تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق. |
-
2009-05-08
ئۇچ باشلىقنىڭ تېپىشمىقى - [ھەزىل تېپىشماقلار]
بىر كۇنى مەلۇم بىر ناھيىدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسنىڭ باشلىقى ، مالىيە- باج ئىدارىسنىڭ باشلىقى ، قاتناش ئىدارىسنىڭ باشلىقى ، بىر پىكاپتا ئولتۇرۇپ ،يىزا ئاساسى قاتلام خىزمىتىنى تەكشۇرگىلى مىڭىپتۇ. يىرىم يولغا بارغاندا ، ئۇلارغا يولدا توغرا يىتىۋالغان بىر كالا ئۇچراپتۇ . شوپۇر قاتتىق سىگنال بەرسىمۇ ، كالا خىيالىغىمۇ ئالماي قوپماي يىتىۋىرىپتۇ . پىكاپتىكى بۇ ئوچ باشلىق ئوز -ئارا مەسلەتلىشىپ «ئارىمىزدا ھەممىدىن بەك كۇچ ھەيۋىسى بار زور ئادەم جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسنىڭ باشلىقى ، كالىنى شۇ چۇشۇپ ھەيدىۋەتسۇن » دىيشىپتۇ . جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسنىڭ باشلىقى كالنىڭ قۇلىقىغا ؛ «دەرھال يولنى بوشات ! بولمىسا تۇتۇپ سولاپ قويمەن !» دەپ پىچىرلاپتۇ . كالا مىدىرلاپمۇ قويماي يىتىۋىرىپتۇ . بۇنى كورگەن مالىيە - باج ئىدارىسنىڭ باشلىقى ھازىر ھەممىنىڭ جاجىسى پۇل ! يەنىلام مىنىڭ بارغىنىم تۇزۇكتەك قىلدۇ دەپ تۇ دە ؛ كالنىڭ يىنىغا بىرىپ « ئۇنداق قىلماي يولنى بوشىتىپ بەرگىن مەن ساڭا پۇل بىرەي دەپ يانچۇقىدىن 1000سومنى ئىلىپ كورسىتىپ تۇرۇپ كالنىڭ قۇلقىغا پىچىرلاپتۇ » كالا پۇلغىمۇ قاراپمۇ قويماستىن يەنىلام يىتىۋىرىپتۇ . نوۋەت قاتناش ئىدارىسنىڭ باشلىقىغا كەپتۇ . قاتناش ئىدارىسنىڭ باشلىقى كوڭلىدە «بۇ ئىككەيلەن گەپ ئوتكۇزەلمىگەن يەردە مىنىڭ گىپمنى ئاڭلارمۇ » دەپ ؛ بىر سىناپ باقاي دىگەن يەرگە كىلىپ ، كالنىڭ قۇلقىغا بىر نەچچە ئىغىز پىچىرلىغان ئىكەن ، كالا دەس ئورنىدىن تۇرۇپ يولنى بوشتىپ بىرىپتۇ .
بايامقى ئىككى باشلىق سىز زادى بۇ كالىغا نىمە دىدىڭىز شۇ ھامانلا يولنى بىكالىۋەتتى دەپ سوراپتۇ ، ئەمما قاتناش ئىدارىسنىڭ باشلىقى قىنى سىلەر تىپىپ بىقىڭلار ؟ مەن زادى نىمە دىگەندىمەن دەپ دىگەن گىپىنى دەپ بەرمەپتۇ . قىنى سىزمۇ تىپىپ بىقىڭ ئۇ زادى نىمە دىگەن؟
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.