• 2009-05-05

    راست- يالغاننى پەرىق ئىتىش - [دانالار تېپىشماقلىرى]

    بىر ساياھەتچى ساياھەت ئەھۋالىنى دوستىغا سۆزلەپ بىرىپتۇ :
    ___ بىر كۇنى يامغۇردىن كىيىن ھاۋا ئىچىلىپ كەتتى - دە ، بىز چۇشكەن  ئۇچاق ( ئايرۇپىلان ) قوزغالدى . مەن ئۇچاقنىڭ دېرىزىسىدىن ئۇپۇققا قاراپ ، خۇددى ئاسما كۆۋرۈككە ئوخشايدىغان ھەسەن - ھۈسەننى  كۆردۇم . ئۇ جەنۇپتىن - شىمالغا سوزۇلغان بولۇپ ، ماڭا ناھايىتى گۈزەل كۆرۇندى . مەن ئۇچاقتىن چۇشۇپ ، بىلىق كۆلچىكىنى ئىكىسكۇرېسسىيە قىلدىم ، ئۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە ، يىقىندا ئۇلار باققان بېلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى سۇغا چۆكۇپ ئۆلۇپ كىتىپتۇ . بىلىق قانداقچە سۈغا چۆكۇپ ئۆلۇپ قالىدۇ ؟ مەن بۇ گەپكە ئىشەنمىدىم ، شۇڭا بىلىق بېقىش مەيدانىغا بىرىپ قارىسام ، ھەقىقەتەن راس ئىكەن ...
    ___ سىنىڭ ئىيىتقىنىڭنىڭ يىرىمى راسىت ، يىرىمى يالغان . بىراق راسىت- يالغاننى پەرىق ئېتىش تەس ھەم قىزىقارلىق ئىكەن - دەپتۇ دوستى .

    سىز ساياھەتچىنىڭ سۆزىنىڭ قايسىسى راسىت ، قايسىسى يالغان ئىكەنلىكىنى ئايرىپ بېرەلەمسىز؟


    分享到: