مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئورگان تەرەپتىن ئېلان قىلىنىپ ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمگەن بۇ كۈنلەردە، ھەرقايسى تور بېكەتلەردىن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بەس-بەستە يازغان تېما ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئەمما بەزى تور بېكەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. مەن گەپنى سەل باشتىن باشلاي.

Windows 7 خەنزۇچىدىن باشقا يەنە جۇڭگودىكى 7 مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلالايتتى. ئۇلار زاڭزۇچە (藏语)، مۇڭغۇلچە (蒙古语)، يىزۇچە (彝语)، ئۇيغۇرچە (维吾尔语)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 德宏傣文, 西双版纳新傣文, 八思巴文 لاردىن ئىبارەت. Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى مەن بەش قولدەك ئوبدان بىلىمەن، ئورگان تەرەپ تىل بولىقىنى چىقىرىمەن دېسە، قائىدە بويىچە Windows قا كىرگەن تەرتىپ بويىچە ئويلىشىدۇ. ھېچبولمىغاندا جۇڭگودا خەنزۇچىدىن باشقا يەنە بىرەر تىلنى تاللايمەن دېسە زاڭزۇچە (تىبەت) ياكى مۇڭغۇلچىنى تاللىغان بولاتتى. زاڭزۇچە ۋە مۇڭغۇلچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تېخنىكىسىمۇ خېلە پىشىپ يېتىلگەن، بەزى دېتاللىرىنىڭ تېخنىكىسى تېخى بىزنىڭ ئالدىمىزدا. ئەلۋەتتە دۆلەتمۇ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ قېتىم ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى ئالدىدا ئويلىشىپ، ئىلتىماسنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى كېيىن دەپ بېرەي. لېكىن كېيىن چوقۇم زاڭزۇچە (藏语) ياكى مۇڭغۇلچە (蒙古语)نىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللايدۇ.

Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بەلگىلەنگەن پىلاندىن بۇرۇن ئېلان قىلىۋېتىشىنى مەنمۇ بىلمىدىم. چۈنكى، تىل قوشۇشتىن پارسچە (ئىران)، ئۆزبېكچە (ئۆزبېكىستان)، قازاقچە (قازاقىستان)،…. تىل بولىقىنى ياكى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى باشقا تىل بولىقى كۇرد (تۈركىيە، كۇردىستان)، پوشتۇ (پاكىستان، پەنجاپ)،…نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىن باشقا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى تىل بولىقىنى تېخىچە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇلار تەييار بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارغىمۇ ئاز قالدى.

ئەمدى گېپىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ يەردە بەزى تور بېكەت (مۇنبەر ياكى بىلوگلار)نى ئاشكارە تىلغا ئالغۇم كەلمىدى، ئەمما بۇ تور بېكەتلەر Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، بەزى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ، ئېنىق ئېيتقاندا پېتىغداپ ياكى بۇلغاپ بولغاندىن كېيىن بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ، ئۆز تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى تەمىنلەپتۇ، ھەتتا ئۆز تور بېكىتىنىڭ ئېلانى سۈپىتىدە بىلوگىمغا ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن نېمە ئويدا، سىلەر زادى نېمە كويدا؟ ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بەزى پىكىرى ئۆتكۈر تورداشلارمۇ بۇ ئىشقا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ئۇنداق قىلماسلىقنى تاپىلاپتۇ.

بۇنداق قىلمىش «Microsoft Windows 8 تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»گە ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، Microsoft بۇنداق قىلمىشنى ئەڭ ئېغىر كۆرىدۈ، ۋاقتى كەلگەندە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ. كېيىن تىل بولىقىنى توردىن چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەندە، چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى «ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»(ئۇيغۇرچە)نى توردىن كۆرەلەيسىز. ھەرقانداق ئادەمنىڭ تىل بولىقىنى ئۆز ئالدىغا قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە، ئۆز ئېلانلىرىنى قوشۇشقا،…ئاشكارە تارقىتىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

يەنە بىرسى بۇ كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىمۇ قەبىھ قىلمىشتۇر. ناۋادا Microsoft مەھسۇلاتلىرىغا زىيادە ئامراق بولساڭلار، مەن ئالاقىلىشىپ بېرەي، بېيجىڭدىكى Microsoft ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ 1-2 ئايلىق پىراكتىكانت خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىڭلار، كەسپىي ئەخلاق ۋە قىزغىنلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىڭلار. لېكىن، بۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. باشقىلار كۆرسە بۇلاردىمۇ بۇنداق ئىش بار ئىكەن ئەمەسمۇ دەپ ھەيران قالىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى نام-ئاتاق ئەمەس.

يەنە مۇھىم بىرسى ھەممە ئادەم ئورگان تور بېكىتىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا بولغان ئېھتىياجنى ۋە قىزغىنلىقنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. بۇ Microsoft نىڭ باشقا مۇھىم مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كېڭەيتىشكە بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ.

ئەگەر تور بېكىتىڭىز بولسا، ئازىراق ئېلان ئورنىدىن ۋاز كەچسىڭىزمۇ Windows 8 نى تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. مەن تېخى بارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە Windows 8 توغرىسىدا بەس-بەستە تەشۋىقات بولامدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن. گەرچە چۆچۈرىنى خام سانىغان بولساممۇ، ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز، تور بېكىتىڭىزدە ھازىرغىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىۋاتقان Microsoft نىڭ ئاشۇ كىچىككىنە eot تېخنىكىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، 2-3 ئاي تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار ئېتىبار مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالسۇن. ئىناۋەت كارتىسى سەۋەبىدىن سېتىۋالالمىغانلارغا ئىناۋەت كارتىسى بارلار ياردەملىشىپ ئېلىشىپ بەرسۇن. لېكىن ئىمكان بار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماڭ. چۈنكى دۇرۇس يۇمشاق دېتال سېتىۋالىمەن دەپ ئالدىڭىزغا كەلدى، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. 250 يۈەن بەرسىمۇ 2 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىڭ. ئەجرىڭىزنى باشقا يەردىن تېپىڭ. بىرسىگە ياخشىلىق قىلسىڭىز، چوقۇم شۇ كىشى قايتۇرۇشى كېرەك دەيدىغان تامادا بولماڭ. ياخشىلىق ھامان ياخشىلىقتۇر، بەلكىم سىز ئويلاپ باقمىغان باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن سىزگە قايتىشى مۇمكىن.

ياكى بۇ دېگەن تىجارەت دېسىڭىز، دوللارچى تونۇشلىرىڭىزغا دەپ قويۇڭ. مۇشۇ قارا سوغۇقتىمۇ 100 دوللار ئالماشتۇرسا، ئاران نەچچە پۇڭ ياكى نەچچە موچەن پايدا ئالىمەن دەپ بانكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ. ماۋۇ 40 دوللارلىق نەرسىنى ئېلىپ ساتىمەن دېسە گەپ يوق 1-2 دوللار پايدا ئالالايدۇ. ئۇلاردا دوللار چىقىم قىلالايدىغان نۇرغۇن كارتا بار.

ئارتۇق ۋاقتىڭلار بولسا، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بۇزىمەن دەپ يۈرمەي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭلار، مەسىلەن: Windows 8 دۇكىنىغا ئەپ يېزىشنى مەشىق قىلىڭلار. شىركەت بولساڭلار Windows دۇكىنىغا تىزىملىتىشقا ياردەملىشىمەن. شەخس بولۇپ ئەپ يېزىپ قالساڭلار Windows دىكى ئۇيغۇرسوفت دۇكىنىدا ئېلان قىلىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.

تور بېكەتلىرىڭىزدە بىرنەچچە ئاي بولسىمۇ Windows 8 توغرىسىدا تەشۋىق قىلالامسىز-يوق؟ Microsoft بىزدىكى يۇمشاق دېتال قىزغىنلىقىنى بىر كۆرۈپ باقسۇن، قېنى مەرھەمەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
393 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ھۆرمەتلىك ئالىم ئەپەندىم!ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرىڭىز ئۈچۈن چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن. سىزنىڭ قوشقان ، قوشماقچى بولغان تۆھپىلىرىڭىز مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەڭداشسىز ئەۋزەللىكلىرىنى تۇنۇتۇشقا بېغىشلانغان كىتاۋىم ئۈچۈن كاتتا قىممەتلىك پاكىت – دەللەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ!
    جەنابىي ئاللاھ باسقان قەدەملىرىڭىزدىن پورەك-پورەك قىزىل گۈللەرنىڭ ئۈنۈپ بېرىشىنى نېسىپ ئەيلىگەي، ئامىين!
    ئاۋۇ كۆڭلى قارا پۇلخۇمارلارنىڭ ئەھۋالىدىن بەكمۇ يىرگەندىم، ئۇلارنىڭ ئەقلى پۇلدا كۆيۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ!
    ئەمما «نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۈشۈك»!
    يارەپ، ئاشۇ خىل ئىنسانلىرىڭغا تەۋپىق – ھىدايەت ئاتا قىلغايسەن، ئامىين!
    ئەمدىكى سۆزۈم، مەن يېقىندا بىر دانە كومپيوتېر سېتىۋالغان ئىدىم. سېستىمىسى windows8 (تۈركچە) ئىدى. ئۇنىڭغا office2013 نى قاچىلاپ كۆرسەم مىژ ماراقاي، چۇپپۇ – چاتاق نوقتىلار بەك كۆپ بولۇپ ، كېرەكلىك نوقتىلارنى تاپماق بەك مۇشكۇل ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە office2003تىكى بەزى قىممەتلىك ئالاھىدىلىكلەر……مۇ يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن يانىلا office2003 قاچىلاپ ئىشلىتەي دېسەم يەنە بىر چاتاق چىقتى. ئۇ بولسىمۇ بىر جۈملىگە نىسپەتەن سۆزلەملەرنىڭ ئورۇنلىشىشى «يازىمەن كىتاپ مەن»دېگەندەك بولۇپ قالدى. بۇ ھالەتنى ئەسلا ئۆزگەرتەلمىدىم. قانداق قىلسام بولىدىكىن؟
    يەنە بىرى، كىتاۋىمنى يېزىپ بولغان ئىدىم. ھازىر ئۇنى رەسمىي قېلىپقا كىرگۈزۈپ «تەھرىرلەپ» مېڭىۋاتاتتىم. 115 بەت بولغاندا «ساقلاش» بۇيرىغىنى بىرىپ قايتا ئاچسام «ساقلاش» تىن ئاۋۋالقى رەتلەنگەن ھالىتى بۇزۇلۇپ كىتىپتۇ. بۇ نىمە ئۈچۈندۇ؟
    ئەمدىكى مەسىلە، رەتلەنگەن نۇسخىنى PDF شەكلىگە كەلتۈرەي دېسەم يانىلا قاملاشمىدى، يەنى قىستۇرۇلغان رەسىم ، نەقىشلەر خۇددى چېتىغى ئۈزۈلۈپ ھەر قاياققا چېچىلىپ كەتكەن تۆگىلەر توپىدەك بولۇپ قالدى. بۇ قانداق ئەھۋال؟
    مانا شۇ جەھەتلەردە قىممەتلىك ۋاختىڭىزدىن ئازىراق چىقىرىپ بولسىمۇ پىكىر – مەسلىھەت بىرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
    خەير، ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:41
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
      خېتىڭىزنى كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن، ۋاقتىدا جاۋاب يازالمىغانلىقىمدىن خىجىلمەن.
      يېڭى كومپيۇتېرىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، ياخشى ئىشلىتىشكە نېسىپ قىلسۇن،
      مېنىڭچە يەنىلا Office 2013 نى ئىشلەتكىنىڭىز تۈزۈك ئىدى. ئۇ ھەرقانچە قىلسىمۇ 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى Office دىن كۆپ ياخشى. سىز دېگەن ئۇ ئىقتىدارلار ئەلۋەتتە بار. سىز پەقەت Office نىڭ تىل تاللاش دېگەن يېرىدىن (Office 2003 ئۈچۈن) ئەرەبچە ياكى (Office 2013 ئۈچۈن) ئۇيغۇرچە دېگەننى تاللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. Office 2007 دىن باشلاپ PDF قىلىش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولۇپ، شۇنى ئىشلەتسىڭىز، بەت يۈزى قانداق بولسا، شۇ پېتى PDF قىلىپ بېرەلەيدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:29
  • ئىنگىلىسچە يازاي دىسەم ئۇيغۇرچە چىقىۋىلىپ بارىدۇيا!
    ۋىن8 ئىنگىلىسچىنىمۇ ئۇيغۇرچە يازىدىكەندە!!!
    ئالىم مۇئەللىم ۋىن8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچان ئىلان قىلنىدىغاندۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:58
    • پەرزىمچە بەلكىم بۇ يىل 12-ئايدىن بۇرۇن بولىدۇ. ھازىر Windows Phone نىڭ ئاتالغۇلىرى يەرلىكلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ. بەلكىم كېلەر يىلى ئۇنىڭمۇ تەييار بولۇشى مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:34
  • Windows 8 نى سېتىۋالغان بولغاندىكىن تىل بولىقىنى ئورگان تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسا ،ئالىم مۇئەللىم ئىيىتقاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا بولغان ئېھتىياجنى ۋە قىزغىنلىقنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. بۇ Microsoft نىڭ باشقا مۇھىم مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كېڭەيتىشكە بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ،بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ؟.Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەيمەن دەپ ئاۋارە بولۋاتقانلار؟سىلەر زادى ،ئىشنى بۇزاماقچىمۇ ياكى تۈزمەكچىمۇ؟ ئۇنداق قىلماڭلار،،،،!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 13:47
  • Windows 8 نى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىپ بەك خۇش بۇلدۇم ھەم بىز ئۇيغۇرلادىن سىزدەك ئالىمنىڭ چىققىنىدىن پەخىرلەندىم … مىنىڭمۇ سىزدەك پىرۇگىرامىر بۇلغۇم كەپكەتتى لىكىن ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يۇق دەڭە ….مەن ھاياجىنىمنى باسالماي جىق گەپ قىلىپ قۇيدۇم ئاخىرىدا مىللىتىمىزدىن سىزدەك ئالىملانىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن تېخىمۇ تىرىشىڭ بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز…………

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى am 09:26
  • ياخشىمۇ سىز ئالىم موئەللىم مەن windows8دىن ئىككىنى سىتۋالغان بىرنى قاچلاپ 3كۇندىن كىيىن قوزغالماي قايتا قاچلاپ ئەسلىدىكى نومورنى ئىشلەتمەي باشقا كومىپىيۇتىرغا قاچلاشقا ئىلىپ قويغان2-نومورنى ئىشلىتىپ ساپتىمەن شۇنىڭ بىلەن 1-قىتىم شۇ كومپىيۇتىرغا ئىشلەتكەن نومۇر ئىشلەتكىلى بولماس بولۇپ قىلۋاتىدۇ شۇڭا بۇ نومورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ باشقىغا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئامالى بارمۇ بىر ياردەم قىلسىڭىز بىكاردىن بىكار بىر تال windows 8 بىكار بولۇپ كەتمىسۇن ياردەم قىلىشڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 21:35
  • ئەسسەللمۇ ئەلەيكۇم.ۋندوس8 قاچلانغان كومپيوتر سېتۋالغان،ئۇنڭغمۇ ئويغۇرچە ۋندوسنى يەنە قاچلامدىم؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى am 00:44
  • ئالىم مۇئەللىم ، مەن بۇلتۇر 10-ئايدا ، سامسۇڭنىڭ 15 سوڭلۇق خاتىرە كۆمپيۇتېرىدىن بىرنى سىتىۋالغان ئىدىم، ۋىندوۋس7نىڭ ھەقىقى نەشىرى قاچىلاغلىق ئىدى، سىستىما ۋىرۇسلىنىپ ئاپارسام ساختا نەشرىنى قاچىلاپ ئوڭشاپ بىرىپتۇ، ماڭا ئەسلى نەشىردىكى ۋىندوۋس7نى ئىشلىتىش پۇرسىتى بارمۇ؟ ئۇنى ۋىندوۋس 8 گە كۆتۈرمەكچى ئىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 15:36
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئالىم موئەللىم ياخشىموسىز، مەن مەلوم بىر ژۇرنالدىن ئۇيغۇرچە ئۇقوپ بەرسە يىزىق ھالەتكە ئايلاندۇرۇپ بىرىدىغان سىستىمىنى شىنجاڭ داشۇنىڭ ياساپ چىققانلىغىنى ئۇقوغان ئىدىم. لىكىن ھازىرغىچە ئۇ سىستىمىنى ئۇچراتمىدىم تىمىدىن سىرت بولسىمۇ بۇ مەسىلىنى سۇراشنى لايىق تاپتىم شۇڭا خاپا بولماي جاۋاپ بەرگەن بۇلسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:52
    • ئىشلىتىش قىممىتى بار بۇنداق دېتال مەيدانغا كەلمىدى

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 15:22
    • مۇشۇ نەرسىنىڭ پىرىنسىپىنى بىلەلمىدىم، ocrغا ئوخشاشمىدۇ يا ئوخشىمامدىغاندۇ؟ پىرىنسىپىنى بىلىۋالغان بولساق ئېتىشىپ باقاتتۇق، ocr نى خەنۋاڭ قىلىۋاتقاندىكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 16:22
  • مىكروسوفت شىركىتى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسى شۇنداق چىرايلىق تۇرمامدۇ، قېرىنداشلىرىم شۈكرى قىلايلى، ئۆزىمىز قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئالىيجاناپ تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ قان تەرىنى ۋە خالىس تۆھپىسىنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋېلىپ، ئاچكۆزلۈك بىلەن ھايانكەشلىك قىلساق، مەن ۋە سىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتقان ئالىم مۇئەللىمدەك ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلىمەي، ئۇلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئازغىنە ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلساق، بۇنىڭغا غورۇرىڭىز قانداق يول قويار، ئەگەر سىزدە ئىشەكچىلىك غورۇر ۋە ئۇيغۇرغا خاس روھ بولسا تىزدىن بۇقىلمىشىڭىزنى توختۇتۇڭ ھەم ئالىم مۇئەللىمدىن كەچۈرۈم سوراڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:17
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، ئىككى ھەپتىچە بولدى . Windows 8 نى سېتىۋالالمىدىم .http://shop.edu.cn بۇ تور بەتكىمۇ كىرىپ باقتىم . تور بانكا كارتام يوق ئامال قىلالمىدىم . سىزنى بىر يارىدەم قىلامدىكىن دەپ بۇ ئىلتىماسنى سۇندۇم . چ چ نۇمۇرۇم:8794443 . بولسا تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى بىلىۋالسام .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:43
    • 、ئالىم مۇئەللىم ئالدىراش ئوخشايدۇ،خالىسىڭىز مەن سىزگە ياردەم قىلاي، چ چ نومۇرۇم 112496293،تېلفۇن نومۇرۇم:13909988274

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى am 09:40
  • ئەسسەلامۇ-ئەلەيكۇم… مۇنازىرە بولمىدى ئەمەس بولدى…. لىكىن سىز دىگەندەك كۆپ ئەمەس… مەنمۇ ماۋۇ كۇنى بىر بىكەتنىڭ ئۇيغۇرچە win 8 نى ساتىدىغانلىقىنى كۆرۇپ باشقا بىكەتلەرگە كۆچۇرۇپ تارقاتتىم لىكىن باشقۇرغۇچى تەستىقلىماپتۇ…. مەن تىخى مىكروسوفىت شىركىتىدىن بىر تۇركۇم window8نى سىتىۋىلىپ ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ ئۇيغۇرلارغا ئاسانلىق ياراتقان چىغى دەپ ئويلاپ يۇرۇپتىمەن……يەنىلە مەن بەكلا ساددىكەنمەن….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى am 02:23
  • ئالىم مۇئەللىم،ياخشىمۇ سىز! مەنمۇ يېقىندا ۋىندوۋس 8نى سېتىۋالغان ھەم قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن،بىراق تورغا ئۇلاشتا ئازراق مەسلىگە يولۇقۇپ قالدىم،يەنى كەڭ بەلباغلىق تورنى ئۇلىغاندا 651 دىگەن خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ تورغا ئۇلىنىدۇ لېكىن تور بەتلىرى ئېچىلمايدۇ.بۇنى قانداق ھەل قىلىمەن؟تەپسىلىي دەپ بەرگەن بولسىڭىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 15:07
  • بارىكاللا مۇلاھىزىڭزى تولىمۇ ئەتىراپلىق ۋە ئىدىتلىق بولۇپتۇ. مەن ئويلاايمەنكى بىز ھەممىز مۇشۇ دەۋىردە ئۆز تىلىمىز ئۈچۈن ئەق ئەققەلى بولغان ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىدا بولسىمۇ مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز تىل يىزىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايلى. ھەم مۇشۇ يولدا جاپا چىكىۋاتقانلارنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇلارغا ياردەم بىرەيلى. ئۆزۇممۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى am 11:58
  • مەن كومپىيۇتېرنى توردىن ئالغان سېستىمىنىمۇ ئۇلار قاچىلاپ ئىۋەتكەن لېكىن نومېرىنى ئىۋەتمەپتۇ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشسام بولمىسسىمۇ بولۇدۇ دەيدۇ،ئەمما 添加功能 windows8 دا نومۇر سوراۋاتىدۇ.قانداق قىلىشىم كېرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى am 10:46
    • 添加功能 windows8 غا كىرگۈزىدىغان ئاچقۇچ نۇمۇرى بولسا Windows Media Center نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرى، ھەرگىزمۇ windows8 نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرى ئەمەس.
      Windows Media Center نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows-8/feature-packs دىن ئىلتىماس قىلىدىكەنمىز، 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلساق ھەم ئاكتىپلاشتۇرساق بولىدىكەن، بىراق مەن زادى ئىلتىماس قىلالمىدىم، قانچە قېتىملاپ سىنىساممۇ 我们无法处理你的订单。دەپ چىقىۋالدى. بىلىدىغانلار يول كۆرسەتسەڭلار.
      ئەگەر ئىلتىماس قىلىپ ئالالمىساق ھازىرقى ئېتىبار باھاسى 88 يۈەن ئىكەن، 1-ئاينىڭ 31-كۈنى پائالىيەت ۋاقتى ئاخىرلىشىدىكەن، نىمىشقا ئىلتىماس قىلىپ ئالغىلى بولمايدۇ؟ ئالىم مۇئەللىم، مەن خەت ساندۇقىڭىزغا خەت ئەۋەتىپ ياردەم سورىغان، خەت بارمىدىمۇ ياكى كۆرمەي قالدىڭىزمۇ بىلمىدىم، بەلكىم نۇرغۇن دوستلىرىمىز بۇ مەسىلىگە يۇلۇقتى بولغاي، ھەقسىز ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋالساق دەيمەن. مىنىڭ خەت ساندۇق ئادرېسىم: amarjan01@outlook.com

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 18:24
  • مەن بۈگۈن windows8 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالدىم … مۇشۇ تاپتا خۇشاللىقىمنى قانداق ئىپادىلىسەم بولار … شۇنچە ئۇزۇن بولدى بىر ئىناۋەت كارتىسى تاپالماي بۈگۈن بىر ھەربى دوستىمىز كىلىپ قىلىپ شۇنىڭ ئىناۋەت كارتىسى بىلەن سىتىۋالدىم … مەن windows8 نى سىناق نوسخىدىن باشلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن بۇنىڭدىكى ئىختىدارلارغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم… مەن ئەمدى پۇرسەت چىقىرالىسام ئۇنىڭغا ئەپ ياساشنى ئۆگىنەيمىكىن دەيمەن… بىز ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنى تونۇيلى مانا مۇشۇ بىزنىمۇ چەت دۆلەتلەرنىڭ ئىتىراپ قىلغانلىقى شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز نىمىگە قاراپ تۇرىسىز …

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 18:11