
-
2009-05-06
ئاتۇشباي قانداق باي بولغان ؟ - [چۆچەكلىك تېپىشماقلار]
ئېيتىشلارغا قارىغاندا دەۋىرداش ئىككى قەدىمىي ئۇيغۇر دۆلەتلىرىدىن قارىخانىيلار بىلەن ئىدىقۇتنىڭ ئىقتىسادى ئوخشاشلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، قارىخانىيلارنىڭ 100 پۇلى ئىدىقۇتنىڭ 100 پۇلىغا باراۋەر بولغان . كىيىنچە دىنىي سۇركۇلۇش تۇپەيلى بۇ ئىككى دۆلەت كىلىشەلمەي قاپتۇ ، بىراق خەلقلىرى ئوتتۇرسىدا يەنىلا ئادەتتىكىدەك بىرىش - كىلىش داۋاملاشقان بولسىمۇ ، قارىخانىلار خانى ئىدىقۇتنىڭ 100 پۇلىغا قارىخانىلارنىڭ 90 پۇلىنى تىگىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ .ئارقىدىنلا ئىدىقۇت خانىمۇ ئۆچ ئىلىش خاراكتىردىكى پەرمان چۇشۇرۇپ قارىخانىلارنىڭ 100 پۇلىغا ئىدىقۇتنىڭ 90 پۇلىنى تېگىشىدىغانلىقى جاكارلاپتۇ . ئەمما شۇ دەۋىردىكى ئەقىللىق سودىگەر ئاتۇشباي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قولىدا بار بولغان قارىخانىلارنىڭ 100 پۇلىنى دەسمى قىلىپ تېزلا باي بولىۋاپتۇ !
ئېيتىپ بىقىڭچۇ ، ئاتۇشباي قانداق قىلىپ ئوتتۇردىن پايدا ئالغان ؟历史上的今天:
چولپاننىڭ يېشى 2009-05-06توخۇ سودىسى 2009-05-06ئاسىماۋ نىڭ تېپىشمىقى 2009-05-06بۇ رەسىمدە نىمە باركەن ؟ 2009-05-06ئېيىقنىڭ رەڭگى قانداق ؟ 2009-05-06
评论