تېپشماقلار دۇنياسى قۇرۇلغىلى
تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بەش ئەسكەر ئات چاپتۇرۇپتۇ چاڭ چىقارماي،
    بىر قاسساپ قوي ئۆلتۈرۈپتۇ قان چىقارماي.
    بىر پادىشاھ يۇرت سوراپتۇ ئۈن چىقارماي،
    بىر قىز دەپتۇ كىم مېنى ئالالايدۇ بىر پۇڭ چىقارماي.
        بۇنىڭ جاۋابى تۆت دەيدۇ،لېكىن پەقەت تاپالمىدىم،ياردەم قىلساڭلار!سۆيۈملۈك تورداشلىرىم!

    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • ئىتوت چولپىنى ئابدۇكىرىم ئابلىز ئېتوت ئورۇنلاپ بولغاندىن كىيىن ، بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن < سىز بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟ > دەپ سوراپتۇ . ئابدۇكىرىم ئابلىز بىۋاستە جاۋاب بىرىشنى ئەپسىز كۆرۇپ < مىنىڭ بەش يىلدىن كىيىنكى يىشىمنىڭ بەش ھەسسىسىدىن بەش يىل ئاۋۋالقى يىشىمنىڭ بەش ھەسسىسىنى چىقىرىۋەتسىڭىز دەل ھازىرقى يىشىم بولىدۇ > دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ، مۇخپىر ئىككى مىنۇتتىن كىيىن ئۇنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ .

            سىزنىڭچە مۇخبىر قانداق بىلدى ؟
            ئابدۇكىرىم ئابلىز بۇ يىل قانچە ياش ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • مەن سودا ئىشلىرىغا خام ، ئەمما 10 يىلنىڭ ئالدىدا 8 يۇەنگە بىر توخۇ سىتىۋىلىپ ، 9 يۇەنگە سىتىۋەتكەن ئىدىم . شۇ چاغدا بۇ توخىنى ئەرزان سىتىپ قويۇپتىمەن - دەپ ئويلاپ 10 يۇەنگە بۇ توخىنى قايتا سىتىۋىلىپ ئاخىرى 11 يۇەنگە سىتىۋەتتىم . بۇ ئەلۋەتتە 9 يەنگە سىتىۋەتكىنىمدىن ياخشى ئىدى . مەن شۇ قىتىملىق توخۇ سودىسىدا قانچە يۇەن پايدا ئالغاندىمەن ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • مەن خوتۇنۇمنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى خاتىرلەش ئۇچۇن بىر جىڭ تورت سېتىۋالغان ئىدىم ، ئۇنى باشقىلار يەۋاپتۇ . مەن راسا ئاچچىقلىنىپ گۇمانلىق تۆت ئادەمدىن سورىسام ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەردى :
      B > : A يەۋالدى . >
      D > :B يەۋالدى . >
    C : < مەن يېمىدىم .>
      B > : D يالغان ئېيتىۋاتىدۇ .>
          ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرىلا راست سۆزلەپ ، قالغانلىرى يالغان ئېيىتقان . ئۇ ئىشنىمۇ پەقەت بىرىلا سادىر قىلغان ، سىزچە ئۇ كىم ؟

       


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بۇ رەسىمدە نىمە باركەن ؟ ____ تاپالامسىز ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • بىر ئىكىسپىدىتسىيىچى تۇرغان جايىدىن جەنۇپقا قاراپ بىر مىل يول يۇرۇپتۇ ، ئاندىن شەرىققە قايرىلىپ بىر ھازا ماڭغاندىن كىيىن يەنە شىمالغا بۇرۇلۇپ بىر مىل يول يۇرۇپتۇ ،نەتىجىدە ئۇ ئۆزى سەپەرنى باشلىغان جايغا بىرىپ قاپتۇ ، ھەم بۇ يەردە بىر ئېيىق بىلەن دوقۇرشۇپتۇ .

          سۇئال :ئىكىسپىدىتسىيىچى ئۇچراتقان ئېيىقنىڭ رەڭگى قانداق ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • ئېيتىشلارغا قارىغاندا دەۋىرداش ئىككى قەدىمىي ئۇيغۇر دۆلەتلىرىدىن قارىخانىيلار بىلەن ئىدىقۇتنىڭ ئىقتىسادى ئوخشاشلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، قارىخانىيلارنىڭ 100 پۇلى ئىدىقۇتنىڭ 100 پۇلىغا باراۋەر بولغان . كىيىنچە دىنىي سۇركۇلۇش تۇپەيلى بۇ ئىككى دۆلەت كىلىشەلمەي قاپتۇ ، بىراق خەلقلىرى ئوتتۇرسىدا يەنىلا ئادەتتىكىدەك بىرىش - كىلىش داۋاملاشقان بولسىمۇ ، قارىخانىلار خانى ئىدىقۇتنىڭ 100 پۇلىغا قارىخانىلارنىڭ 90 پۇلىنى تىگىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ .ئارقىدىنلا ئىدىقۇت خانىمۇ ئۆچ ئىلىش خاراكتىردىكى پەرمان چۇشۇرۇپ قارىخانىلارنىڭ 100 پۇلىغا ئىدىقۇتنىڭ 90 پۇلىنى تېگىشىدىغانلىقى جاكارلاپتۇ . ئەمما شۇ دەۋىردىكى ئەقىللىق سودىگەر ئاتۇشباي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قولىدا بار بولغان قارىخانىلارنىڭ 100 پۇلىنى دەسمى قىلىپ تېزلا باي بولىۋاپتۇ !
        ئېيتىپ بىقىڭچۇ ، ئاتۇشباي قانداق قىلىپ ئوتتۇردىن پايدا ئالغان ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • يۇقىرىقى كاتەكچىدىكى سانلارنى توغرىسىغا، تىكىگە ياكى يانتۇسىغا قوشقاندا نەتىجىسى 15 بولۇپ چىقىدۇ. بۇ سېھرىگەرلىك كۋادىرات ماترىسساسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمدى سانى 16 بولۇپ چىقىدىغان سېھرىگەرلىك كۋادرات ماتىرىسساسىنى ئىشلەپ بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن، بۇنىڭدىكى  تەلەپ كۋادرات ماتىرىسساسىدىكى 9 رەقەم ئوخشاش بولماسلىقى كېرەك. سىلەرچە بۇنى قانداق ئىشلەش كېرەك؟
    (ۋاقىت چەقلىمىسى: 5 مىنۇت)


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىمدىكى پەرىقىنى ئىيتىپ بەلەمسىز ؟
    قىنى ، كۈزۇتۇش ئىقتىدارىڭىزنى سىناپ بىقىڭ.

     

     


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.
  • قانچە كۇندە كىسىپ بولىدۇ؟


          (1)     ئون مىتېر رەخىتنى كۇنىگە بىر مېتىردىن كېسىپ چېقىرۋەتسە ، قانچە كۇندە كېسىپ تۇگەتكىلى بولىدۇ ؟


    قانچە مۇشۇك لازىم


        (2) ئەگەر ئۇچ مۇشۇك ئۇچ كۇندە ئۇچ چاشقان تۇتالىسا ، 100 كۇندە 100 چاشقان تۇتۇش ئۈچۈن قانچە مۈشۈك لازىم بولىدۇ ؟


    تېپىشماق -تەپەككۇرىڭىزنى چىنىقتۇرىدۇ ،تاپالىسىڭىز ئاسان تېپىشماق ، تاپالمىسىڭىز قىيىن تېپىشماق.