• 2009-05-05

    بىر يۈەن نەگە كەتتى؟ - [چۆچەكلىك تېپىشماقلار]

    بىر ئۇستا موزدۇز ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر كەپسىز شاگىرتى بار ئىكەن. موزدۇز بىركۈنى بىر جۈپ ئاياغ تىكىپ شاگىرتىنى سېتىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.
    شاگىرىت ئۇستىسىدىن: -ئۇستام، بۇ بىر جۈپ ئاياغنى قانچە پۇلغا ساتىمەن، -دەپ سوراپتۇ.
    ئۇستىسى: -25 يۈەنگە ساتىسەن،- دەپ جاۋاب بىرىپتۇ.
    شاگىرتى ئاياقنى ئېلىپ مېڭىپتۇ. مېڭىپتۇ...مېڭىپتۇ...مېڭىپتۇ... بىر يەرگە كەلگەندە بىر ئوڭ پۇتى يوق مىيىپ ئادەم: -ھەي بالا، قولۇڭدىكى ئاياغنى ساتامسەن؟- دەپ سوراپتۇ.
    شاگىرىت: -ساتىمەن. - دەپتۇ.
    ھېلىقى ئوڭ پۇتى يوق مىيىپ ئادەم: -مېنىڭ ئوڭ پۇتۇم يوق، شۇڭا سول پېيىنى سېتىپ بەرگىن، - دەپتۇ.
    - بولىدۇ، -دەپتۇ ساگىرىت.
    شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئاياغنىڭ سول پېيىنى 12.50 يۈەنگە سېتىپ بىرىپ يولىغا راۋان بوپتۇ. يەنە بىر يەرگە كەلگەندە سول پۇتى يوق بىر مىيىپ ئۇچراپتۇ. بۇ مىيىپ ئادەممۇ بالىنىڭ قولىدىكى ئاياغنى كۆرۈپ:
    -بۇ ئاياغنى ماڭا سېتىپ بەرگىن. -دەپتۇ.
    شاگىرىت: -بولىدۇ، دەپ، بۇ ئاياغنىڭ ئوڭ پېيىنى 12.50 يۈەنگە سېتىپ بىرىپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇ دۇكانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇستىسىغا بولغان ئەھۋالنىڭ ھەممىنى ئېيتىپ بىرىپ 25 يۈەننى ئۇستىسىغا بىرىپتۇ.ئۇستىسى شاگىرتىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
    -بىز مىيىپ ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلىشىمىز كېرەك، -دەپ، 20 يۈەننى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ، 5 يۈەن پۇلنى ئىككى مىيىپ ئادەمگە قايتۇرۇپ بەر، دەپ بۇيرۇپتۇ.
    شاگىرىت يولدا بارغىچە ئۇسساپ كېتىپ 2 يۈەنگە بىر بوتۇلكا ئۇسسۇزلۇق ئېلىپ ئىچىپتۇ. قېپقالغان 3 يۈەن پۇلنى بىر يېرىم يۈەندىن ئىككى مىيىپ ئادەمگە بىرىپ كېتىپتۇ.
    موزدۇز شاگرتىنىڭ 5 يۈەن پۇلنى ئىككى مىيىپ ئادەمگە بەرگەن- بەرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن، ئىككى مىيىپ ئادەمنى ئىزدەپ مېڭىپتۇ. ئۇ بىر يەرگە كەلگەندە ئوڭ پۇتى يوق مىيىپ ئادەم ئۇچراپتۇ. موزدۇز ئۇنىڭدىن:
    -سىز ئاياقنى نەچچە يۈەنگە ئالدىڭىز، -دەپ سوراپتۇ.
    ھېلىقى مىيىپ ئادەم: -11 يۈەنگە ئالدىم، -دەپ جاۋاب بىرىپتۇ.
    ئۇ يەنە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن سول پۇتى يوق مىيىپ ئادەم ئۇچراپتۇ. موزدۇز ئۇنىڭدىنمۇ ئاياقنى نەچچە پۇلغا ئالغانلىقىنى سورىسا، ئۇمۇ 11 يۈەنگە ئالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
    موزدۇز دەرھال ھېسابلاپ كۆرۈپ: «ئوڭ پۇتى يوق مىيىپ ئادەم ئاياقنى 11 يۈەنگە سېتىۋالدى، سول پۇتى يوق مىيىپ ئادەممۇ 11 يۈەنگە سېتىۋالدى، بۇ ئىككىسى جەمىئي 22 يۈەن بولسا، شاگىرتىم 3 يۈەن خەجلىۋاپتۇ» -دەپ جەزىم قىپتۇ ۋە شاگىرتىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن نەچچە پۇل خەجلىگەنلىكىنى سورىسا، ئۇ راستىنلا 2 يۈەن خەجلىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
    ئىككى مىيىپ ئادەم ئاياقنى 22 يۈەنگە سېتىۋالغان، شاگىرىت 2 يۈەن خەجلىگەن، بۇلارنىڭ جەمىئىيسى 24 يۈەن بولىدۇ. ئاياق ساتقان ئەسلىدىكى پۇل 25 يۈەن ئىدى.
    ئۇنداق بولسا، بۇ يەردىكى بىر يۈەن پۇل نەگە كەتتى؟

    分享到: