تېپشماقلار دۇنياسى قۇرۇلغىلى
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىز بىرلىكتە تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ تارتقان زىينىنى ھىساپلىشىپ بېرەيلى.
    بىر كۈنى تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ كەلگەن بىر يىگىت كىچىك تىپتىكى يانچۇق ئۇنئالغۇسىنى ياقتۇرۇپ قالدى. بۇ ئۈنئالغۇنىڭ توپ ئەكىرىش باھاسى 18 يۈەن بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 54 يۈەن دەپ يېزىلغان ئىدى.
    نەتىجىدە بۇ يىگىت يانچۇقىدىن پۈتۈن 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ بۇ ئۈنئالغۇنى سېتىۋالدى. تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ پارچە پۇلى قايتۇرۇشقا چىقىشمىغاچقا، ئۇ خوشنىسىدىن پارچە پۇل تېگىشىپ چىقىپ، ھېلىقى يىگىتكە 46 يۈەن پۇلنى قايتۇردى.
    بىراق كېيىن خوشنىسى ھېلىقى 100 يۈەنلىك پۇلنىڭ ساختىلىغىنى بايقاپ قالغاچقا، تۇرداخۇن ئۇستام ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭغا 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
    سۇئال: تۇرداخۇن ئۇستام بۇ قېتىملىق سودىدا جەمئىي قانچە يۈەن زىيان تارتقان؟ 
    ھەممىمىز بىرلىكتە باش قاتۇۇپ ھېساپلىشىپ بېرەيلى.


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىر تۇخۇمچى موماي بىركۈنى تۇخۇملىرىنى سېۋەتكە قاچىلاپ بازارغا كىتىپ بېرىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن بىربالىغا سوقۇلۇپ كىتىپ تۇخۇملىرى چېقىلىپ كىتىپتۇ،خىجىل بولغان ئۇ بالا موماينىڭ تۇخۇملىرىنى تۆلەپ بەرمەكچى بولۇپ مومايدىن سوراپتۇ:
    ـ موما سېۋەتلىرىدىكى تۇخۇم قانچە دانەئىدى؟
    موماي دەپتۇ:
    ـ ئەتىگەن تۇخۇمنى سېۋەتكە سالغۇچە ئىككىدىن ئالسام بىرسى ئېشىپ قالدى ،ئادەتتە مەن تۇخۇم ئالغاندائاشۇرۇپ قويمايتىم شۇڭا قايتا ئۈچتىن ئالسام يەنەبىرسى ئېشىپ قالدى، يەنە قايتىدىن تۆتتىن ئالساممۇ بىرسى ،بەشتىن ئالساممۇ بىرسى،ئالتىدىن ئالساممۇ بىرسى ئېشىپ قالدى ،پەقەت يەتتىدىن ئالغاندىلا ساق تۈگىدى دەپتۇ…
    قېنى ھېسابلاپ بېقىڭ موماينىڭ سېۋىتىدىكى تۇخۇم زادى قانچە دانە؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  •  

     بۇ يىل دادامنىڭ يېشى بىلەن مېنىڭ يېشىمنى قوشقاندا 110 ياش بولىدۇ. مېنىڭ يېشىم دادامنىڭ ھازىرقى يېشىغا تەڭ بولغاندا ، مىنىڭ يېشىم ئوغلۇمنىڭ ھازىرقى يېشىنىڭ 9 ھەسسىسىگە تەڭ بولىدۇ ، شۇنداقلا ئۇ چاغدا ئوغلۇمنىڭ يېشى مېنىڭ يېشىمدىن 4 ياش چوڭ بولىدۇ.

     

    ئېيتىپ بىقىڭلارچۇ ، ئوغلۇم ھازىر قانچى ياشتا؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1..قارمۇ قارشى 2 تامدا 2 چىۋىن      ئوڭ تامدىكى چىۋىن ناخشا ئېيتسا سول تامدىكى چىۋىن يەرگە چۈشۈپ كىتىپتۇ بۇ نىمە ئۈچۈن؟

    2.بىر ئوۋچى قىشتا قار يىغىپ توختىغان ۋاقىتتا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقىپتۇ .  ئوۋچى كىتىپ بېرىپ ئاسماندا بىر كەپتەرنى كۆرۈپ ئىتىپتىكەن قاغا چۈشۈپتۇ    بۇ نىمە ئۈچۈن؟

    3.بىر ئوۋچى قىشتا قار يىغىپ توختىغان ۋاقىتتا ئوۋ چى يەنە چىقىپتۇ  .قار 5 سانتا ئىگىزلىكتە ئىكەن ،ئوۋچى مىڭىپتۇ  مىڭىپتۇ ئارقىغا قارىسا ئىز يوق  يەنە مىڭىپتۇ  مىڭىپتۇ ئارقىغا قارىسا ئىز يوق  بۇ  نىمە ئۈچۈن؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىر جۈپ توشقان ھەر ئايدا بىر جۈپتىن بۆجەنلەيدۇ ،بۇ بۆجەنلەر 2ئايدىن كىيىنلا نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ھەر ئايدا يەنە بىر جۈپتىن بۆجەنلەيدۇ دىسەك ئۇنداقتا سىز بىر جۈپ توشقان باقسىڭىز بىر يىلدا كۆپىيىپ قانچە بولىدۇ .(بۇ ھېسابلاشتا توشقانلار ئۆلۈپ كەتمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ )

    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • تېپىشماق
    ئۈچ ئادەم بىر كۆۋرۈكتىن تەڭلا ئۆتۈپتۇ.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى كۆۋرۈكنى كۆرۈپتۇ ھەم دەسسەپ ئۆتۈپتۇ. يەنە بىر كىشى بولسا كۆۋرۈكنى كۆرۈپتۇ يۇ دەسسىمەيلا ئۆتۈپ كىتىپتۇ. ئۈچىنجى كىشى بولسا كۆۋرۈكنى ھەم كۆرمەي ھەم دەسسىمەيلا ئۆتۈپ كىتىپتۇ. بۇ ئۈچ كىشى كۆۋرۈكتىن قانداق ئۆتكەن؟

    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىر كىچىك كەنىت بولۇپ، ئۇكەنىتتە پەقەت ئىككىلا، بىر ئەر، بىر ئايال ياشايدىكەن .   
    بىراق ئەر ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىسە ،    ئايال ئەرنى تونىمايدىكەن .
    بۇ زادى قانداق گەپ ؟ قېنى مۇنبەرداشلار تېپىپ بېقىڭلار!  
    2) بىر ئادەم بىر ئادەمگە قەرىزدار بوپقاپتۇ 
    قەرىز ئىگىسى پۇلنى سۈيلەپ كەلسە بەرمەي ئۆكتەملىك قىىلىپ تۇرۇۋاپتۇ
    قەرىز ئىگىسىنىڭ ئاچچىقى كەپ بۈگۈن پۇلنى ئالمىسام ئادەم بولماي كېتەي دەپ قەسەم ئىچىپتۇ

    قەرىز ئىگىسىمۇ بەرسەم ئاپام خوتۇنۇم بولسۇن دەپ قەسەم ئىچىپتۇ
    شۇ جىدەلنىڭ ئۈستىگە مەھەللىنىڭ ئىمامى كېلپ ئۇلارنىڭ داۋاسىنى ئاسانلا تۈگىتىپتۇ 94t

    قېنى دەپ بېقىڭلار ئىمام جىدەلنى قانداق تۈگەتكەن؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  •  

    ھەربىر سوئالغا يەتتە سىكونت ئىچىدە جاۋاپ بېرەلىسە، كىم ھەممىسىگە تولۇق توغرا جاۋاپ بەرسە شۇنىڭغا مۇكاپات بار....
    1. ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ تۈپكى سەۋەپ نىمە؟
    2. سائەت قانداق ۋاقىتتا ماڭمايدۇ؟
    3. ئۆزىنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرىدىغان، ھەمدە ئالدامچىلىقى قانچە ئۇستىلىق بىلەن بولسا شۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىدىغان ئادەم كىم؟
    4. سەككىز ئادەم سەككىز كىشىلىك تاماقنى يەپ بولۇشقا 10 مىنۇت كەتسە، 28 ئادەمنىڭ 28 كىشىلىك تاماقنى يەپ بولۇشىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
    5. بىر يىل تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈل قايسى؟
    6. قولىدا ھىچقانداق قوغدىنىش قورالى بولمىغان بىر ئادەم تېخى كۆندۈرۈلمىگەن شىرنىڭ قەپىسىگە كىرگەن، لېكىن ئۇ ھىچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغان، نىمە ئۈچۈن؟   
    7. مەڭگۈ باشقىلار بىلەن بىللە قىلالمايدىغان ئىشىڭىز نىمە؟

    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • .بىر كۆرۇك بار بۇكۆرۇكتىن 100كىلو نەرسە بولسا ساق-سالەمەت ئۆتكىلى بولىدۇ  1مىسقال نەرسە ئارتۇق بولسىمۇ كۆرۇك چۇشۇپ كېتىدۇ. بىر ئادەم ئۆزى 90كىلو ئوڭ قولىدا 5كىلو تاۋۇز سول قولىدا 5كىلو ئالما بار بۇ ئادەم كورۇكتىن ئوتۇپ كېتىۋاتقان دەل شۇ چاغدا بىر قۇشقاچ ئۇ ئادەمنىڭ كالىسىغا چىچىپ قويغان ئۇ ئادەم ئەقىل ئىشلەتمىسە كۆرۇك چۇشۇپ كىتىدۇ ئۇئادەم بىر ئەقىل ئىشلتىپ كۆرۇكتىن ساق ئوتۇپ كەتكەن قانداق ئەقىل ئىشلەتكەن؟
    2.بىر چىۋېن بىر پىلنڭ قۇلقىغا بىر نەرسە دەپتىكەن پىل ئايلىنىپ كېتىپتۇ چىۋېن نېمە دىگەن؟  
    3.بىر ئادەم ئولىۋالماقچى بولۇپ ئەڭ ئىگز بىناغا چىقىپ سەكرىمەكچى بولۇپتۇ ئەمما ئۇ ئادەم بىناغا چىقىپ سەكرەپ بولغىچە ئولۇپ قاپتۇ سەۋەبى؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىركۈنى نەسىردىن ئەپەندىم ئىشىكىنى مىنىپ ئازنا بازارغا كىتىپ بارسا،مەھەلىدىكى بىر كىشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ؛

    -ھوي..ئەپەندىم،بۇ يىل نەچچىگە كىردىلە؟

    -45 ياشقا-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەپەندىم.

    -ۋاي يالغان سۆزلىمىسىلە دەيمەن،5 يىلنىڭ ئالدىدا سورىسام 45 ياش دىگەنتىلە،بۇ قانداق كارامەت؟

    ئەپەندىم ئىشىكىدىن چۈشۈپ ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا كىلىپتۇ ۋە:(                                   ) دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

    ئۇ كىشىمۇ قايىل بولۇپ باش لېڭشىتىپتۇ..

     

    قېنى گۈللەر،ئەپەندىم ئۇ كىشىگە زادى نىمە دىگەندۇ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.