تېپشماقلار دۇنياسى قۇرۇلغىلى
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • جاھالەتتىنىڭ ،ئادالەتنىڭ چىن گۇۋاھى،
    سەلتەنەت ۋە مەئىشەتنىڭ يار-يۈلكى.
    چىن رىئاللىق ،ساختىلىقنىڭ ھەم ئىزناسى،
    ئلىم مەرىپەت ۋە تارىخنىڭ ساپ يۈرىكى.

    مائارىپنىڭ ۋە ئەدىپنىڭ چىن ھەمراھى،
    ئەخلاق ھەمدە گۈزەللىكنىڭ ئارامگاھى.
    ئىلىم تولغان قامۇسلارنىڭ ئاساسچىسى،
    ھەم شۇنداقلا نادانلارنىڭ گۆرىكارى.

    مەدىنىيەت ھەم سەنئەتنىىڭ چىن ئىزچىسى،
    ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ تۆھپىكارى.
    قەغەز دىگەن نازىنىننىڭ چىن ھەمراھى،
    ئەقىل ئىدراك ھەم ساپانىڭ غەمگۇزارى.

    ئەقلى باركى ھەر ئىنسانغا كېرەكلىك،
    بىر نەرسە باربىزدىن ھەرگىز ئايرىلماس،
    نادانلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوستازى،
    نادانلىقتا قالغان كىشى تاپالماس.

     


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • تۆۋەندىكى ئىككى پارچە سۇرەتتىكى 5 ئورۇندىكى پەرىقنى تاپالامسىز ؟
    قىنى، كۇزۇتۇش ئىقتىدارىڭىزنى سىناپ كۆرۇڭ.




    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1-ھىندىستاننىڭ بۇرۇنقى پايتەختى
     A-كالكوتتا                    B-  بومباي                        C-   ئاغرا    

    2-دىرھەم سۇزى قايسى تىلدا
    A-  ئەرەپچە                 B-  يۇنانچە                        C- ئىسپانچە 

    3-دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن  قانال
    A-لىيىن قانىلى           B-  سۇۋەيىس قانىلى           C-   مەرمەر  قانىلى

    3قۇرئاندىكى كىچىك ئاياللار دەپ ئاتىلىدىغان سۇرە
     A-سۇرە تالاق                 B-    سۇرە نۇر                   C-    سۇرە مۇجادەلە    


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1- بىلىىقنىڭ قارنىدا ياشىغان پەيغەمبەر كىم؟
    2- ئەمەۋى خەلىپىلىكىنىڭ تۈنجى خەلىپىسى كىم؟
    3- ئابباسى خەلىپىلىكىنىڭ تۈنجى خەلىپىسى كىم؟
    4- ئەييۇبى پادىشاھلىقىنىڭ  تۈنجى پادىشاھى كىم؟
    5- ئۆز قىرىندىشىنى قۇدۇققا تاشلىغان پەيغەمبەر ئەۋلادى كىملەر ؟
    6- ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا بۇيرۇلغان پەيغەمبەر كىم؟
    7- ئىسلام تارىخىدا خۇلەپائى راشىدىن ئىسمىنى ئالغان تۆرت خەلىپە كىملەر؟
    8- بۇ تۆرت خەلىپەدىن قايسىسى ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن ؟
    9- بۇ تۆرت خەلىپەلەردىن قايسىنىڭ دەۋرى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىر ھىساپلانغان؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  •  بىر قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن نۇرغۇن ئەسكەرلەر يارىلىنىدۇ.بىر ئەمەلدار ئۇلارنى يوقلاپ كېلىدۇ.
    -باشلىق،بۇ ئۇرۇشتا مەن ناھايىتى قەھرىمانلىق كۆرسەتتىم،-دەيدۇ بىر ئەسكەر.
    -ئوھۇي!سەن قانداق قەھرىمانلىق كۆرسەتتىڭ ،-دەپ سورايدۇ باشلىق ھەيران بولۇپ.
    -شۇ چاغدا مەن دۈشمەننىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرىغا چاپتىم،-دەيدۇ ئەسكەر پەخىرلەنگەن ھالدا.
    -نېمىشقا ئۇلارنىڭ بېشىنى كېسىۋالمىدىڭ؟

       شۇنداق،بۇ ئەسكەر نېمىشقا دۈشمەننىڭ پۇت-قولىغىلا چاپىدۇ؟
    سەۋەبىنى بىلەمسىلەر؟؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىر بوۋاي بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرسا بىر كىچىك بالا يۈگرەپ كېلىپ ئىدارە باشلىقىغا :«سېنىڭ داداڭ بىلەن مېنىڭ دادام ئۇرۇشۇپ قالدى!»دەپتۇ. ھېلىقى بوۋاي ئىدارە باشلىقىدىن:«بۇ بالا كىم بولىدۇ؟»دەپ سوراپتۇ.ئىدارە باشلىقى جاۋابەن:«بۇ بالا مېنىڭ بالام »دەپتۇ.

    قېنى تېپىپ بېقىڭلار،  بۇبالا بىلەن بۇ ئىدارە باشلىقىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  •  كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قالغان قوشماق ئاكا-ئۇكا بار ئىكەن. بۇلارنىڭ چوڭى باشقا يۇرتلاردا پۇل تېپىپ كىلىش مەقستىدە يۇرتىدىن ئايرىلىپتۇ . 10 يىلدىن كىيىن يۇرتىغا قايتىپ قېرندىشى بىلەن يۈز كۆرۈشۇش ئۈچۈن قايتىپ كەپتۇ. لىكىن كەلگەن ۋاقتى كېچە بولغاچقا ئۆينىڭ ئىشىكىنى بىر قېتىم قېقىپلا توختاپ قاپتۇ. ئىنىسى ئىشىكنىڭ بىر قېتىم قېقىلىپ توختاپ قالغىننى ئاڭلاپ ئۆيگە ئوغرى كېرگەن ئوخشايدۇ، ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىۋىتەي دەپ ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ، چىقىپ قارىسا بىرسى تۇرغان. قىلىچنى بىر ساپتىكەن، ئۇ كىشىنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا بوپتۇ. ئىنىسى سەرەڭگە يورۇتۇپ قارىسا ئۆزىنىڭ ئاكىسى قانغا مېلىنىپ يېرىم تەن بولۇپ، يەردە ياتقۇدەك. شۇنىڭ بىلەن ئاكامسىز مىنىڭ ياشىغىنىمنىڭ نىمە لەززىتى ئونىڭدىن كۆرە ئۆلگىنىم ياخشى دەپ قىلىچ بىلەن ئۆزىنىڭمۇ بوينىنى ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. شۇ ئارىدا ئېرىنىڭ كىرمىگىنىنىدىن تەشۋېشلەنگەن ئايال  چىقىپ قارىسا بېشى ئۈزىۋىتىلگەن ئىككى جەسەت تۇرغان. ھايال ئۆتمەي بىر ئاپئاق ساقال بوۋاي پەيدا بولۇپ، ئۇ ئايالغا ئىككى باشنى چېپىلغان ئورنىغا ئەكىلىشنى، تەڭرىدىن ئۇلارغا  قايتا جان تىلەيدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. ئايال ئاكسىنىڭ بېشىنى ئىنىسىنىڭ تېنىگە، ئىنىسىنىڭ بېشىنى ئاكىسىنىڭ تېنىگە ئەكەپ قويۇپتۇ. بوۋاي تەڭرىدىن تېلەپتىكەن شۇئان تەڭرى ئۇلارغا جان ئاتا قىپتۇ. ئاكا-ئۇكا ئىككسى ئورنىدىن تۇرۇپ بىر-بىرىنى كۆرۇپ قاتتىق خۇشھال بولۇشۇپتۇ؛ لىكىن باشلار خاتا چاپلانغان. قېنى كىم تاپالايدۇ، ئۇ ئايال كىمنى <ئېرىم> دىيشى كېرەك؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1-
    ئۆزى كىچىك تۈگمەنگە،
    ئىش قىلشنى ئۆگەتكەن.
    تاغار-تاغار بۇغداينى،
    تالقان قىلىپ تۈگەتكەن.

    سۇئاقىدۇ ئاستىدىن،
    جۈپ ئوغلى بار تاشتىن.
    ئۇ بولغاچقا ئەجداتلار،
    غەم يىمەگەن ئاشتىن.

    پىرقىرايدۇ بىر ئۆيدە،
    ئېشەك كۆزى باغلىنىپ،
    ئەشۇ ئۆيدىن خەلقىمىز،
    كەلگەن دائىم ياغ ئېلىپ.


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • قۇرئان كەرىمنىڭ ئانىسى دەپ ئاتالغان سۈرە قايسى؟

    قۇرئان كەرىمنىڭ يۈرۈگى دەپ ئاتالغان سۈرە قايسى ؟

    قۇرئان كەرىمنىڭ زىننىتى قايسى سۈرە؟

    ئۇلۇغ ئايلار قايسى؟

    سەھىھ دەپ قارالغان 6 كىتاپنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرالامسىز؟

    قىيامەت قۇرئان كەرىمدە نەچچە خىل ئىسىم بىلەن زىكىر قىلىندى؟ئۇلار قايسى؟

     


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • 1. بىر ئوغرى قېچىپ كېتىۋاتسا بىرسى ئۇنى ماشىنىسىغا ھەقسىز ئېلىۋاپتۇ بۇ قانداق ماشىنا ؟
    2. ئەدەملەر جۇمۇلاڭما چوقىسىغا چىققان بولسىمۇ مەلۇم بىر چوققىغا مەڭگۈ چىقالمايدۇ . ئۇ قايسى چوققا ؟
    3. ئادەم ماڭغىلى بولمايدىغان يول قايسى ؟
    4. قايسى كىتاپتا كېسەل ئەڭ كۆپ ؟
    5. بىر خىل مېۋە بار ئۇ يىيىشتىن ئاۋال يېشىل، يىگەندە قىزىل ، تۈكۈرگەندە قارا . بۇ نىمە ؟
    6.  قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى بىلەن ئۈنۈملۈك ۋاقتىغا ئوخشاش بىر كۈن يېزىلىدۇ ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.