1
ئاپپاق دوغىلاق بەدىنى ،
زەپ چېرايلىق چاپىنى .
دۇمبىسىدە تۇتقۇچى ،
بۇگۇن ئېچسە قايناق چاي ،
ساقلار بىر كۇن سوۋۇتماي ،
تېپىڭ چاققان قورۇنماي ؟!
2
ئاق كىگېز ، ئاپپاق كىگىز ،
لەيلەپ يۇرەر ئۇستۇڭدە .
پۇت - قولى يوق ، جىنى يوق ،
ئېيتىڭلارچۇ بۇ نىمە ؟
3
ئاق كېمە ئاپپاق كېمە ،
سۇدا ئۇزەر بۇ كېمە .
سېرىق تۇمشۇق ، كەڭ تاپان ،
تىپىڭلارچۇ ئۇ نىمە ؟
4
ئالا چاپان كىيىۋالغان ،
ئۇزۇن قۇيرۇق باتۇرۇم .
< تو-كو-توڭ ، ياپىرىم > دەپ ،
يەرنى تەشكەن باتۇرۇم .
5
ئاش ئىچمەيدۇ مۇشۇكۇم ،
سۇ ئىچمەيدۇ مۇشۇكۇم .
تاۋار - دۇردۇن ئۇستىدە ،
يورغۇلايدۇ مۇشۇكۇم .
6
ئايشەمگۈلدە بىرى بار ،
خۇرشىدەمدە زادى يوق ،
ئابلىكىمدە بىرى بار ،
ئەرشىدىندە زادى يوق .
7
ئايىغى يوق يۇرۇيدۇ ،
ئۆزى يىراقتىن كىلىدۇ .
ئاغزى يوق سۆزلەيدۇ ،
ساڭا سالام بىرىدۇ .
8
ئاتا ھەم ئاناسىدا ،
سەللە بىلەن ساقال بار .
يېڭى تۇققان بالىسىدا ،
سەللە يوقتۇر ، ساقال بار .
9
ئاجايىپ بىر جانىۋار ،
تاشتىن قاتتىق تونى بار .
دەسسەپ ئۆتسە تېرەكتۇر ،
پىسنت قىلماي جىم تۇرار .
10
بەشى بىرگە بىرىپتۇ ،
ئىككىسى سۈ كېچىپتۇ .
ئۇچى قاراپ تۇرۇپتۇ ،
كېيىن بىللە يىنىپتۇ .