ئەجداتلار،
    غەم يىمەگەن ئاشتىن.

    پىرقىرايدۇ بىر ئۆيدە،
    ئېشەك كۆزى باغلىنىپ،
    ئەشۇ ئۆيدىن خەلقىمىز،
    كەلگەن دائىم ياغ ئېلىپ.


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  •  
             1         
    ئاپپاق دوغىلاق بەدىنى ،
    زەپ چېرايلىق چاپىنى .
    دۇمبىسىدە تۇتقۇچى ،
    بۇگۇن ئېچسە قايناق چاي ،
    ساقلار بىر كۇن سوۋۇتماي ،
    تېپىڭ چاققان قورۇنماي ؟!
               2   
    ئاق كىگېز ، ئاپپاق كىگىز ،
    لەيلەپ يۇرەر ئۇستۇڭدە .
    پۇت - قولى يوق ، جىنى يوق ،
    ئېيتىڭلارچۇ بۇ نىمە ؟
    3
    ئاق كېمە ئاپپاق كېمە ،
    سۇدا ئۇزەر بۇ كېمە .
    سېرىق تۇمشۇق ، كەڭ تاپان ،
    تىپىڭلارچۇ ئۇ نىمە ؟

    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىر توپ مايمۇن بۆلۇنۇپتۇ ئىككىگە،
    ھەممە چۇشۇپ خۇشاللىققا كۈلكىگە.
    سەككىزدىن بىرنىڭ كۇۋادىراتىچىلىك مايمۇن،
    سەكرىشىپتۇ كىرىپ ئورمان ئىچىگە.
    ئىشىپ قالغان مايمۇنلار نەخ ئون ئككى ،
    جانلىنىپتۇ ساپ ھاۋادا خوش راسا،
    ئېيتىپ بىرىڭ ئۇلار زادى قانچىلىك ،
    ئىككى بۆلەك مايمۇن كىلىپ قوشۇلسا.

     


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.