تېپشماقلار دۇنياسى قۇرۇلغىلى
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىر جۈپ توشقان ھەر ئايدا بىر جۈپتىن بۆجەنلەيدۇ ،بۇ بۆجەنلەر 2ئايدىن كىيىنلا نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ھەر ئايدا يەنە بىر جۈپتىن بۆجەنلەيدۇ دىسەك ئۇنداقتا سىز بىر جۈپ توشقان باقسىڭىز بىر يىلدا كۆپىيىپ قانچە بولىدۇ .(بۇ ھېسابلاشتا توشقانلار ئۆلۈپ كەتمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ )

    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىركۈنى نەسىردىن ئەپەندىم ئىشىكىنى مىنىپ ئازنا بازارغا كىتىپ بارسا،مەھەلىدىكى بىر كىشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ؛

    -ھوي..ئەپەندىم،بۇ يىل نەچچىگە كىردىلە؟

    -45 ياشقا-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەپەندىم.

    -ۋاي يالغان سۆزلىمىسىلە دەيمەن،5 يىلنىڭ ئالدىدا سورىسام 45 ياش دىگەنتىلە،بۇ قانداق كارامەت؟

    ئەپەندىم ئىشىكىدىن چۈشۈپ ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا كىلىپتۇ ۋە:(                                   ) دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

    ئۇ كىشىمۇ قايىل بولۇپ باش لېڭشىتىپتۇ..

     

    قېنى گۈللەر،ئەپەندىم ئۇ كىشىگە زادى نىمە دىگەندۇ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • .ھايۋاناتلار باغچىسىدا پىل ئۆلۈپ قالسا، پىلغا قارىغۇچى نىمىشقا يىغلايدۇ؟

    2.يۇيغانسېرى مەينەت بولۇپ كېتىدىغان نەرسە نىمە؟

    3.<<بۆرە كەلدى >> دىگەن ھىكايىدىن قانداق تەسىرات ئالدىڭىز؟

    4.ئېچىرقاپ كەتكەن بىر مۈشۈك چاشقاننى كۆرۈپ بەدەر چېپىپتۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟

    5.قانداق ئادەم بايلىقنى كئكرۈپمۇ پەرۋا قىلمايدۇ؟

    6.سىز ئوڭ قولىڭىز بىلەن خەت يازامسىز ياكى سول قولىڭىزدىمۇ؟

    7.قانداق نەرسىنى سېتىۋالمايلا ىلىغانچە يىگىلى بولىدۇ؟

    8.ئىنسانىيەت پەقەت قىلالمايدىغان ئىش نىمە؟

    9.ھەر قانداق ئادەم چوقۇم بىرىشقا تىگىشلىك يەر قايسى؟

    10.قانداق گەپنى قىلماق ئەڭ ئاسان؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  •  يەر شارىدا ، زەمبىرەك ئوقى سېكۇنىتىغا 900 مېتىر تېزلىك بىلەن ئېتىلىپ چىقىدۇ . ئەگەر زەمبىرەكنى ئايغا ئىلىپ چىقساق ، بارلىق جىسىملارنىڭ ئايدىكى ئغىرلىقى يەردىكى ئىغىرلىقىنىڭ 6 دىن 1 چىلىكلا كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ چاغدا زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئېتىلىش تېزلىكى قانچىلىك بولىدۇ ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  •  1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گىرمانىيىلىك ئايال جاسۇسى مارى بۇيرۇققا بىنائەن فرانسىيىنىڭ مەخپىي ئاخپاراتىنى توپلايدۇ.
    گىنېرال مور فرانسىيىلىك مۇھىم شەخس ئىدى، بەزى ئاشكارە سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ مارى مور بىلەن تۇنۇشۇپ دوست بولۇپ قالىدۇ، ماري گىنېرال مورنىڭ دائىم مۇھىم ھۆججەتلېرىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ بىخەتەر ئىشكاپقا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. بىر كۈنى مارى گىنېرال مورنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا كېلىدۇ، ئۇ گنىرالنىڭ ئېھتىياتسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھارىقىغا ئۇيقۇ دورىسى سېلىۋېتىپ ئۇنى ئۇخلىتىپ قويىدۇ.
    مارى ناھايىتى تېزلا گىنېرالنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىرىدۇ، ئەمما توختاپ قالغان بىر چوڭ سائەتنىڭ يېنىدىكى بىخەتەرلىك ئىشكاپىنىڭ ئالدىدا نائىلاج تۇرۇپ قالىدۇ.ئۇ تۇيۇقسىزلا گىنېرال مورنىڭ ناھايىتى ئۇنۇتقاق ئىكەنلىگىنى، مەخپى شىفىرنى چوقۇم بىر يەرگە خاتىرىلەپ قويىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئىنچىكە گۈزىتىش ئارقىلىق ئۇ مەخپىي شىفىرنى راستىنلا تېپىۋالىدۇ.

    سىلەر تېپىپ بېقىڭلار ،ئۇ قانداق قىلىپ مەخپىي شىفىرنى تېپىۋالغان ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1-ھىندىستاننىڭ بۇرۇنقى پايتەختى
     A-كالكوتتا                    B-  بومباي                        C-   ئاغرا    

    2-دىرھەم سۇزى قايسى تىلدا
    A-  ئەرەپچە                 B-  يۇنانچە                        C- ئىسپانچە 

    3-دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن  قانال
    A-لىيىن قانىلى           B-  سۇۋەيىس قانىلى           C-   مەرمەر  قانىلى

    3قۇرئاندىكى كىچىك ئاياللار دەپ ئاتىلىدىغان سۇرە
     A-سۇرە تالاق                 B-    سۇرە نۇر                   C-    سۇرە مۇجادەلە    


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1- بىلىىقنىڭ قارنىدا ياشىغان پەيغەمبەر كىم؟
    2- ئەمەۋى خەلىپىلىكىنىڭ تۈنجى خەلىپىسى كىم؟
    3- ئابباسى خەلىپىلىكىنىڭ تۈنجى خەلىپىسى كىم؟
    4- ئەييۇبى پادىشاھلىقىنىڭ  تۈنجى پادىشاھى كىم؟
    5- ئۆز قىرىندىشىنى قۇدۇققا تاشلىغان پەيغەمبەر ئەۋلادى كىملەر ؟
    6- ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا بۇيرۇلغان پەيغەمبەر كىم؟
    7- ئىسلام تارىخىدا خۇلەپائى راشىدىن ئىسمىنى ئالغان تۆرت خەلىپە كىملەر؟
    8- بۇ تۆرت خەلىپەدىن قايسىسى ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن ؟
    9- بۇ تۆرت خەلىپەلەردىن قايسىنىڭ دەۋرى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىر ھىساپلانغان؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • قۇرئان كەرىمنىڭ ئانىسى دەپ ئاتالغان سۈرە قايسى؟

    قۇرئان كەرىمنىڭ يۈرۈگى دەپ ئاتالغان سۈرە قايسى ؟

    قۇرئان كەرىمنىڭ زىننىتى قايسى سۈرە؟

    ئۇلۇغ ئايلار قايسى؟

    سەھىھ دەپ قارالغان 6 كىتاپنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرالامسىز؟

    قىيامەت قۇرئان كەرىمدە نەچچە خىل ئىسىم بىلەن زىكىر قىلىندى؟ئۇلار قايسى؟

     


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.