«ئۇيغۇرسوفت كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

شىركىتىمىزدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەم بولۇشى ئۇزۇندىن بۇيان بېشىمىزنى قاتۇرۇپ كەلگەن مەسىلە ئىدى. بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى 2 قارار كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپىنى ئېچىپ، بىرنەچچە خادىملارنى تەربىيەلەپ چىققان ئىدۇق، كېيىن ئۇلار شىركىتىمىزنىڭ غوللۇق خادىمغا ئايلىنىپ، بەزى يۇمشاق دېتاللارنى ئورتاق تاماملىدى ۋە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان شىركىتىمىز دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ ياكى يېڭىلاپ كېلىۋاتىمىز. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە Microsoft قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى بىلىمگە ۋە قىممەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. يىل ئاخىرىدا يەنە بىرنەچچە يېڭى تۈرلەرنى ئالدۇق، ئەمما خىزمەت مىقدارىمىز ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. بىزدە ھازىر ئەمەلىي ئىش جىق، قىلالايدىغان ئادەم ئاز. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدىمىزدا شىركىتىمىزدە تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، تەربىيەلەنگەنلەر ئىچىدىن خادىم تولۇقلاشنى لايىق كۆردۇق.

بۇ تەربىيەلەش سىنىپى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇرلار:

تەربىيەلەش مەقسىتى: شىركىتىمىزگە خادىم تەربىيەلەپ، يۇمشاق دېتال ساھەسىدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش.

تەربىيەلەش نىشانى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە، تىرىشچان، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، ئەقلى ۋە تەپەككۇرى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، كەلگۈسىدە كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش ساھەسىدە خىزمەت قىلىشنى ۋە شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىركىتىمىز بىلەن بىرلىكتە روناق تېپىشنى خالايدىغان ياشلار.

تەربىيەلەش مۇددىتى (دەسلەپكى لايىھە): تەخمىنەن 4 ئاي بىر باسقۇچ. ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 6 سائەت، بۇنىڭ ئىچىدە 3 سائەت نەزەرىيە، 3 سائەت ئەمەلىي مەشغۇلات بولىدۇ. 1 ئاي ئەمەلىي خىزمەت پىراكتىكىسى بولىدۇ.

ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر (دەسلەپكى لايىھە): ئۇيغۇر تىلى، ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتېر خەنزۇ تىلى، كومپيۇتېر ئىنگلىز، تىلى، كومپيۇتېر ماتېماتىكىسى، كومپيۇتېر پىروگرامما تۈزۈش تىللىرىدىن C++, C#, Java, PHP، ساندان بىلىملىرى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىقى… قاتارلىقلار. ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىدىن لۇغەت، كوررېكتور، خەۋەر-ماقالە سىستېمىسى، «لوقمان يۈك-تاق» باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىي كودى سۆزلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش جەھەتتىكى يېڭى بىلىملەرمۇ سۆزلىنىدۇ.

تەربىيەلەنگۈچىلەر ئاۋۋال يېزىقچە ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھانلار ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ. تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە، ھەر قايسى مەزمۇنلاردىن تاپشۇرۇق بېرىلىدۇ، كىچىك سىناقلار، ئايلىق ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. بۇ جەرياندا، ئۆگىنىشتە لاياقەتسىز بولۇپ قالغانلار ئايرىم يېتەكلىنىدۇ، بولمىغاندا دەرھال تەربىيەلەش سىنىپىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز كومپيۇتېر پىروگراممىسى لايىھەلەشتە ھەقىقىي ياراملىق، ئىختىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيەلەش.

 ناۋادا تىزىملىتىدىغانلار كۆپ بولسا، بىرنەچچە كەسپىي سىنىپ ئېچىش، ھەتتا ئۇزۇن مۇددەتلىك كەسپىي كومپيۇتېر مەكتىپى قۇرۇش پىلانىمىزمۇ يوق ئەمەس. بۇ جەھەتتە ئۈرۈمچىدىكى نوپۇزلۇق تىل مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن.

ناۋادا، ئۇيغۇرسوفت يەنە شۇنداق كەسپىي سىنىپ ئېچىپ قالسا، ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالامسىز؟ قانداق مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشنى خالايسىز؟ قانداق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىسىز؟ قېنى مەرھەمەت.

 ==============================================


ئالىم ئەھەت، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇمشاق دېتال بازىرى ئۈچۈن يېڭى ۋە قولايلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇ ئاكىسى ياسىن ئەھەت بىلەن ھەمكارلىشىپ 1997-يىلى 6-ئايدا «كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا تۇنجى قېتىم كومپيۇتېرغا ئائىت 3000 سۆز-ئىبارە ۋە ئاتالغۇنى ئېلان قىلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىدىن دەرس بېرىدۇ. يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، يۇمشاق دېتال لايىھەلەشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.

ئالىم ئەھەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر پەنلىرىدىن دەرس بېرىدۇ، 16 يىلدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ۋە 20 يىلدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، ++C/C ۋە Microsoft .NET پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ. ئۇ 17 يېشىدىن باشلاپلا كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىنى يېزىشقا باشلىغان. 1998-يىلى 6-ئايدا يەنى 24 يېشىدا «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى لايىھەلەپ چىققان. خادىملار بىلەن بىرلىكتە يەنە «ئايرودۇرۇم»، «لوقمان يۈك-تاق باشقۇرۇش» سىستېمىسى، رادىيو ئىستانسىسى ئۈچۈن «ماقالە» سىستېمىسى، بانكىلار ئۈچۈن «پۇل ئامانەت، ھېسابات ئاغدۇرۇش، روزغارلىق باشقۇرۇش» سىستېمىسى قاتارلىقلارنى تاماملىغان. Microsoft شىركىتىنى قايىل قىلىپ، Windows قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.

ئالىم ئەھەت، 2008-يىلى 11-ئايدا «ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى»، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى»، «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» قاتارلىق مەركەزدىكى ئورۇنلار تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ تەقدىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2011-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭدىكى «جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى»، «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ پەخرى، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ھازىرقى دەۋردە يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
442 پارچە باھا يېزىلدى
  • توپقا كىرەلمىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى am 11:35
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:53
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئالىم ئەھەت مۇئەللىم . مىنىڭ سىزدە ئۇقۇغۇم بار.چۈنكى مەن ۋ ب ھەم س++ توغرۇلۇق خېلى ئىزدەندىم ھەم ئۈگەندىم .نۇرغۇن ياسىماقچى بولغان دىتاللىرىمنى دەپتەرگە سىزىپ .ئۇنىڭدىن كىيىن كومپىيوتىردالاھىيەلەپ دىگەندەك.لېكىن شۇياسىغانلىرىمنى قىممەتكە ئايلاندۇرۇش ئەپ بازىرىغاچىقىرىش ئۈچۈن .ھەم سىزدىن بىلىم ئېلىپ كام يەلىرىنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن سىزدىن بىلىم ئالاي دىگەنتىم.مۇمكىن بۇلامدۇ؟
    ھەممەدىتاللىرىمنىڭ سول تەرەپ ئۈستۈن بۈرجىكىگە سىزنىڭ سۈرىتىڭىزنىڭ كىچىكلىتىلگەن سۈرىتىڭىزنى ئىشلەتسەم بۇلامدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 13:31
  • … ئىلكىتاپ نۇسخىسى بولسىمۇ بولاتتى
    سىز يازغان ياكى تەرجىمە قىلغان باشقا كىتابلار يوقمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 19:47
  • ئالىم ئەخەت ئاكا! مەن 1997-يىلى 6-ئايدا بىسىلغان «كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى» ناملىق كىتابنى سىتىۋالاي دىگەن،بىراق كىتاپ خانلاردىن تاپالمىدىم،شۇڭا سىزدە زاپاس بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز. تىلغۇن نۇمۇرۇم : 13369843940

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 15:55
  • سىلى ئەمدى ئادەم تەربىيلەپ قالسىلا قاچان باشلايلا ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:03
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا مېنىڭمۇ مۇشۇ جەھەتتە تەربىيىىلەنگىم بار ئىدى مۇمكىن بولسا خادىم تەربىيىلەش سىنىپى تۇغۇرلۇق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز رەخمەت سىزگە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:13
  • ئالىم مۇئەللىم . سىلەرنىڭ يەرشارىلاشتۇرۇش بۆلۈمىڭلار بارمۇ . بولسا مەن دېرىكتور بولاي دىگەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 21:54
    • ھازىرچە يەرلىكلەشتۈرۈش بۆلۈمىمىز بار، لېكىن بىزگە ھەقىقەتەنمۇ دىرېكتور كېرەك، مەن ئۆزەمنى ھازىرغىچە بىر خۇجايىن ئەمەس، بەلكى بىر يۇمشاق دېتال ئىشچىسى دەپ قارايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى am 10:02
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم ئەھەت ئاكا ، مەن بۇيىل تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن ، لىكىن مېنىڭ ئارزويۇم سىزگە ئوخشاش بىر پىروگراممىر بۇلۇش ئىدى ، شۇڭا مۇمكىن بولسا سىز بىلەن بىر ئالاقىلاشسام دەپ ئويلىغان ، سىز بىلەن يۇرتداش ھەم مەھەللىداش ، ئۆيىمىزنىڭ ئارلىقىمۇ نەچچە تاملا كېلىدىكەن . ئۈندىدار، يانفۇن : 15899361386

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى am 02:59
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمجان ئەپەندىم مەن بىر دانە يۇمشاق دىتال لاھىيەلەتمەكچى ئىدىم بولسا ئالاقىلاشقان بولساق 13579118277 ياكى چى چى 1134192916 مەبلەغنى ئاللاھ خالىغان بولسا ياخشى سىلىپ بىر پىسخىكا تۇردىكى يۇمشاق دىتال ئىشلەتمەكچى ئىدىم پاراڭلىشىپ باققان بولساق

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 12:28
  • ئەسسالام ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم.ئوقۇش ھەققى قانچىدۇ؟ئادەم چوڭ بوپ قاغاندا ئۆيدىكىلەرگە ئېغىرچىلىقىمىزنى سالىۋەسەك سەت تۇردىكەن.
    شۇنىىڭغا ئۆزۇم كۇچۇمنىڭ يىتىشىچە ئامال قىپ باقاي دەپ ئويلىغان.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 12:38
  • ئەسسالام ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم .مەن بىر ئوقۇغۇچى .مەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئۇچۇر ۋە ھىسابلاش كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن.مۇشۇ يۇمشاق دىتال لاھىيەلەش جەھەتتە قىزىقىشىم بار ئىدى. مۇمكىن بولسا شەنبە يەكشەنبىلىك سىنىپلانى ئاچقىلى بۇلامۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 12:31
    • مەن بۇ قېتىم بۇ ئىشلارنى توردا قىلغان، باشقا شەكىلدىكى كۇرۇس ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھازىرچە ۋاقتىم يېتىشمەيدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 22:41
  • ۋاي ياقەي يامالايدىغان كىچىك بالا بولمسام يا مەن، ھېچكىسى يوق كىيىنچە ئاللاقىلشامىز !

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 13:51
  • ئالىم ئاكا نەچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى ، سىزنىڭ ئېلخېتىڭزنى تاپشۇرۇم ئاللالمدىم ، رەخمەت سىزگە چىقىش يولنى ئۆزۈم تاپاي !

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 16:30
    • ئەمىسە يامانلاپ قالماڭ، مەن سەپەردە بولۇپ قېلىپ، بارىدىغان جايلاپ كۆپ بولغاچقا كومپيۇتېر ئىشلىتىش پۇرسىتى ئاساسەن بولماي قالدى، دەم ئېلىشقا بارغان بولغاچقا ھەركۈنى ياتاقتا ئولتۇرۇپ كومپيۇتېردا تورغا چىققۇم كەلمىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:27
  • ئاكا ئەمسە سىزنىڭ خېتىڭىزنى ساقلاپ قالدىم !

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 20:29