ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016 نى ئىشلىتىش ھەققىدە (سىن ھۆججەت)
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولماقتا، ئىشلەتكۈچىلىرىمىزنىڭ بۇ مەھسۇلاتىمىزنى توغرا، ئۈنۈنلۈك پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى سىن ھۆججەتنى تەييارلىدىم، ئەستايىدىل كۆرۈڭلار.
«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016»نى ئىشلىتىش ھەققىدە (بۇ يەرنى بېسىپ سىن ھۆججەتنى كۆرۈڭ)
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,153 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2016-يىلى 07-ئاينىڭ 23-كۈنى am 8:32
- ئالدىنقى يازما :Why then Custom-Written Studies Forms Are So High
- كېيىنكى يازما :Producing Personal Goals
تېخىمۇ كۆپ
بەك ئېسىل بوپتۇ ،
يەنە بىر تەكلىپ: سۆز قوشۇش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق قوشۇلغان ئاتالغۇنى سۆز قوشقان ئادەم ئۆزى ئۆزگەرتەلىگەن بولسا(تەكشۈرۈپ بېكىتىلىشتىن بۇرۇن).
Constraint نى چەك بېرىش؛ چەكلىمە بېرىش دەپ چۈشەنسەم بولىدىكەن. رەھمەت سىلىگە مۇئەللىم.
لۇغەتنىڭ ئۇيغۇرچە-ئۆزبېكچە تىللاردىكىسىنىڭ تېزراق قېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
ئۇيغۇر سوفت لوغىتى 2016 دىن تولىمۇ سۆيۈندۇق. تەكلىپ: لوغەتنى كىچىكلىتىپ ۋەزىپە سىتونىغا يىغىپ قويغاندىن كېيىن، چىكىپ چوڭايتماقچى(ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىشلەتمەكچى) بولساق، لوغەت يەنىلا كىچىكلىتىلگەن ھالەتتە ۋەزىپە ئىستونىنىڭ سول تەرەپ بۇرجىكىچە چاپلىشىپ تۇرىدىكەن، بۇنى يەنە قايتا چىكىپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا بىر چىكىش بىلەن كىچىكلەپ، بىر چىكىش بىلەن ئەسلىگە كېلىشكە توغرىلاپ يېڭىلىغان بولسىڭىز.
ماقۇل، كۆپ رەھمەت
مۇئەللىم باشقىچە ئويلاپ قالمىسىلا
خوتەندىكى چىۋەر قول ئېلىكتىرونىغا بۈگۈن چىققان ئىدۇق . شۇيەردە سىلىنىڭ شىركەتلىرگە تېلىفۇن قىلغان.
بىر يىقىنىمىز تېلىفۇنىڭىزنى بىرىڭ ۋە ئېمائىل ئادىرسىڭىزنى دەپ بىرىڭلار دەپتى . muallim نامىدا سىلىگە خەت يوللاپتۇ .
ھازىر سىلىگە سۆز قالدۇراي دەپ بىلوگلىرغا كىرىسەم ئىسمى ۋە ئىمائىل ئادىرسىم تۇرىدۇ شۇڭا يوللاۋەرگەن
ئالىم مۇئەللىم سىلىگە كۆپ رەھمەت.
مۇئەللىم تورداشقا بەرگەن جاۋابلىردىن سۈيۈندۇق .
بەزى يېقىنلار 2016 يىللىق لوغەتتىن سېتىلۋالغان ئىدى ئەمما ئىلگىركى لوغەتلىردەك ياكى ئۈندىدار دىكى لوغەتلىردەك ئەرەپچە لوغەتنىڭ يوقلىقىدىن بۈگۈن شىركەتگە ئەرەپچە لوغەت توغۇرسىدا تېلىفۇن ئالساق . ئەرەپچە لوغەت قىلتىلمىغانلىقى بۇنۇڭدىنكىن قېتىلىش مۇمكىن دىگەن ئىدى .كۆڭنىمىز يىرىم بولغان ئىدى .
ھازىر سېتىۋىلىپ تېلىفۇن نۇسقىسى چىققاندا ئىشلەتسەك . ئىككى يىللىق ۋاقىت سېتىۋالغان كۈندىن باشلىنامدۇ ياكى تېلىفۇن نۇسقىسىنى ئىشلەتكەندىنكىن باشلىنامدۇ
سېتىۋېلىپ، بۇ دېتالنى مەلۇم بىر كومپيۇتېرغا ئاكتىپلىغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا سېتىۋېلىپ ئىشلەتمىسىڭىز ھازىرچە ۋاقتى ئۆتمەيدۇ
ئالىم ئەھەت مۇئەللىم .
لوغەتنىڭ 2016 يىللىقىدىن بىرنى سېتىلىۋىلاي دىگەن .
ئەرەپچە لوغەت بارمۇ
ماقۇل، سېتىۋېلىڭ،
ئەرەبچە ۋە باشقا تىلدىكى لۇغەت پەيدىنپەي قوشۇلىدۇ. لېكىن ئۇ چاغدا سېتىۋالسىڭىز باھاسىغا 20-40 يۈەندىن ئۆسۈپ بارىدۇ.
مەن بۇرۇن 2008 نى سېتىۋالغان. ئەمدى بۇنى ھەقسىز بىرەمسىلەر؟ يەنە ھازىرچە كومپىيۇتېرىم يوق. بۇ لۇغەتنىمۇ بىر كومپىۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتەمدۇق ياكى چ چ غا كىرگەندەك خالىغان كومپىيۇتىردا ئىشلىتەلەمدۇق؟
ياق، ھەقسىز بەرمەيمىز، چۈنكى 2008-يىلىدىن ھازىرغىچە 8 يىل بۇ لۇغەت نۇرغۇن سۆز-ئىبارىلەرنى قوشتۇق، ئىملاسىنى ئۆزگەرتتۇق، خاتا تەرجىمىلەرنى تۈزەتتۇق، ئۆي ئىجارىسى تاپشۇردۇق، بالىلارنىڭ ھەققىنى بەردۇق، قىسقىسى يەنە 300 مىڭغا يېقىن ئەڭ يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنى قوشتۇق.
خالىغان كومپيۇتېرغا قاچىلاپ، چچ غا كىرگەندەك خالىغانچە كومپيۇتېردا ئىشلىتىسىلەر، قايسىدا كومپيۇتېردا ئىشلەتمەكچى بولساڭلار، شۇنىڭغا ئاكتىپلايسىلەر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن 2008 نى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا سېتىۋالغان ئىدىم. كومپىيۇتېرىممۇ كونا بولغاچقا بىر نەچچە ئاي ئىشلىتىپ تاشلىۋەتكەن. ھازىرچە ئۆزۈمنىڭ كومپىيۇتېرى يوق. بۇ لۇغەتنى ئىش ئورنۇمدىكى بىر كومپىيۇترغا قاچلىدىم. دىمەكچى بولغۇنۇم. ماڭا بىر يىللىق ھەقسىز ئىشلىتىش بىرەمسىلەر؟ بۇنىمۇ بۇرۇنقىدە بىر كومپىيۇتېرغا(ئىىكى ئىدى) قاچىلاپ ئىشىلتىشكىلا بۇلامدۇ؟ مەن كومپىيۇتېر ئالسام ئۇنۇڭغا يەنە ئايرىم سېتىۋېلىشقا توغرا كىلەمدۇ؟
ئاۋۋال بىرنى سېتىۋالىسىز، باھاسى 180 يۈەن، ئىككى يىل ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ناۋادا سىزدە كونا لۇغەتنىڭ نومۇرى بولسا ئاكتىپلىسىڭىز، يەنە بىر 1 يىل ئۇزارتالايسىز. (ئەمما 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن كېيىن)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، بايا لۇغەتلىرىنى سېتىۋالدىم. يېقىندىن بېرى iOS يۇمشاق دېتال ئېچىش داۋامىدا كۆرۈنمە يۈز قىسىمىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ئاتالغۇنىڭ مەنىسى مېنى بەك قىينىدى. 约束 constraint دېگەن سۆز ئىدى.
لۇغەتتىن ئاختۇرسام [ چەكلىمە؛ چەكلىمەك؛ تۇتماق؛ باغلانماق؛ ئاسارەت ] دېگەن مەنىدىكەن. بۇ ئاتالغۇ كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە يۇمشاق دېتال ئېچىشتا كەڭ ئۇچرايدىكەن، مۇشۇ ئاتالغۇنى كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئەپ ئېچىشتا ماس ھالدا قانداق ئاتىساق مۇۋاپىق بولار؟
https://www.microsoft.com/Language/en-US/Search.aspx?sString=constraint&langID=ug-cn
(&No Constraint) (چەكلىمە يوق)(&N) Office System 2013
(&No Constraint) (چەكلىمە يوق)(&N) Office System 2016
Constraint violation چەكلىمە توقۇنۇشى Outlook 2013
Constraint violation چەكلىمە توقۇنۇشى Outlook 2016
A constraint type has been redefined. چەك تىپىغا قايتا ئېنىقلىما بېرىلدى. Office System 2013
A constraint type has been redefined. چەك تىپىغا قايتا ئېنىقلىما بېرىلدى. Office System 2016
The referenced constraint is missing. پايدىلانغان چەك يۈتۈپتۇ. Office System 2016
The referenced constraint is missing. پايدىلانغان چەك يۈتۈپتۇ. Office System 2013
A constraint required by this algorithm is missing. بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى تەلەپ قىلىدىغان بىر چەك يوق تۇرىدۇ. Office System 2013
A constraint required by this algorithm is missing. بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى تەلەپ قىلىدىغان بىر چەك يوق تۇرىدۇ. Office System 2016
مەن قاچىلىغان قاچىلىسام بۇ يېڭى نەشىرنى چۈشۈرۈڭ دەپ تۇرۋېلۋاتىدۇ .
ئۇنداقتا چۈشۈرۈڭ
باشتا تېزىملاتقان تېلېفون نومۇرىنى باشقا تېلېفون نومورىغا باغلايدىغاش توغرا كەلسىچۇ ؟
بۇ لوغەتنى ھازىر سېتىۋالدىم ئېتىبارلىق ۋاقتىدا ، كېيىن لازىم ۋاقتىدا ئىشلىتەي دەپ ئۇ چاغقىچە باشتا تېزىملاتقان شېفىرنى ئۇنتۇپ قىلىش بىلەن بىرگە تېزىمغا ئالدۇرۇلغان تېلېفون نومۇرۇممۇ ھازىر مەۋجۇد ئەمەس بولۇپ قالسىچۇ ؟
شېفىر ئۆزگەرتىشنى سۇئال جاۋابلىق قىلغىلىق بولماسمۇ ؟
شېفىرىنى بىلىدۇ ئەمما تېزىمغا ئالدۇرغان نامنى ئۇنتۇپ قالسچۇ ؟
فىلىم نورمال يوللانمىدىمۇ قانداق؟
قويۇلمىدىغۇ؟ بۇ تىڭشۈن تەرەپنىڭ ئىشىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ؟ ئايرىم ئايرىم ھالدا ، ئوت تۈلگە، كىروم ۋە سوگو تور كۆرگۈچلەردە ئاچسام سىن قويۇلمىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەنمۇ لۇغەتنى سېتىۋېلىپ، ئىشلىتىپ كۆردۈم. ھەقىقەتەن بەك ياخشى لۇغەت بوپتۇ، سۆزلۈكىمۇ كۆپ. جاپ چەكتىڭىز. يەنە بىر نەچچە تەكلىپ بەرگۈم كەلدى، مۇۋاپىق بولسا بۇلارنىمۇ قىلىۋېتەرسىز ياكى پايدىلىنارسىز:
1.بولسا يېڭىدىن نەشىردىن چىققان «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە-ئېنگېلىزچە تىببىي لۇغەت» سۆزلۈكلىرىمۇ قوشۇلغان بولسا، بىزدەك دوختۇر ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا كۆپ قولايلىق بولاتتى. بەزى كېسەللىك ۋە دورىلارنى ئىزدىسەك، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتتە ناھايىتى ئاز قسىمى باركەن. خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە لۇغەتتە كۆپ قىسمى كىرگۈزۈلگەندەك تۇرىدۇ. بولسا مۇشۇ لۇغەتكە ھەم سىز ئۆتكەندە ئېلان قىلغان «تەرجىمە ياردەمچىسى»گە يېڭىدىن نەشىردىن چىققان مۇشۇ «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە-ئېنگېلىزچە تىببىي لۇغەت» قوشۇلغان بولسا، ھازىرقىدەك ئۇيغۇرچە تىببىي ماتېرياللار كەمچىل بولۇۋاتقان شارائىتتا، بېزدەك خەنرۇچە تىببىي ماتېرياللاردىن پايدىلىنىپ ياكى تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇرچە تىببىيي ماتېريال تەييارلاپ خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن كۆپ قولايلىق بولاتتى.
2.لۇغەت(نىڭ قورال بالدىقى)نى ئىشلىتىشتە، تىل تاللاش تۈرى قوشسىڭىز، خەنزۇچە، ئېنگېلىزچە قاتارلىق ھالەتتە ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن كۆرۈنمە يۈزى شۇ تىلدا، كونۇپكىلارنىڭ ئورنى ھازىرقىدەك بولسا، ئۇيغۇرچە قاتارلىق تىللارنى تاللاپ ئىشلەتسەك، ئاپتوماتىك قورال بالدىقىدىكى كونۇپكىلار شۇ تىلدا كۆرۈنسە ۋە بۇ كونۇپكىلارنىڭ ئورنى سولدىن ئوڭغا ئالماشسا تېخىمۇ ياخشى بولارمىكىن دەپ ئويلىدىم. ھازىرمۇ كۆرۈنمە يۈزىنى سولدى ئوڭغا يۆتكەش ئىقتىدرى باركەن، لېكىن تاللىساق، لۇغەت سۆز كۆرسىتىش قىسمى سولدىن ئوڭغا يۆتكىلىدىكەن، ئۈستىدىكى ئىزدىمەكچى بولغان سۆز ۋە (يۇمىلاق) ئىزدەش كونۇپكىلىرىنىڭ ئورنى يۆتكەلمەيدىكەن، بۇ سەل قالايمىقان تەسىر بېىرىدىكەن، ئەگەر بۇمۇ ئوڭ سول ئالماشسا تېخىمۇ بىردەكلىككە ئىگە بولغۇدەك. windows سېستىمىسىمۇ ئېنگىلىزچە خەنزۇچە تىللاردا ئېكران يۈزىدىكى سىن بەلگىلەر سولدا، ئۇيغۇرچە قاتارلىق ئوڭدىن باشلىنىدىغان تىللاردا ئوڭغا يۆتكىلىدۇ ئەمەسمۇ. يەنە بۇ تىل تاللاش ئىقتىدارىنى لۇغەت ئىچىدە تاللاشتىن باشقا، دېتالنى قاچىلىغاندا قايسى تىلنى تاللاپ تۇرۇپ قاچىلىساق، لۇغەتكە كىرىپ بولغاندا قورال بالداق كونۇپكىلىرى ۋە ئورنى شۇ تىلغا ماس بولسا تېخىمۇ مۇكەممەل بولارمىكىن.
3.(يۇمىلاق) ئىزدەش كونۇپكىسىنىڭ يېنىدىكى سىيرىلما تىزىملىكتىكى «完全,词首,词尾,任意» قاتارلىقلارنى تاللاپ ئىشلەتكەندە نورمال ئىشلەيدىكەن، لېكىن ئالدىدىكى «توغرا» بەلگىسىنىڭ ئورنى ئۆزگەرمەي، داۋاملىق «词首»دا تۇرىدىكەن، مېنىڭچە بۇ بەلگە قايسىنى تاللىساق شۇنىڭ ئالدىغا يۆتكىلىپ كۆرۈنۈپ تۇرىشى كېرەك دەپ ئويلىدىم. بەلكىم دىققەت قىلماي قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
بەلكىم بەزى تەكلىپلىرىم توغرا بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇنچە جاپا تارتىپ ئاران روياپقا چىقارغان نەتىجىڭىزگە يەنە ئارتۇقچە تەلەپ قويمىساممۇ بولاتتى، لېكىن ئۆزەمچە لۇغەتنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە پايدىلىق دەپ ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقتىم، مۇۋاپىقلىرى بولسا پايدىلىنارسىز.