تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. |
-
2009-05-08
ﺋﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﯩﻴﻮﻧﯧﺮ ﺋﺎﻏﯩﻨﻪ - [ھەزىل تېپىشماقلار]
ﺋﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﯩﻴﻮﻧﯧﺮ ﺋﺎﻏﯩﻨﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﺩﻩ ، - a ﺩﻩﭘﺘﯘ ؛
ﺋﺎﺩﺍﺵ ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻏﻼﺷﺴﺎﻕ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ؟
b: ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻏﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ؟
a: ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ، ﻣﻪﻥ ﺋﺎﯞﯗ 100ﻗﻪﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﻨﺎﺩﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮﻩﻳﻤﻪﻥ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻥ
ﮬﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺳﺎﻕ - ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﭼﯜﺷﻪﻟﯩﺴﻪﻡ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻝ . ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻝ
ﻣﯜﻟﻜﯜﯓ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ! ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻼ ﻳﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ
ﻣﺎﻝ -ﻣﯜﻟﻜﯜﻡ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ! ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺴﻪﻥ ؟
b:ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﮬﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﭘﺘﯘ . ﮬﻪﻣﺪﻩ ﮬﯧﭻ
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-08
پەرىقنى تاپالامسىز؟ _ 7 - [رەسىملىك تېپىشماق]
تۆۋەندىكى ئىككى پارچە سۇرەتتىكى 5 ئورۇندىكى پەرىقنى تاپالامسىز ؟
قىنى، كۇزۇتۇش ئىقتىدارىڭىزنى سىناپ كۆرۇڭ.
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-08
ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىڭىز كىم؟ - [چۆچەكلىك تېپىشماقلار]
بىر كىشى يولدا كىتىپ بارسا ئالدىغا بىر پەرىشتە ئۇچراپ قاپتۇ.
پەرىشتە ئۇ كىشىگە :-دەرھال ئۆزۈڭگە ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان كىشىدىن 5نى چاقىرىپ كەل -دەپتۇ.ھىلىقى كىشى دادىسى،ئانىسى ،ئايالى،قىزى،ئوغلىنى چاقىرىپ كەپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە پەرىشتە يوقۇلۇپ كىتىپ ئورنىغا بىر ئەزرائىل كەپتۇ.ئەزرائىل ھىلىقى كىشىگە:-بۇ بەشەيلەننىڭ ئىچىدىن پەقەت بىر ئادەمنىلا ئىلىپ كەتسەڭ بولىدۇ،قالغانلىرىنىڭ ئەجىلى توشتى،-دەپتۇ.
ھىلىقى كىشى ئۆزىگە ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان بىرەيلەننى ئىلىپ يىغلىغان پىتى كىتىپتۇ
دوسلار بۇ ئېلىپ كەتكەن كىشى زادىن كىم؟؟!
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-08
شەپەرەڭ بىلەن مۇشۇك ياپىلاق - [بالىلار تېپىشماقلىرى]
شەپەرەڭ بىلەن مۇشۇك ياپىلاقنىڭ ئىككى كۆزىنى تېڭىپ بىر قاراڭغۇ ئۆيگە قويۇپ بەرسە ، قايسىسى ئاۋال ئىشىكنى تېپىپ ئۇچۇپ كىتەلەيدۇ ؟ نىمە ئۇچۇن ؟
قىنى كىم تېز ھەم توغرا ئىيتىپ بىرەلەيدۇ ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-08
مايمۇنچاقنىڭ قارىغا ئېتىشى - [بالىلار تېپىشماقلىرى]
ھايۋانات پادىشالىقىدا يىلدا بىر ئۆتكۇزۇلدىغان قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى باشلىنىپتۇ . بەلگىلىمە بويىچە ھەر بىر تەنھەركەتىچى 50 پاي ئوق ئاتىدۇ . بىر پاي تەككۇزەلىسە 5 نۇمۇر بىرىلىدۇ ، بىر پاي قاچۇرۋەتسە ئىككى نۇمۇر تارتىلىدۇ . مايمۇنچاق مەيدانغا چىقىپ 110 نۇمۇرغا ئىرىشتى .
سۇئال : مايمۇنچاق نەچچە پاي ئوقنى تەككۇزەلىگەن ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-08
شىېئىرىي تېپىشماقلار ( 1 ) - [شىئېرىي تېپىشماقلار]
1
ئاپپاق دوغىلاق بەدىنى ،
زەپ چېرايلىق چاپىنى .
دۇمبىسىدە تۇتقۇچى ،
بۇگۇن ئېچسە قايناق چاي ،
ساقلار بىر كۇن سوۋۇتماي ،
تېپىڭ چاققان قورۇنماي ؟!
2
ئاق كىگېز ، ئاپپاق كىگىز ،
لەيلەپ يۇرەر ئۇستۇڭدە .
پۇت - قولى يوق ، جىنى يوق ،
ئېيتىڭلارچۇ بۇ نىمە ؟
3
ئاق كېمە ئاپپاق كېمە ،
سۇدا ئۇزەر بۇ كېمە .
سېرىق تۇمشۇق ، كەڭ تاپان ،
تىپىڭلارچۇ ئۇ نىمە ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-08
قانچە كۇن كىتىدۇ ؟ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
بىر سىرچىنىڭ بىر ئېغىز ئۆينىڭ تىمىنى سىرلىشىغا ئۇچ كۇن ۋاقىت كىتىدۇ. ئەگەر ئوخشاش سۇرئەت بىلەن ئۇزۇنلۇقى ، كەڭلىكى ،ئىگىزلىكى دەسلەپكىسىدىن بىر ھەسسە چوڭ بولغان بىر ئېغىز ئۆينى سىرلىشى ئۇچۇن قانچە كۇن ۋاقىت كىتىدۇ ؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-08
ئۇچ باشلىقنىڭ تېپىشمىقى - [ھەزىل تېپىشماقلار]
بىر كۇنى مەلۇم بىر ناھيىدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسنىڭ باشلىقى ، مالىيە- باج ئىدارىسنىڭ باشلىقى ، قاتناش ئىدارىسنىڭ باشلىقى ، بىر پىكاپتا ئولتۇرۇپ ،يىزا ئاساسى قاتلام خىزمىتىنى تەكشۇرگىلى مىڭىپتۇ. يىرىم يولغا بارغاندا ، ئۇلارغا يولدا توغرا يىتىۋالغان بىر كالا ئۇچراپتۇ . شوپۇر قاتتىق سىگنال بەرسىمۇ ، كالا خىيالىغىمۇ ئالماي قوپماي يىتىۋىرىپتۇ . پىكاپتىكى بۇ ئوچ باشلىق ئوز -ئارا مەسلەتلىشىپ «ئارىمىزدا ھەممىدىن بەك كۇچ ھەيۋىسى بار زور ئادەم جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسنىڭ باشلىقى ، كالىنى شۇ چۇشۇپ ھەيدىۋەتسۇن » دىيشىپتۇ . جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسنىڭ باشلىقى كالنىڭ قۇلىقىغا ؛ «دەرھال يولنى بوشات ! بولمىسا تۇتۇپ سولاپ قويمەن !» دەپ پىچىرلاپتۇ . كالا مىدىرلاپمۇ قويماي يىتىۋىرىپتۇ . بۇنى كورگەن مالىيە - باج ئىدارىسنىڭ باشلىقى ھازىر ھەممىنىڭ جاجىسى پۇل ! يەنىلام مىنىڭ بارغىنىم تۇزۇكتەك قىلدۇ دەپ تۇ دە ؛ كالنىڭ يىنىغا بىرىپ « ئۇنداق قىلماي يولنى بوشىتىپ بەرگىن مەن ساڭا پۇل بىرەي دەپ يانچۇقىدىن 1000سومنى ئىلىپ كورسىتىپ تۇرۇپ كالنىڭ قۇلقىغا پىچىرلاپتۇ » كالا پۇلغىمۇ قاراپمۇ قويماستىن يەنىلام يىتىۋىرىپتۇ . نوۋەت قاتناش ئىدارىسنىڭ باشلىقىغا كەپتۇ . قاتناش ئىدارىسنىڭ باشلىقى كوڭلىدە «بۇ ئىككەيلەن گەپ ئوتكۇزەلمىگەن يەردە مىنىڭ گىپمنى ئاڭلارمۇ » دەپ ؛ بىر سىناپ باقاي دىگەن يەرگە كىلىپ ، كالنىڭ قۇلقىغا بىر نەچچە ئىغىز پىچىرلىغان ئىكەن ، كالا دەس ئورنىدىن تۇرۇپ يولنى بوشتىپ بىرىپتۇ .
بايامقى ئىككى باشلىق سىز زادى بۇ كالىغا نىمە دىدىڭىز شۇ ھامانلا يولنى بىكالىۋەتتى دەپ سوراپتۇ ، ئەمما قاتناش ئىدارىسنىڭ باشلىقى قىنى سىلەر تىپىپ بىقىڭلار ؟ مەن زادى نىمە دىگەندىمەن دەپ دىگەن گىپىنى دەپ بەرمەپتۇ . قىنى سىزمۇ تىپىپ بىقىڭ ئۇ زادى نىمە دىگەن؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-08
پەرىقنى تاپالامسىز ؟ __ 6 - [رەسىملىك تېپىشماق]
تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىمدىكى 5 ئورۇندىكى پەرىقنى تاپالامسىز؟
قىنى، كۇزۇتۇش ئىقتىدارىڭىزنى سىناپ كۆرۇڭ.
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. -
2009-05-08
دادىنىڭ بالىسىنى ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ - [بالىلار تېپىشماقلىرى]
دادىسى بالىسىنى ئەدەپلىك چوڭ قىلىش ئۇچۇن دائىم ئۇنىڭغا ياخشى تەربىيىلەرنى قىلىدىكەن.تاماق يېيىشنىڭ ئالدىدا ۋە كىينىدە قولىنى يۇيۇش، كوچا ئابتۇبۇسلىرىدا چوڭلارغا ئورۇن بىرىش ....قاتارلىق . بالىمۇ دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە شۇنداق ئەدەپلىك چوڭ بوپتۇ . بىر كۇنى ئۇ بالا دادىسى بىلەن بىر كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىققاندا بىر ئايالغا ئورۇن بوشۇتۇپ بىرىپتۇ. لىكىن دادىسى بۇنى كۆرۇپ ئۇ بالىنى بىر شاپىلاق ئۇرۇپتۇ..!
سۇئال: دادىنىڭ بالىسىنى ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.