تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. |
-
2009-05-06
ئاسىماۋ نىڭ تېپىشمىقى - [دانالار تېپىشماقلىرى]
مەن خوتۇنۇمنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى خاتىرلەش ئۇچۇن بىر جىڭ تورت سېتىۋالغان ئىدىم ، ئۇنى باشقىلار يەۋاپتۇ . مەن راسا ئاچچىقلىنىپ گۇمانلىق تۆت ئادەمدىن سورىسام ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەردى :
B > : A يەۋالدى . >
D > :B يەۋالدى . >
C : < مەن يېمىدىم .>
B > : D يالغان ئېيتىۋاتىدۇ .>
ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرىلا راست سۆزلەپ ، قالغانلىرى يالغان ئېيىتقان . ئۇ ئىشنىمۇ پەقەت بىرىلا سادىر قىلغان ، سىزچە ئۇ كىم ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-05
راست- يالغاننى پەرىق ئىتىش - [دانالار تېپىشماقلىرى]
بىر ساياھەتچى ساياھەت ئەھۋالىنى دوستىغا سۆزلەپ بىرىپتۇ :
___ بىر كۇنى يامغۇردىن كىيىن ھاۋا ئىچىلىپ كەتتى - دە ، بىز چۇشكەن ئۇچاق ( ئايرۇپىلان ) قوزغالدى . مەن ئۇچاقنىڭ دېرىزىسىدىن ئۇپۇققا قاراپ ، خۇددى ئاسما كۆۋرۈككە ئوخشايدىغان ھەسەن - ھۈسەننى كۆردۇم . ئۇ جەنۇپتىن - شىمالغا سوزۇلغان بولۇپ ، ماڭا ناھايىتى گۈزەل كۆرۇندى . مەن ئۇچاقتىن چۇشۇپ ، بىلىق كۆلچىكىنى ئىكىسكۇرېسسىيە قىلدىم ، ئۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە ، يىقىندا ئۇلار باققان بېلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى سۇغا چۆكۇپ ئۆلۇپ كىتىپتۇ . بىلىق قانداقچە سۈغا چۆكۇپ ئۆلۇپ قالىدۇ ؟ مەن بۇ گەپكە ئىشەنمىدىم ، شۇڭا بىلىق بېقىش مەيدانىغا بىرىپ قارىسام ، ھەقىقەتەن راس ئىكەن ...
___ سىنىڭ ئىيىتقىنىڭنىڭ يىرىمى راسىت ، يىرىمى يالغان . بىراق راسىت- يالغاننى پەرىق ئېتىش تەس ھەم قىزىقارلىق ئىكەن - دەپتۇ دوستى .
سىز ساياھەتچىنىڭ سۆزىنىڭ قايسىسى راسىت ، قايسىسى يالغان ئىكەنلىكىنى ئايرىپ بېرەلەمسىز؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.