
-
2009-05-08
كىمنى <ئېرىم> دىيشى كېرەك ؟ - [چۆچەكلىك تېپىشماقلار]
كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قالغان قوشماق ئاكا-ئۇكا بار ئىكەن. بۇلارنىڭ چوڭى باشقا يۇرتلاردا پۇل تېپىپ كىلىش مەقستىدە يۇرتىدىن ئايرىلىپتۇ . 10 يىلدىن كىيىن يۇرتىغا قايتىپ قېرندىشى بىلەن يۈز كۆرۈشۇش ئۈچۈن قايتىپ كەپتۇ. لىكىن كەلگەن ۋاقتى كېچە بولغاچقا ئۆينىڭ ئىشىكىنى بىر قېتىم قېقىپلا توختاپ قاپتۇ. ئىنىسى ئىشىكنىڭ بىر قېتىم قېقىلىپ توختاپ قالغىننى ئاڭلاپ ئۆيگە ئوغرى كېرگەن ئوخشايدۇ، ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىۋىتەي دەپ ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ، چىقىپ قارىسا بىرسى تۇرغان. قىلىچنى بىر ساپتىكەن، ئۇ كىشىنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا بوپتۇ. ئىنىسى سەرەڭگە يورۇتۇپ قارىسا ئۆزىنىڭ ئاكىسى قانغا مېلىنىپ يېرىم تەن بولۇپ، يەردە ياتقۇدەك. شۇنىڭ بىلەن ئاكامسىز مىنىڭ ياشىغىنىمنىڭ نىمە لەززىتى ئونىڭدىن كۆرە ئۆلگىنىم ياخشى دەپ قىلىچ بىلەن ئۆزىنىڭمۇ بوينىنى ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. شۇ ئارىدا ئېرىنىڭ كىرمىگىنىنىدىن تەشۋېشلەنگەن ئايال چىقىپ قارىسا بېشى ئۈزىۋىتىلگەن ئىككى جەسەت تۇرغان. ھايال ئۆتمەي بىر ئاپئاق ساقال بوۋاي پەيدا بولۇپ، ئۇ ئايالغا ئىككى باشنى چېپىلغان ئورنىغا ئەكىلىشنى، تەڭرىدىن ئۇلارغا قايتا جان تىلەيدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. ئايال ئاكسىنىڭ بېشىنى ئىنىسىنىڭ تېنىگە، ئىنىسىنىڭ بېشىنى ئاكىسىنىڭ تېنىگە ئەكەپ قويۇپتۇ. بوۋاي تەڭرىدىن تېلەپتىكەن شۇئان تەڭرى ئۇلارغا جان ئاتا قىپتۇ. ئاكا-ئۇكا ئىككسى ئورنىدىن تۇرۇپ بىر-بىرىنى كۆرۇپ قاتتىق خۇشھال بولۇشۇپتۇ؛ لىكىن باشلار خاتا چاپلانغان. قېنى كىم تاپالايدۇ، ئۇ ئايال كىمنى <ئېرىم> دىيشى كېرەك؟
历史上的今天:
ئايدىكى زەمبىرەك 2009-05-08مەخپىي شىفىرنى قانداق تېپىۋالغان ؟ 2009-05-08ماشىنا نىمە ئۈچۈن مەستنى سوقۇۋەتمەيدۇ؟ 2009-05-08ﻗﯧﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯗ؟ 2009-05-08شىئېرىي تېپىشماق(3) 2009-05-08