تېپشماقلار دۇنياسى قۇرۇلغىلى
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • ئەقىللىق شاھزادە بازاردىكى كىشىلەرگە ئىككى تېپىشماقنى ئېيتتى،لېكىن ئۇلار جاۋابىنى تاپالدىمۇ؟ بۇرۇنسىدا بىر پادىشاھنىڭ تولىمۇ ئەقىللىق بىر شاھزادىسى بولغانىكەن. پادىشاھ ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىكەن. بىر كۈنى، شاھزادە بازارغا كېلىپ ھەممەيلەنگە شۇنداق جاكارلاپتۇ: - مەن ئىككى تېپىشماق  ئېيتىمەن، سىلەر جاۋابىنى تاپالمىغۇدەك بولساڭلار، بۈگۈن سودا - سېتىق قىلىشنى ئويلىماڭلار! ساتارمەنلەرنىڭ سېتىشىغا، ئالارمەنلەرنىڭ ئېلىشىغا رۇخسەت يوق. بىرىنچى تېپىشماق: «ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۈتلۇق، ئۇ قانداق ھايۋان؟»؛ ئىككىنچى تېپىشماق: «بىر دەرەختە 12 شاخ، ھەر بىر شاختا ئوتتۇز يوپۇرماق، ئۇ نېمە؟» دەپتۇ. كىشىلەرنىڭ بىرسىمۇ تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بازار تارقاپتۇ. بىر ھەپتە ئۆتۈپ، يەنە بازار كۈنى يېتىپ كەپتۇ. شاھزادىمۇ يەنە بازارغا كېلىپ: - مەن ئېيتقان تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى تاپالىدىڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. كىشىلەر بۇ قېتىممۇ ئۈندىيەلمەي، كېتىشكە ئالدىراپتۇ. ساتارمەنلەر مېلىنى ساتالماپتۇ. ئالارمەنلەرمۇ ئالدىغىنىنى ئالالماپتۇ. شۇنداق قىلىپ بازار يەنە تارقاپتۇ. بازارغا كەلگەنلەر ئارىسىدا بىر بازار قاراۋۇلى بار ئىكەن. ئۇ تولىمۇ نامرات بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئىككى قىزى بار ئىكەن، چوڭ قىزى تولىمۇ گۈزەل ئىكەن، كىچىك قىزى بولسا ئورۇق، ۋىجىك، ئەمما ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىللىق بولۇپ، ئەقىل - پاراسەتتە باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىكەن. كەچتە قاراۋۇل بوۋاي قايتىپ كەلگەندە، كىچىك قىزى دادىسىدىن: - دادا، سەن ئىككى قېتىم بازارغا باردىڭ، ئەمما ھەر قېتىمدىلا قۇرۇق قول قايتىپ كەلدىڭ، بۇ قانداق ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ. - ھەي قىزىم، - دەپتۇ قاراۋۇل، - شاھزادە بازارغا كېلىپ: «سىلەر مېنىڭ ئېيتقان تېپشماقلىرىمنىڭ مەنىسىنى دەپ بېرەلمىسەڭلار، سودا - سېتىق قىلماڭلار» دەپ جاكارلىدى، - دەپتۇ. - شاھزادە سىلەرگە نېمە تېپىشماق ئېيتتى؟ - دەپ سوراپتۇ كىچىك قىزى. - ئۇنىڭ بىر تېپىشمىقى: «ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۇتلۇق، ئۇ قانداق جانىۋار؟»، يەنە بىرسى: «بىر دەرەختە 12 شاخ، ھەر بىر شاختا ئوتتۇز يوپۇرماق» ئىكەن، - دەپتۇ بوۋاي. - بۇنى تاپماق بەك ئاسانكەنغۇ، دادا، - دەپتۇ كىچىك قىزى ئويلىنىۋېلىپ، - بىرىنچى تېپىشماقتا دېيىلىۋاتقىنى - ئادەم. ئادەم، ئۆمرىنىڭ ئەتىگىنىدە يەنى بوۋاق چېغىدا ئىككى قل ۋە  ئىككى پۇتى بىلەن ئۆمىلەپ ماڭىدۇ؛ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، قېرىغاندا ھاسىغا تايىنىپ ئۈچ پۇتلۇق بولۇپ قالىدۇ. ھېلىقى «دەرەخ» بولسا «يىل»، بىر يىلدا 12 ئاي بولىدۇ، ھەر بىر ئايدا ئوتتۇز كۈن بولىدۇ. بىر ھەپتە ئۆتۈپ، يەنە بىر بازار كۈنى يېتىپ كەپتۇ، شاھزادە يەنە بازارغا كەپتۇ. - بۈگۈن جاۋاپ تاپپتىڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ئۇ. - تاپتىم، ئالىيلىرى - دەپتۇ قاراۋۇل بوۋاي، - ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۇتلۇق بولىدىغان جانىۋار - ئادەم. ھېلىقى دەرەخ - يىل، بىر يىلدا 12 ئاي، ھەر بىر ئايدا ئوتتۇز كۈن بولىدۇ. - سودا - سېتىقنى باشلاڭلار! - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ شاھزادە ھەيران بولغان ھالدا. گۇگۇم چۈشۈشكە ئاز قالغاندا، شاھزادە قاراۋۇل بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ قاراۋۇل بوۋايدىن: - ساڭا تېپشماقلارنىڭ جاۋابىنى كىم تېپىشىپ بەردى؟ - دەپ سوراپتۇ. قاراۋۇل بوۋاي شاھزادىگە راست گەپنى ئېيتىپتۇ. - بۈگۈن كەچ مەن سېنىڭ ئۆيۈڭدە مېھمان بولىمەن، - دەپتۇ شاھزادە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن. شاھزادە قاراۋۇلنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ ئىككى قىزىنى كۆرۈپتۇ. كىچىك قىزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە ساپتۇ. كېيىن، شاھزادە قاراۋۇلنىڭ كىچىك قىزىنى ئۆزىنىڭ نىكاھىغا ئاپتۇ. 

    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • (1) قانداق نەرسىنىڭ ئىككى مىېڭىسى، ئالتە پۇتى، بىر قۇيرۇقى بولىدۇ؟

     

    (2) قانداق نەرسە مەڭگۈ تۆۋەنلىمەي، داۋاملىق يۇقۇرى ئۆرلەيدۇ؟

     

    (3) قانداق ئادەملەر ھاۋارايى خادىمى بولۇشقا مۇناسىپ؟ نىمە ئۈچۈن؟

     

    (4) ساڭا تەۋە ئەمما باشقىلار ساڭا قارىغاندائەڭ كۆپ قوللىنىدىغان نەرسە نېمە؟

     

    (5) كىشىلەر قانداق نەرسىنى بۇزىۋەتكەندە ماختىنىدۇ ۋە خۇشاللىنىدۇ؟

    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • چوڭ،ئوتتۇرھال ۋە كىچىكتىن ئىبارەت ئۈچ قۇتا ۋە 12تال كەمپۇت بار.ئەگەر12 تال كەمپۇتنى ئۈچ قۇتغا سېلىڭ  ھەمدە چوڭ قۇتىدىكى كەمپۇتنىڭ سانى ئوتتۇرھال قۇتىدىكى كەمپۇتنىڭ سانى كىچىك قۇتىدىكى كەمپۇتىڭ سانىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولسۇندەپ شەرت قۇيۇلسا ئەڭ كۆپ بۇلغاندا كەمپۇتلارنى بۆلۈشنىڭ نەچچە خىل ئۇسۇلى بار؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • .ھايۋاناتلار باغچىسىدا پىل ئۆلۈپ قالسا، پىلغا قارىغۇچى نىمىشقا يىغلايدۇ؟

    2.يۇيغانسېرى مەينەت بولۇپ كېتىدىغان نەرسە نىمە؟

    3.<<بۆرە كەلدى >> دىگەن ھىكايىدىن قانداق تەسىرات ئالدىڭىز؟

    4.ئېچىرقاپ كەتكەن بىر مۈشۈك چاشقاننى كۆرۈپ بەدەر چېپىپتۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟

    5.قانداق ئادەم بايلىقنى كئكرۈپمۇ پەرۋا قىلمايدۇ؟

    6.سىز ئوڭ قولىڭىز بىلەن خەت يازامسىز ياكى سول قولىڭىزدىمۇ؟

    7.قانداق نەرسىنى سېتىۋالمايلا ىلىغانچە يىگىلى بولىدۇ؟

    8.ئىنسانىيەت پەقەت قىلالمايدىغان ئىش نىمە؟

    9.ھەر قانداق ئادەم چوقۇم بىرىشقا تىگىشلىك يەر قايسى؟

    10.قانداق گەپنى قىلماق ئەڭ ئاسان؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  •  1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گىرمانىيىلىك ئايال جاسۇسى مارى بۇيرۇققا بىنائەن فرانسىيىنىڭ مەخپىي ئاخپاراتىنى توپلايدۇ.
    گىنېرال مور فرانسىيىلىك مۇھىم شەخس ئىدى، بەزى ئاشكارە سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ مارى مور بىلەن تۇنۇشۇپ دوست بولۇپ قالىدۇ، ماري گىنېرال مورنىڭ دائىم مۇھىم ھۆججەتلېرىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ بىخەتەر ئىشكاپقا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. بىر كۈنى مارى گىنېرال مورنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا كېلىدۇ، ئۇ گنىرالنىڭ ئېھتىياتسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھارىقىغا ئۇيقۇ دورىسى سېلىۋېتىپ ئۇنى ئۇخلىتىپ قويىدۇ.
    مارى ناھايىتى تېزلا گىنېرالنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىرىدۇ، ئەمما توختاپ قالغان بىر چوڭ سائەتنىڭ يېنىدىكى بىخەتەرلىك ئىشكاپىنىڭ ئالدىدا نائىلاج تۇرۇپ قالىدۇ.ئۇ تۇيۇقسىزلا گىنېرال مورنىڭ ناھايىتى ئۇنۇتقاق ئىكەنلىگىنى، مەخپى شىفىرنى چوقۇم بىر يەرگە خاتىرىلەپ قويىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئىنچىكە گۈزىتىش ئارقىلىق ئۇ مەخپىي شىفىرنى راستىنلا تېپىۋالىدۇ.

    سىلەر تېپىپ بېقىڭلار ،ئۇ قانداق قىلىپ مەخپىي شىفىرنى تېپىۋالغان ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • رازۋىدكا مەكتىپى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدا مۇنداق سۇئالنى ئوتتۇرغا قويدى:
    « تاشيولدا  بىر ماشىنا ئۇچقاندەك كېتىۋاتىدۇ، ماشىنا چىرىقىنى ياقمىغان، قارا كىيىم كەيگەن بىر مەست يولنىڭ ئوتتۇرسىغا كېلىپ قالدى. بۇ چاغدا يول چىرىقى يوق، ئايمۇ چىقمىغان ھىلىقى ئادەم ماشىنىغا سوقۇلۇپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى، ئامما ماشىنا تۇيۇقسىز تورمۇزلاندى، سەۋەبى نىمە؟»

    بەزىلەر: « مەستنىڭ كۆزى چاقناپ كەتكەن» دىگەن،
    يەنە  بەزىلەر:« مەست قاتتىق ۋارقىراپ كەتكەن » دىگەن،

    ئەمما بۇ جاۋاپلارنىڭ ھىچقايسىسى توغرا ئەمەس، سىز توغرا جاۋاپنى بىلەمسىز؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1-ئا ﻟﯩﻤﻐﺎ ﻣﺎ ﻟﯩﻢ، ﻣﺎ ﻟﯩﻤﻐﺎ ئا ﻟﯩﻢ .                               
    2- ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ئاﻏﺎﻣﭽﺎﻡ ﺑﺎﺭ، ئۇ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺗﺎﻗﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ
     3- ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻳﻨﻰ ﺗﯚﺕ ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ سويۇپتۇ .
     4 -گۇلى ئىچىلىدۇ،مىۋىسىنى يىگىلى بولمايدۇ
    5-بىر-ياندىن چىشلەپ،بىر ياندىن ماڭىدۇ.
    6- ئاياغ بىلەن كۆينەكنى ئوخشاش كىيىدۇ.
    7-ئىككى دۆلەت ئۇرۇش قىلسا،ئەسكەر بىلەن ئات جانلىنىپ كىتىدۇ.
    8-سۇنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ،سۇغا كىرسىلا يوقاپ كىتىدۇ


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • جاھالەتتىنىڭ ،ئادالەتنىڭ چىن گۇۋاھى،
    سەلتەنەت ۋە مەئىشەتنىڭ يار-يۈلكى.
    چىن رىئاللىق ،ساختىلىقنىڭ ھەم ئىزناسى،
    ئلىم مەرىپەت ۋە تارىخنىڭ ساپ يۈرىكى.

    مائارىپنىڭ ۋە ئەدىپنىڭ چىن ھەمراھى،
    ئەخلاق ھەمدە گۈزەللىكنىڭ ئارامگاھى.
    ئىلىم تولغان قامۇسلارنىڭ ئاساسچىسى،
    ھەم شۇنداقلا نادانلارنىڭ گۆرىكارى.

    مەدىنىيەت ھەم سەنئەتنىىڭ چىن ئىزچىسى،
    ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ تۆھپىكارى.
    قەغەز دىگەن نازىنىننىڭ چىن ھەمراھى،
    ئەقىل ئىدراك ھەم ساپانىڭ غەمگۇزارى.

    ئەقلى باركى ھەر ئىنسانغا كېرەكلىك،
    بىر نەرسە باربىزدىن ھەرگىز ئايرىلماس،
    نادانلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوستازى،
    نادانلىقتا قالغان كىشى تاپالماس.

     


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1-ھىندىستاننىڭ بۇرۇنقى پايتەختى
     A-كالكوتتا                    B-  بومباي                        C-   ئاغرا    

    2-دىرھەم سۇزى قايسى تىلدا
    A-  ئەرەپچە                 B-  يۇنانچە                        C- ئىسپانچە 

    3-دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن  قانال
    A-لىيىن قانىلى           B-  سۇۋەيىس قانىلى           C-   مەرمەر  قانىلى

    3قۇرئاندىكى كىچىك ئاياللار دەپ ئاتىلىدىغان سۇرە
     A-سۇرە تالاق                 B-    سۇرە نۇر                   C-    سۇرە مۇجادەلە    


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1- بىلىىقنىڭ قارنىدا ياشىغان پەيغەمبەر كىم؟
    2- ئەمەۋى خەلىپىلىكىنىڭ تۈنجى خەلىپىسى كىم؟
    3- ئابباسى خەلىپىلىكىنىڭ تۈنجى خەلىپىسى كىم؟
    4- ئەييۇبى پادىشاھلىقىنىڭ  تۈنجى پادىشاھى كىم؟
    5- ئۆز قىرىندىشىنى قۇدۇققا تاشلىغان پەيغەمبەر ئەۋلادى كىملەر ؟
    6- ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا بۇيرۇلغان پەيغەمبەر كىم؟
    7- ئىسلام تارىخىدا خۇلەپائى راشىدىن ئىسمىنى ئالغان تۆرت خەلىپە كىملەر؟
    8- بۇ تۆرت خەلىپەدىن قايسىسى ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن ؟
    9- بۇ تۆرت خەلىپەلەردىن قايسىنىڭ دەۋرى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىر ھىساپلانغان؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.