
-
2009-05-08
مەخپىي شىفىرنى قانداق تېپىۋالغان ؟ - [پەننى تېپىشماقلار]
1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گىرمانىيىلىك ئايال جاسۇسى مارى بۇيرۇققا بىنائەن فرانسىيىنىڭ مەخپىي ئاخپاراتىنى توپلايدۇ.
گىنېرال مور فرانسىيىلىك مۇھىم شەخس ئىدى، بەزى ئاشكارە سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ مارى مور بىلەن تۇنۇشۇپ دوست بولۇپ قالىدۇ، ماري گىنېرال مورنىڭ دائىم مۇھىم ھۆججەتلېرىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ بىخەتەر ئىشكاپقا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. بىر كۈنى مارى گىنېرال مورنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا كېلىدۇ، ئۇ گنىرالنىڭ ئېھتىياتسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھارىقىغا ئۇيقۇ دورىسى سېلىۋېتىپ ئۇنى ئۇخلىتىپ قويىدۇ.
مارى ناھايىتى تېزلا گىنېرالنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىرىدۇ، ئەمما توختاپ قالغان بىر چوڭ سائەتنىڭ يېنىدىكى بىخەتەرلىك ئىشكاپىنىڭ ئالدىدا نائىلاج تۇرۇپ قالىدۇ.ئۇ تۇيۇقسىزلا گىنېرال مورنىڭ ناھايىتى ئۇنۇتقاق ئىكەنلىگىنى، مەخپى شىفىرنى چوقۇم بىر يەرگە خاتىرىلەپ قويىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئىنچىكە گۈزىتىش ئارقىلىق ئۇ مەخپىي شىفىرنى راستىنلا تېپىۋالىدۇ.سىلەر تېپىپ بېقىڭلار ،ئۇ قانداق قىلىپ مەخپىي شىفىرنى تېپىۋالغان ؟
مەنبە: «كىم ئەقىللىق» كىتاۋىدىن ئېلىندى.历史上的今天:
ئايدىكى زەمبىرەك 2009-05-08ماشىنا نىمە ئۈچۈن مەستنى سوقۇۋەتمەيدۇ؟ 2009-05-08ﻗﯧﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯗ؟ 2009-05-08شىئېرىي تېپىشماق(3) 2009-05-08پەرىقنى تاپالامسىز؟ _ 8 2009-05-08
评论