تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. |
-
2013-04-12
ياش ھېسابلاش - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
بۇ يىل دادامنىڭ يېشى بىلەن مېنىڭ يېشىمنى قوشقاندا 110 ياش بولىدۇ. مېنىڭ يېشىم دادامنىڭ ھازىرقى يېشىغا تەڭ بولغاندا ، مىنىڭ يېشىم ئوغلۇمنىڭ ھازىرقى يېشىنىڭ 9 ھەسسىسىگە تەڭ بولىدۇ ، شۇنداقلا ئۇ چاغدا ئوغلۇمنىڭ يېشى مېنىڭ يېشىمدىن 4 ياش چوڭ بولىدۇ.
ئېيتىپ بىقىڭلارچۇ ، ئوغلۇم ھازىر قانچى ياشتا؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2010-06-25
.. - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-08
قانچە كۇن كىتىدۇ ؟ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
بىر سىرچىنىڭ بىر ئېغىز ئۆينىڭ تىمىنى سىرلىشىغا ئۇچ كۇن ۋاقىت كىتىدۇ. ئەگەر ئوخشاش سۇرئەت بىلەن ئۇزۇنلۇقى ، كەڭلىكى ،ئىگىزلىكى دەسلەپكىسىدىن بىر ھەسسە چوڭ بولغان بىر ئېغىز ئۆينى سىرلىشى ئۇچۇن قانچە كۇن ۋاقىت كىتىدۇ ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-06
چولپاننىڭ يېشى - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
ئىتوت چولپىنى ئابدۇكىرىم ئابلىز ئېتوت ئورۇنلاپ بولغاندىن كىيىن ، بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن < سىز بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟ > دەپ سوراپتۇ . ئابدۇكىرىم ئابلىز بىۋاستە جاۋاب بىرىشنى ئەپسىز كۆرۇپ < مىنىڭ بەش يىلدىن كىيىنكى يىشىمنىڭ بەش ھەسسىسىدىن بەش يىل ئاۋۋالقى يىشىمنىڭ بەش ھەسسىسىنى چىقىرىۋەتسىڭىز دەل ھازىرقى يىشىم بولىدۇ > دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ، مۇخپىر ئىككى مىنۇتتىن كىيىن ئۇنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ .
سىزنىڭچە مۇخبىر قانداق بىلدى ؟
ئابدۇكىرىم ئابلىز بۇ يىل قانچە ياش ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-06
توخۇ سودىسى - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
مەن سودا ئىشلىرىغا خام ، ئەمما 10 يىلنىڭ ئالدىدا 8 يۇەنگە بىر توخۇ سىتىۋىلىپ ، 9 يۇەنگە سىتىۋەتكەن ئىدىم . شۇ چاغدا بۇ توخىنى ئەرزان سىتىپ قويۇپتىمەن - دەپ ئويلاپ 10 يۇەنگە بۇ توخىنى قايتا سىتىۋىلىپ ئاخىرى 11 يۇەنگە سىتىۋەتتىم . بۇ ئەلۋەتتە 9 يەنگە سىتىۋەتكىنىمدىن ياخشى ئىدى . مەن شۇ قىتىملىق توخۇ سودىسىدا قانچە يۇەن پايدا ئالغاندىمەن ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-06
سېھرىگەرلىك كۋادىرات ماترىسساسى - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
يۇقىرىقى كاتەكچىدىكى سانلارنى توغرىسىغا، تىكىگە ياكى يانتۇسىغا قوشقاندا نەتىجىسى 15 بولۇپ چىقىدۇ. بۇ سېھرىگەرلىك كۋادىرات ماترىسساسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمدى سانى 16 بولۇپ چىقىدىغان سېھرىگەرلىك كۋادرات ماتىرىسساسىنى ئىشلەپ بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن، بۇنىڭدىكى تەلەپ كۋادرات ماتىرىسساسىدىكى 9 رەقەم ئوخشاش بولماسلىقى كېرەك. سىلەرچە بۇنى قانداق ئىشلەش كېرەك؟
(ۋاقىت چەقلىمىسى: 5 مىنۇت)
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
ئۇلۇق روس يازغۇچىسى ل . تولۇستوي 82 يىل ئۆمۇر كۆرگەن . ئۇنىڭ 19- ئەسىردىكى ئۆمرى 20 - ئەسىردىكى ئۆمرىدىن 62 يىل كۆپ بولغان .
ئۇنداقتا ل . تولۇستوي قانچىنچى يىلى تۇغۇلغان؟ قانچىنچى يىلى ۋاپات بولغان؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-05
سۇڭپىياز سېتىۋىلىش - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
بىرسى سۇڭپىياز سېتىۋىلىش ئۇچۇن بازارغا چىقىپتۇ . ئۇ سۇڭپىياز ساتقۇچىدىن :
___ بىر جىڭى قانچە پۇل ؟ __ دەپ سوراپتۇ . سۇڭپىياز ساتقۇچى :
___ بىر جىڭى بىر يۇەن _ دەپتۇ ، ئۇ :
___ مەن ھەممىنى سېتىۋالاي ، بىراق ئوتتۇردىن كىسىپ ئايرىم جىڭلايممىز : بېشىنىڭ جىڭىغا سەككىز مودىن ، كۆكىنىڭ جىڭىغا ئىككى مودىن بىرەي ، بولامدۇ ؟ __ دەپتۇ . سۇڭپىياز ساتقۇچى :
___ بولىدۇ ، _ دەپتۇ .
لىكىن سۇڭپىياز سېتىلىپ بولغاندىن كىيىن ، سۇڭپىياز ساتقۇچى ھېسابلاپ باقسا ، دەلمۇ - دەل يىرىمىنى زىيان تارتىپتۇ .
ئويلاپ كۆرۇڭلار ، سۇڭپىياز ساتقۇچى نېمە ئۇچۇن بۇنچىۋالا كۆپ زىيان تارىتقان ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-05
چاپان ، شەپكە ، ئاياغ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
بىر كېشى 140 يۈەنگە بىر چاپان ، بىر شەپكە ، بىر جۈپ ئاياغ سېتىۋاپتۇ . چاپاننىڭ باھاسى شەپكىنىڭكىدىن 90 يۈەن قىممەت ، چاپان بىلەن شەپكە ئاياغنىڭكىدىن 120 يۈەن قىممەت بولسا ، ھەر قايسىسىنىڭ باھاسى قانچىدىن بولىدۇ ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-05
ياش ئۇستىدە پاراڭ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
بۇرۇنقى زاماندا ئالىم ، ئادىل ، قابىل ئىسىملىك ئۇچ ئادەم بولغانىكەن. بىر كۇنى ئۇلار ياش ئۇستىدە پاراڭغا چۇشۇپ ، ھەر بىرى ئۇچ ئېغىزدىن سۆزلەپتۇ . بۇنىڭ ئىككى ئېغىز سۆزى راسىت ، بىر ئېغىز سۆزى يالغان سۆز ئىكەن.
____ مەن بۇ يىل 22 ياشقا كىردىم ، مەن ئادىلدىن ئىككى ياش كېچىك ، قابىلدىن بىر ياش چوڭ __ دەپتۇ ئالىم.
____ مەن ئەڭ كىچىكىڭلاردىن ئەمەس ، قابىل ئىككىمىز ئۇچ ياش پەرىقلىنىمىز . قابىل بۇ يىل 25 ياشقا كىردى __ دەپتۇ ئادىل.
____ مەن ئالىمدىن كىچىك ، ئالىم بۇ يىل 23 ياشقا كىردى . ئادىلدىن ئۇچ ياش چوڭ __ دەپتۇ قابىل.
ئويلاپ كۆرۇڭ ، ئۇ ئۈچىنىڭ ھەر قايسىسى قانچە ياش؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.