تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. |
-
2009-05-05
ئالما بىلەن تەخسە - [بالىلار تېپىشماقلىرى]
بىر تەخسىدە بەش ئالما بار . ئۇنى بەش بالىغا بىردىن بۆلۇپ بىرىشكىرەك . لېكىن بىر ئالمىنى تەخسىدىن ئايرىماسلىق ھەمدە ئالمىنى ئوتتۇردىن كەسمەسلىك لازىم بولسا ، بۇ ئالمىلارنى قانداق تەخسىم قىلىش كىرەك ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-05
ئىككى تېپىشماق - [بالىلار تېپىشماقلىرى]
1- مايمۇن ساناش
مەلۇم بىر ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى بەش تۆمۈر قەپەزدە جەمئى 15 مايمۇن بار بولۇپ ، ھەر بىر قەپەزدىكى مايمۇنلارنىڭ سانى ئوخشىمايدۇ . سىز ھەر بىر قەپەزدە قانچىدىن مايمۇن بارلىقىنى تاپالامسىز؟بۇ سۆز توغرىمۇ ؟
بىر كىشى : مەندە 100 ئالما بار ئىدى ، ئالمىلارنى سانىنى ئوخشاش قىلماي 15 سېۋەتكە قاچىلىدىم ، - دەيدۇ . بۇ سۆز توغرىمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
ئۇلۇق روس يازغۇچىسى ل . تولۇستوي 82 يىل ئۆمۇر كۆرگەن . ئۇنىڭ 19- ئەسىردىكى ئۆمرى 20 - ئەسىردىكى ئۆمرىدىن 62 يىل كۆپ بولغان .
ئۇنداقتا ل . تولۇستوي قانچىنچى يىلى تۇغۇلغان؟ قانچىنچى يىلى ۋاپات بولغان؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-05
پەرىقنى تاپالامسىز؟ _ 5 - [رەسىملىك تېپىشماق]
تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىمدىكى 15 پەرىق بار ئورۇننى تاپالامسىز؟
قىنى، كۇزۇتۇش ئىقتىدارىڭىزنى سىناپ بىقىڭ.
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-05
سۇڭپىياز سېتىۋىلىش - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
بىرسى سۇڭپىياز سېتىۋىلىش ئۇچۇن بازارغا چىقىپتۇ . ئۇ سۇڭپىياز ساتقۇچىدىن :
___ بىر جىڭى قانچە پۇل ؟ __ دەپ سوراپتۇ . سۇڭپىياز ساتقۇچى :
___ بىر جىڭى بىر يۇەن _ دەپتۇ ، ئۇ :
___ مەن ھەممىنى سېتىۋالاي ، بىراق ئوتتۇردىن كىسىپ ئايرىم جىڭلايممىز : بېشىنىڭ جىڭىغا سەككىز مودىن ، كۆكىنىڭ جىڭىغا ئىككى مودىن بىرەي ، بولامدۇ ؟ __ دەپتۇ . سۇڭپىياز ساتقۇچى :
___ بولىدۇ ، _ دەپتۇ .
لىكىن سۇڭپىياز سېتىلىپ بولغاندىن كىيىن ، سۇڭپىياز ساتقۇچى ھېسابلاپ باقسا ، دەلمۇ - دەل يىرىمىنى زىيان تارتىپتۇ .
ئويلاپ كۆرۇڭلار ، سۇڭپىياز ساتقۇچى نېمە ئۇچۇن بۇنچىۋالا كۆپ زىيان تارىتقان ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-05
چاپان ، شەپكە ، ئاياغ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
بىر كېشى 140 يۈەنگە بىر چاپان ، بىر شەپكە ، بىر جۈپ ئاياغ سېتىۋاپتۇ . چاپاننىڭ باھاسى شەپكىنىڭكىدىن 90 يۈەن قىممەت ، چاپان بىلەن شەپكە ئاياغنىڭكىدىن 120 يۈەن قىممەت بولسا ، ھەر قايسىسىنىڭ باھاسى قانچىدىن بولىدۇ ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-05
پەرىقنى تاپالامسىز ؟_ 2 - [رەسىملىك تېپىشماق]
تۆۋەندىكى ئىككى پارچە سۇرەتتە 5 ئورۇندا پەرىق بار ، سىز ئۇنى تاپالامسىز ؟
قىنى سىناپ بىقىڭ !
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-05
ياش ئۇستىدە پاراڭ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
بۇرۇنقى زاماندا ئالىم ، ئادىل ، قابىل ئىسىملىك ئۇچ ئادەم بولغانىكەن. بىر كۇنى ئۇلار ياش ئۇستىدە پاراڭغا چۇشۇپ ، ھەر بىرى ئۇچ ئېغىزدىن سۆزلەپتۇ . بۇنىڭ ئىككى ئېغىز سۆزى راسىت ، بىر ئېغىز سۆزى يالغان سۆز ئىكەن.
____ مەن بۇ يىل 22 ياشقا كىردىم ، مەن ئادىلدىن ئىككى ياش كېچىك ، قابىلدىن بىر ياش چوڭ __ دەپتۇ ئالىم.
____ مەن ئەڭ كىچىكىڭلاردىن ئەمەس ، قابىل ئىككىمىز ئۇچ ياش پەرىقلىنىمىز . قابىل بۇ يىل 25 ياشقا كىردى __ دەپتۇ ئادىل.
____ مەن ئالىمدىن كىچىك ، ئالىم بۇ يىل 23 ياشقا كىردى . ئادىلدىن ئۇچ ياش چوڭ __ دەپتۇ قابىل.
ئويلاپ كۆرۇڭ ، ئۇ ئۈچىنىڭ ھەر قايسىسى قانچە ياش؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-05
مايمۇنلار توپى - [شىئېرىي تېپىشماقلار]
بىر توپ مايمۇن بۆلۇنۇپتۇ ئىككىگە،
ھەممە چۇشۇپ خۇشاللىققا كۈلكىگە.
سەككىزدىن بىرنىڭ كۇۋادىراتىچىلىك مايمۇن،
سەكرىشىپتۇ كىرىپ ئورمان ئىچىگە.
ئىشىپ قالغان مايمۇنلار نەخ ئون ئككى ،
جانلىنىپتۇ ساپ ھاۋادا خوش راسا،
ئېيتىپ بىرىڭ ئۇلار زادى قانچىلىك ،
ئىككى بۆلەك مايمۇن كىلىپ قوشۇلسا.
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-05
پەرىقنى تاپالامسىز ؟ _ 1 - [رەسىملىك تېپىشماق]
تۆۋەندىكى ئىككى سۇرەتتە 5 ئورۇندا ئوخشىماسلىق بار ، سىز ئۇنى تاپالامسىز ؟
قىنى سىناپ بىقىڭ !
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.