تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. |
-
2011-07-28
قىزىقارلىق تىپىشماقلار - [بالىلار تېپىشماقلىرى]
1..قارمۇ قارشى 2 تامدا 2 چىۋىن ئوڭ تامدىكى چىۋىن ناخشا ئېيتسا سول تامدىكى چىۋىن يەرگە چۈشۈپ كىتىپتۇ بۇ نىمە ئۈچۈن؟
2.بىر ئوۋچى قىشتا قار يىغىپ توختىغان ۋاقىتتا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقىپتۇ . ئوۋچى كىتىپ بېرىپ ئاسماندا بىر كەپتەرنى كۆرۈپ ئىتىپتىكەن قاغا چۈشۈپتۇ بۇ نىمە ئۈچۈن؟
3.بىر ئوۋچى قىشتا قار يىغىپ توختىغان ۋاقىتتا ئوۋ چى يەنە چىقىپتۇ .قار 5 سانتا ئىگىزلىكتە ئىكەن ،ئوۋچى مىڭىپتۇ مىڭىپتۇ ئارقىغا قارىسا ئىز يوق يەنە مىڭىپتۇ مىڭىپتۇ ئارقىغا قارىسا ئىز يوق بۇ نىمە ئۈچۈن؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2011-07-20
مەندە بىر تېپىشماق بار - [پەننى تېپىشماقلار]
بىر جۈپ توشقان ھەر ئايدا بىر جۈپتىن بۆجەنلەيدۇ ،بۇ بۆجەنلەر 2ئايدىن كىيىنلا نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ھەر ئايدا يەنە بىر جۈپتىن بۆجەنلەيدۇ دىسەك ئۇنداقتا سىز بىر جۈپ توشقان باقسىڭىز بىر يىلدا كۆپىيىپ قانچە بولىدۇ .(بۇ ھېسابلاشتا توشقانلار ئۆلۈپ كەتمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ )
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2010-08-25
0 بۇ تېپىشماقنى تاپالايدىغانلار بارمۇ؟ - [بالىلار تېپىشماقلىرى]
تېپىشماقئۈچ ئادەم بىر كۆۋرۈكتىن تەڭلا ئۆتۈپتۇ.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى كۆۋرۈكنى كۆرۈپتۇ ھەم دەسسەپ ئۆتۈپتۇ. يەنە بىر كىشى بولسا كۆۋرۈكنى كۆرۈپتۇ يۇ دەسسىمەيلا ئۆتۈپ كىتىپتۇ. ئۈچىنجى كىشى بولسا كۆۋرۈكنى ھەم كۆرمەي ھەم دەسسىمەيلا ئۆتۈپ كىتىپتۇ. بۇ ئۈچ كىشى كۆۋرۈكتىن قانداق ئۆتكەن؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2010-08-25
0 تېپىشماق تاپمايلىمۇ؟ - [چۆچەكلىك تېپىشماقلار]
بىر كىچىك كەنىت بولۇپ، ئۇكەنىتتە پەقەت ئىككىلا، بىر ئەر، بىر ئايال ياشايدىكەن .
بىراق ئەر ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىسە ، ئايال ئەرنى تونىمايدىكەن .
بۇ زادى قانداق گەپ ؟ قېنى مۇنبەرداشلار تېپىپ بېقىڭلار!
2) بىر ئادەم بىر ئادەمگە قەرىزدار بوپقاپتۇ
قەرىز ئىگىسى پۇلنى سۈيلەپ كەلسە بەرمەي ئۆكتەملىك قىىلىپ تۇرۇۋاپتۇ
قەرىز ئىگىسىنىڭ ئاچچىقى كەپ بۈگۈن پۇلنى ئالمىسام ئادەم بولماي كېتەي دەپ قەسەم ئىچىپتۇقەرىز ئىگىسىمۇ بەرسەم ئاپام خوتۇنۇم بولسۇن دەپ قەسەم ئىچىپتۇ
شۇ جىدەلنىڭ ئۈستىگە مەھەللىنىڭ ئىمامى كېلپ ئۇلارنىڭ داۋاسىنى ئاسانلا تۈگىتىپتۇقېنى دەپ بېقىڭلار ئىمام جىدەلنى قانداق تۈگەتكەن؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2010-08-25
ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىپ بېقىڭ - [بالىلار تېپىشماقلىرى]
ھەربىر سوئالغا يەتتە سىكونت ئىچىدە جاۋاپ بېرەلىسە، كىم ھەممىسىگە تولۇق توغرا جاۋاپ بەرسە شۇنىڭغا مۇكاپات بار....
1. ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ تۈپكى سەۋەپ نىمە؟
2. سائەت قانداق ۋاقىتتا ماڭمايدۇ؟
3. ئۆزىنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرىدىغان، ھەمدە ئالدامچىلىقى قانچە ئۇستىلىق بىلەن بولسا شۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىدىغان ئادەم كىم؟
4. سەككىز ئادەم سەككىز كىشىلىك تاماقنى يەپ بولۇشقا 10 مىنۇت كەتسە، 28 ئادەمنىڭ 28 كىشىلىك تاماقنى يەپ بولۇشىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
5. بىر يىل تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈل قايسى؟
6. قولىدا ھىچقانداق قوغدىنىش قورالى بولمىغان بىر ئادەم تېخى كۆندۈرۈلمىگەن شىرنىڭ قەپىسىگە كىرگەن، لېكىن ئۇ ھىچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغان، نىمە ئۈچۈن؟
7. مەڭگۈ باشقىلار بىلەن بىللە قىلالمايدىغان ئىشىڭىز نىمە؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2010-08-25
جاۋابى بەكمۇ قىززىق تېپىشماق - [چۆچەكلىك تېپىشماقلار]
.بىر كۆرۇك بار بۇكۆرۇكتىن 100كىلو نەرسە بولسا ساق-سالەمەت ئۆتكىلى بولىدۇ 1مىسقال نەرسە ئارتۇق بولسىمۇ كۆرۇك چۇشۇپ كېتىدۇ. بىر ئادەم ئۆزى 90كىلو ئوڭ قولىدا 5كىلو تاۋۇز سول قولىدا 5كىلو ئالما بار بۇ ئادەم كورۇكتىن ئوتۇپ كېتىۋاتقان دەل شۇ چاغدا بىر قۇشقاچ ئۇ ئادەمنىڭ كالىسىغا چىچىپ قويغان ئۇ ئادەم ئەقىل ئىشلەتمىسە كۆرۇك چۇشۇپ كىتىدۇ ئۇئادەم بىر ئەقىل ئىشلتىپ كۆرۇكتىن ساق ئوتۇپ كەتكەن قانداق ئەقىل ئىشلەتكەن؟
2.بىر چىۋېن بىر پىلنڭ قۇلقىغا بىر نەرسە دەپتىكەن پىل ئايلىنىپ كېتىپتۇ چىۋېن نېمە دىگەن؟
3.بىر ئادەم ئولىۋالماقچى بولۇپ ئەڭ ئىگز بىناغا چىقىپ سەكرىمەكچى بولۇپتۇ ئەمما ئۇ ئادەم بىناغا چىقىپ سەكرەپ بولغىچە ئولۇپ قاپتۇ سەۋەبى؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2010-07-03
لەتىپىلىك تېپىشماق - [پەننى تېپىشماقلار]
بىركۈنى نەسىردىن ئەپەندىم ئىشىكىنى مىنىپ ئازنا بازارغا كىتىپ بارسا،مەھەلىدىكى بىر كىشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ؛
-ھوي..ئەپەندىم،بۇ يىل نەچچىگە كىردىلە؟
-45 ياشقا-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەپەندىم.
-ۋاي يالغان سۆزلىمىسىلە دەيمەن،5 يىلنىڭ ئالدىدا سورىسام 45 ياش دىگەنتىلە،بۇ قانداق كارامەت؟
ئەپەندىم ئىشىكىدىن چۈشۈپ ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا كىلىپتۇ ۋە:( ) دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
ئۇ كىشىمۇ قايىل بولۇپ باش لېڭشىتىپتۇ..
قېنى گۈللەر،ئەپەندىم ئۇ كىشىگە زادى نىمە دىگەندۇ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2010-07-03
قىز ئالۋاستىدىن زادى قانداق قۇتۇلغان - [چۆچەكلىك تېپىشماقلار]
بىر قىز ئۇزى يالغۇز ساياھاتكە چىقىپتۇ . كىتىپ بىرىپ ئۇرمانلىق يېنىدىكى بىر خارابىي مىھمانخانىغا كىلىپ قاپتۇ . بۇ دەل قاراڭغۇ چۇشكەن چاغ بۇلۇپ ، بۇ قىز مۇشۇ مىھمان خانىدا قۇنۇپ ئەتىسى يولغا چىقماقچى بۇلۇپ ، مىھمانخانىدا قۇنۇپ قاپتۇ . ئۇ ئۆينىڭ ئىچى بەك سۇرلۇك بۇلۇپ ئۇقىز سەل قۇرقۇمسىراش ھىس قىلىپ ، سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرمەكچى بۇلۇپ ئىشىكنى ئېچىشى بىلەن ئىشىك ئالدىدا بىر ئالۋاستىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۇرۇپتۇ . ئۇ يەنە دەرىزىدىن چىقىپ كىتىشنى ئۇيلاپ دەرىزىنى ئىچىپتۇ . دەرىزە يىنىدىمۇ بىر ئالۋاستى بار ئىكەن . لىكىن بۇقىز سىرىتقا چىقىپ ئىككى ئالۋاستىنىڭ ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلۇپتۇ . قېنى دۇسلار تېپىپ بىقىڭلار بۇ قىز ئالۋاستىدىن زادى قانداق قۇتۇلغان ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2010-07-03
شاھزادە ۋە تېپىشماق - [چۆچەكلىك تېپىشماقلار]
ئەقىللىق شاھزادە بازاردىكى كىشىلەرگە ئىككى تېپىشماقنى ئېيتتى،لېكىن ئۇلار جاۋابىنى تاپالدىمۇ؟ بۇرۇنسىدا بىر پادىشاھنىڭ تولىمۇ ئەقىللىق بىر شاھزادىسى بولغانىكەن. پادىشاھ ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىكەن. بىر كۈنى، شاھزادە بازارغا كېلىپ ھەممەيلەنگە شۇنداق جاكارلاپتۇ: - مەن ئىككى تېپىشماق ئېيتىمەن، سىلەر جاۋابىنى تاپالمىغۇدەك بولساڭلار، بۈگۈن سودا - سېتىق قىلىشنى ئويلىماڭلار! ساتارمەنلەرنىڭ سېتىشىغا، ئالارمەنلەرنىڭ ئېلىشىغا رۇخسەت يوق. بىرىنچى تېپىشماق: «ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۈتلۇق، ئۇ قانداق ھايۋان؟»؛ ئىككىنچى تېپىشماق: «بىر دەرەختە 12 شاخ، ھەر بىر شاختا ئوتتۇز يوپۇرماق، ئۇ نېمە؟» دەپتۇ. كىشىلەرنىڭ بىرسىمۇ تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بازار تارقاپتۇ. بىر ھەپتە ئۆتۈپ، يەنە بازار كۈنى يېتىپ كەپتۇ. شاھزادىمۇ يەنە بازارغا كېلىپ: - مەن ئېيتقان تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى تاپالىدىڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. كىشىلەر بۇ قېتىممۇ ئۈندىيەلمەي، كېتىشكە ئالدىراپتۇ. ساتارمەنلەر مېلىنى ساتالماپتۇ. ئالارمەنلەرمۇ ئالدىغىنىنى ئالالماپتۇ. شۇنداق قىلىپ بازار يەنە تارقاپتۇ. بازارغا كەلگەنلەر ئارىسىدا بىر بازار قاراۋۇلى بار ئىكەن. ئۇ تولىمۇ نامرات بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئىككى قىزى بار ئىكەن، چوڭ قىزى تولىمۇ گۈزەل ئىكەن، كىچىك قىزى بولسا ئورۇق، ۋىجىك، ئەمما ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىللىق بولۇپ، ئەقىل - پاراسەتتە باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىكەن. كەچتە قاراۋۇل بوۋاي قايتىپ كەلگەندە، كىچىك قىزى دادىسىدىن: - دادا، سەن ئىككى قېتىم بازارغا باردىڭ، ئەمما ھەر قېتىمدىلا قۇرۇق قول قايتىپ كەلدىڭ، بۇ قانداق ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ. - ھەي قىزىم، - دەپتۇ قاراۋۇل، - شاھزادە بازارغا كېلىپ: «سىلەر مېنىڭ ئېيتقان تېپشماقلىرىمنىڭ مەنىسىنى دەپ بېرەلمىسەڭلار، سودا - سېتىق قىلماڭلار» دەپ جاكارلىدى، - دەپتۇ. - شاھزادە سىلەرگە نېمە تېپىشماق ئېيتتى؟ - دەپ سوراپتۇ كىچىك قىزى. - ئۇنىڭ بىر تېپىشمىقى: «ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۇتلۇق، ئۇ قانداق جانىۋار؟»، يەنە بىرسى: «بىر دەرەختە 12 شاخ، ھەر بىر شاختا ئوتتۇز يوپۇرماق» ئىكەن، - دەپتۇ بوۋاي. - بۇنى تاپماق بەك ئاسانكەنغۇ، دادا، - دەپتۇ كىچىك قىزى ئويلىنىۋېلىپ، - بىرىنچى تېپىشماقتا دېيىلىۋاتقىنى - ئادەم. ئادەم، ئۆمرىنىڭ ئەتىگىنىدە يەنى بوۋاق چېغىدا ئىككى قل ۋە ئىككى پۇتى بىلەن ئۆمىلەپ ماڭىدۇ؛ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، قېرىغاندا ھاسىغا تايىنىپ ئۈچ پۇتلۇق بولۇپ قالىدۇ. ھېلىقى «دەرەخ» بولسا «يىل»، بىر يىلدا 12 ئاي بولىدۇ، ھەر بىر ئايدا ئوتتۇز كۈن بولىدۇ. بىر ھەپتە ئۆتۈپ، يەنە بىر بازار كۈنى يېتىپ كەپتۇ، شاھزادە يەنە بازارغا كەپتۇ. - بۈگۈن جاۋاپ تاپپتىڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ئۇ. - تاپتىم، ئالىيلىرى - دەپتۇ قاراۋۇل بوۋاي، - ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۇتلۇق بولىدىغان جانىۋار - ئادەم. ھېلىقى دەرەخ - يىل، بىر يىلدا 12 ئاي، ھەر بىر ئايدا ئوتتۇز كۈن بولىدۇ. - سودا - سېتىقنى باشلاڭلار! - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ شاھزادە ھەيران بولغان ھالدا. گۇگۇم چۈشۈشكە ئاز قالغاندا، شاھزادە قاراۋۇل بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ قاراۋۇل بوۋايدىن: - ساڭا تېپشماقلارنىڭ جاۋابىنى كىم تېپىشىپ بەردى؟ - دەپ سوراپتۇ. قاراۋۇل بوۋاي شاھزادىگە راست گەپنى ئېيتىپتۇ. - بۈگۈن كەچ مەن سېنىڭ ئۆيۈڭدە مېھمان بولىمەن، - دەپتۇ شاھزادە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن. شاھزادە قاراۋۇلنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ ئىككى قىزىنى كۆرۈپتۇ. كىچىك قىزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە ساپتۇ. كېيىن، شاھزادە قاراۋۇلنىڭ كىچىك قىزىنى ئۆزىنىڭ نىكاھىغا ئاپتۇ.
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2010-07-03
تېپىشماق - [بالىلار تېپىشماقلىرى]
قىشتا ئېچلمايدۇ ،يازدا ئېچىلدۇ . يەردە ئېچىلمايدۇ ،قولدا ئېچىلدۇ
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.