مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

مەن نېمە ئويدا، سىلەر نېمە كويدا؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئورگان تەرەپتىن ئېلان قىلىنىپ ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمگەن بۇ كۈنلەردە، ھەرقايسى تور بېكەتلەردىن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بەس-بەستە يازغان تېما ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئەمما بەزى تور بېكەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. مەن گەپنى سەل باشتىن باشلاي.

Windows 7 خەنزۇچىدىن باشقا يەنە جۇڭگودىكى 7 مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلالايتتى. ئۇلار زاڭزۇچە (藏语)، مۇڭغۇلچە (蒙古语)، يىزۇچە (彝语)، ئۇيغۇرچە (维吾尔语)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 德宏傣文, 西双版纳新傣文, 八思巴文 لاردىن ئىبارەت. Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى مەن بەش قولدەك ئوبدان بىلىمەن، ئورگان تەرەپ تىل بولىقىنى چىقىرىمەن دېسە، قائىدە بويىچە Windows قا كىرگەن تەرتىپ بويىچە ئويلىشىدۇ. ھېچبولمىغاندا جۇڭگودا خەنزۇچىدىن باشقا يەنە بىرەر تىلنى تاللايمەن دېسە زاڭزۇچە (تىبەت) ياكى مۇڭغۇلچىنى تاللىغان بولاتتى. زاڭزۇچە ۋە مۇڭغۇلچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تېخنىكىسىمۇ خېلە پىشىپ يېتىلگەن، بەزى دېتاللىرىنىڭ تېخنىكىسى تېخى بىزنىڭ ئالدىمىزدا. ئەلۋەتتە دۆلەتمۇ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ قېتىم ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى ئالدىدا ئويلىشىپ، ئىلتىماسنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى كېيىن دەپ بېرەي. لېكىن كېيىن چوقۇم زاڭزۇچە (藏语) ياكى مۇڭغۇلچە (蒙古语)نىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللايدۇ.

Microsoft نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بەلگىلەنگەن پىلاندىن بۇرۇن ئېلان قىلىۋېتىشىنى مەنمۇ بىلمىدىم. چۈنكى، تىل قوشۇشتىن پارسچە (ئىران)، ئۆزبېكچە (ئۆزبېكىستان)، قازاقچە (قازاقىستان)،…. تىل بولىقىنى ياكى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى باشقا تىل بولىقى كۇرد (تۈركىيە، كۇردىستان)، پوشتۇ (پاكىستان، پەنجاپ)،…نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىن باشقا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى تىل بولىقىنى تېخىچە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇلار تەييار بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارغىمۇ ئاز قالدى.

ئەمدى گېپىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ يەردە بەزى تور بېكەت (مۇنبەر ياكى بىلوگلار)نى ئاشكارە تىلغا ئالغۇم كەلمىدى، ئەمما بۇ تور بېكەتلەر Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، بەزى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ، ئېنىق ئېيتقاندا پېتىغداپ ياكى بۇلغاپ بولغاندىن كېيىن بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ، ئۆز تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى تەمىنلەپتۇ، ھەتتا ئۆز تور بېكىتىنىڭ ئېلانى سۈپىتىدە بىلوگىمغا ئىنكاس يېزىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن نېمە ئويدا، سىلەر زادى نېمە كويدا؟ ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بەزى پىكىرى ئۆتكۈر تورداشلارمۇ بۇ ئىشقا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ئۇنداق قىلماسلىقنى تاپىلاپتۇ.

بۇنداق قىلمىش «Microsoft Windows 8 تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»گە ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، Microsoft بۇنداق قىلمىشنى ئەڭ ئېغىر كۆرىدۈ، ۋاقتى كەلگەندە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ. كېيىن تىل بولىقىنى توردىن چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەندە، چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى «ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى»(ئۇيغۇرچە)نى توردىن كۆرەلەيسىز. ھەرقانداق ئادەمنىڭ تىل بولىقىنى ئۆز ئالدىغا قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە، ئۆز ئېلانلىرىنى قوشۇشقا،…ئاشكارە تارقىتىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

يەنە بىرسى بۇ كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىمۇ قەبىھ قىلمىشتۇر. ناۋادا Microsoft مەھسۇلاتلىرىغا زىيادە ئامراق بولساڭلار، مەن ئالاقىلىشىپ بېرەي، بېيجىڭدىكى Microsoft ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىگە بېرىپ 1-2 ئايلىق پىراكتىكانت خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىڭلار، كەسپىي ئەخلاق ۋە قىزغىنلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىڭلار. لېكىن، بۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. باشقىلار كۆرسە بۇلاردىمۇ بۇنداق ئىش بار ئىكەن ئەمەسمۇ دەپ ھەيران قالىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى نام-ئاتاق ئەمەس.

يەنە مۇھىم بىرسى ھەممە ئادەم ئورگان تور بېكىتىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا بولغان ئېھتىياجنى ۋە قىزغىنلىقنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. بۇ Microsoft نىڭ باشقا مۇھىم مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كېڭەيتىشكە بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ.

ئەگەر تور بېكىتىڭىز بولسا، ئازىراق ئېلان ئورنىدىن ۋاز كەچسىڭىزمۇ Windows 8 نى تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. مەن تېخى بارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە Windows 8 توغرىسىدا بەس-بەستە تەشۋىقات بولامدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن. گەرچە چۆچۈرىنى خام سانىغان بولساممۇ، ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز، تور بېكىتىڭىزدە ھازىرغىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىۋاتقان Microsoft نىڭ ئاشۇ كىچىككىنە eot تېخنىكىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، 2-3 ئاي تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ. سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار ئېتىبار مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالسۇن. ئىناۋەت كارتىسى سەۋەبىدىن سېتىۋالالمىغانلارغا ئىناۋەت كارتىسى بارلار ياردەملىشىپ ئېلىشىپ بەرسۇن. لېكىن ئىمكان بار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماڭ. چۈنكى دۇرۇس يۇمشاق دېتال سېتىۋالىمەن دەپ ئالدىڭىزغا كەلدى، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. 250 يۈەن بەرسىمۇ 2 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىڭ. ئەجرىڭىزنى باشقا يەردىن تېپىڭ. بىرسىگە ياخشىلىق قىلسىڭىز، چوقۇم شۇ كىشى قايتۇرۇشى كېرەك دەيدىغان تامادا بولماڭ. ياخشىلىق ھامان ياخشىلىقتۇر، بەلكىم سىز ئويلاپ باقمىغان باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن سىزگە قايتىشى مۇمكىن.

ياكى بۇ دېگەن تىجارەت دېسىڭىز، دوللارچى تونۇشلىرىڭىزغا دەپ قويۇڭ. مۇشۇ قارا سوغۇقتىمۇ 100 دوللار ئالماشتۇرسا، ئاران نەچچە پۇڭ ياكى نەچچە موچەن پايدا ئالىمەن دەپ بانكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ. ماۋۇ 40 دوللارلىق نەرسىنى ئېلىپ ساتىمەن دېسە گەپ يوق 1-2 دوللار پايدا ئالالايدۇ. ئۇلاردا دوللار چىقىم قىلالايدىغان نۇرغۇن كارتا بار.

ئارتۇق ۋاقتىڭلار بولسا، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بۇزىمەن دەپ يۈرمەي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىڭلار، مەسىلەن: Windows 8 دۇكىنىغا ئەپ يېزىشنى مەشىق قىلىڭلار. شىركەت بولساڭلار Windows دۇكىنىغا تىزىملىتىشقا ياردەملىشىمەن. شەخس بولۇپ ئەپ يېزىپ قالساڭلار Windows دىكى ئۇيغۇرسوفت دۇكىنىدا ئېلان قىلىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.

تور بېكەتلىرىڭىزدە بىرنەچچە ئاي بولسىمۇ Windows 8 توغرىسىدا تەشۋىق قىلالامسىز-يوق؟ Microsoft بىزدىكى يۇمشاق دېتال قىزغىنلىقىنى بىر كۆرۈپ باقسۇن، قېنى مەرھەمەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
393 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 15
  • ئالىم مۇئەللىم گەرچە تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر مەسىلنى سۇرىۋالسام ، ھازىر ئىتۋار باھادا سىتىۋىلىش نۇمۇرىنى سىتىۋىلىپ ، كيىن كۆمپىيوتىر سەپىلىگەندە ئىشلەتسەك بۇلارمۇ ؟ مومكىن بولسا ماۋۇ مەسىلگە ئېنىق چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 01:09
    • ئەلۋەتتە بولىدۇ ! ھازىر نومۇردىن بىرنى ئېلىپ ساقلاپ قويۇڭ . كېيىن كومپيۇتېر سەپلىگەندە شۇ نومۇر بىلەن ئاكتىپلاپ ئىشلىتەلەيسىز .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:23
    • مىنىڭ دېگىنىم Windows 8 نىڭ مەھسۇلات ئاچقۇچى جۇمۇ . ھېلىقى ئېتىبار بىلەن سېتىۋېلىش نومۇرى ئەمەس . ئىشقىلىپ ھازىر بىرنى ئېلىپ ساقلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ ، بۇنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:25
    • ھازىر ئاچقۇچ نۇمۇرنى ئېلىۋىلىپ ساقلاپ قۇيۇپ، كېيىن ئىشلەتسىڭىز ئەلۋەتتە بۇلىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:48
    • ئەلۋەتتە بولىدۇ دە…. ئىشلىتىپ قويمىسىڭىزلا

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:26
  • بىز ماۋۇ **** نى دورىمايلى بۇلار باشقىلانىڭ پاتنىت ھوقوقى نەشىر ھوقوقىنى ئوغۇرلاپ ئۈگۈنۈپ قالغان بىلسەم بلمىسەم مىجىت قەلەم پاجىئەسى ئىسىلاردابولىشى مۇمكىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 00:33
  • گەرچە ئۆزۈمنىڭ تىخنىكىسىمۇ (تىخنىكا دىگىدەك ئەمەس ئەمدى) چاغلىق بولسىمۇ ،يىتەرلىك تىخنىكا بولمىسىمۇ لىكىن مەندە ۋىجدان غورور بار دىيەلىگىدەك ۋىجدان ۋە غورور بار بۇيىل جىق كىرمىدىم ناھايىتى 17 ياش لىكىن بۇ تور بىكەت ئېچىپ يۈرگەن ‹ئاكىلىرىم › نىڭ قىلىقىدىن نۇمۇس ھىسقىلۋاتىمەن، سىلەردە ئەجەبا شۇنچىلىك ئېقتىدار تۇرۇپ ئېشلەتكىلى يەرتاپالمىدىڭلارمۇ؟ ئەپ دۇكىنىنى بىرقىزىپ چىقتىم بىرەتال ئاناتىلىمىزدا ئەپ يوق .!(ئاز بولسا بەلكىم كۆرمىگەندىمەن)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:51
  • سەكرە دۇچۇ سەكرە ئالدىڭىدا لىققىدە دوللار با !!!! ھۇ ##@

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:39
  • كۆپچىلىك Windows 8 نى بارلىق كىشىلەرگە تەشۋىق قىلايلى ! بارلىق توربەت باشقۇردىغان كىشىلەرمۇ Windows 8 نى تەشۋىق قىلايلى !بارلىق كىشىلەر ئۇيغۇرچە Windows 8نىڭ ھالال نۇسخىسىنى پۇلغا ئېلىپ ئىشلىتەيلى !ئەگەر Microsoftئۇيغۇرچە Windows 8ئىشلىتىدىغانلارنى ئىستاستىكا قىلىپ ئۇيغۇرچە ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ئەمەسكەن دەپ بىزنىڭ ئىشىمىز بىلەن كارى بولمىساقانداق قىلىمىز،بۇقتىمقى پۇرسەت كەتسە ھەرگىز قايتا كەلمەيدۇ ،ئوبدان ئويلۇنۇپ ئۇيغۇرچە خەت ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش قىلايلى.بۇ ياخشى ئىشنى قىلىشقا بىرتىيىنمۇ پۇل كەتمەيدۇ ،غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۈپ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:39
    • ئەگەر Microsoftئۇيغۇرچە Windows 8ئىشلىتىدىغانلارنى ئىستاستىكا قىلىپ ئۇيغۇرچە ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ئەمەسكەن دەپ بىزنىڭ ئىشىمىز بىلەن كارى بولمىساقانداق قىلىمىز بۇ گەپ بەك جايىدا بولدى.

      تىل بۇلىقىغا كەلسەك ،بەزى شىركەتلەردە قانۇن ئېڭى بەك كامچىلكەن. ئالىم مۇئەللىم يەنە كەڭ قوساقلىق قىلىۋاتىسىز جۇمۇ،ئىسمىنى يا ئادرىسىنى ئاشكارلىغان بولسىڭىز ئۆزەم Microsoft قا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇپ قوياتتىم، ھىلىمۇ ئىزدەپ باقىمەن جۇمۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 00:20
      • شۇنداق مۇئەللىم ئوچۇق ئاشكارە ئىيتقان بولسىڭىز ھىچ بولمىسا تور بىكىتىنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئوبرازىغا تەسىر يەتكەن بولاتتى ،

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:51
    • تەشۋىق قىلماقچى بولسىڭىز مەن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيمەن، تور خەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:58
  • ئالدىراشچىلىقتا خاتا يېزىلىپ قاپتۇ.
    kokasman12@126.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:05
  • ئالىم مۇئەللىم ، ياخشى گەپ قىلدىڭىز ، ھازىرقى مەسىلە تىل بولىقى ئۇنداق مۇنداق دېمەي، جىق ئادەمگە يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىنى تونۇشتۇرۇش، قانچە جىق ئادەم سېتىۋالسا شۇنچە ياخشى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر نەچچەيلەن كۆپ سورالغان سوئاللار ( frequently asked question-FAQ) نىڭ سىناق نۇسخىسىنى تەييارلىغان ۋاقتىڭىز بولسا كۆز يۈگۈرتۈپ ئاندا مۇندا بەلگە قويۇپ بېرەسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:57
  • ھاۋارايى بىلەن خەرىتىنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچىغا توغىرلايمىز؟ بولسا Windows 8 بىلەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا بىرەر ماتىرىيال تۈزۈلگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:37
    • ھاۋارايى بىلەن خەرىتەنى ئايرىم ئۇيغۇرچەغا تەڭشەيدىغان تەڭشەك يوق .
      پەقەتلا ۋىندوۋس 8 نىڭ ئارا يۈز تىلىنى ئۇيغۇرچەغا تەڭشەپ قويسىڭىز ئۇيغۇر يېزىقى قوشۇلغان ھەرقانداق ئەپ›ئورۇن ئۇيغۇرچە بولىدۇ .

      ئۇيغۇر يېزىقى قوشۇلمىغىنى بولسا سىز سىتىۋالغان ۋىندوۋس 8 قايسى تىل (دۆلەت) نەشىرى بولسا شۇ تىل يېزىقىدا كۆرۈنىدۇ .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:11
  • ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم، مەن ئويغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىغان، بىراق ھاۋارايى يەنىلا خەنزۇچە، خەرىتە بولسا ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگىلىزچە ئارىلاش ھالەتتە چىقىۋالدى، يەنە ئەسلىدە بۇرۇن خەنزۇچە چىقىدىغان نۇرغۇن جايلار ئېنگىلىزچە چىقىۋالىدۇ، تەرجىمە قىلىنغان جايلار ئۇيغۇرچە، تەرجىمە قىلىنمىغان جايلار خەنزۇچە چىقىدىغان قىلغىلى بولامدۇ؟ ياكى سىلى بۇرۇن ئېنگىلىزچە نەشىرىدىن تەرجىمە قىلغان بولسىلىرى شۇنداق چىقىۋاتامدۇ يا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:35
    • مەن بۇ ھەقتە ئايرىم چۈشەنچە بېرەي

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:50
      • ھاۋارايىنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ئۈچۈن سىز لوكەيشېن نى باشقا دۆلەتكە تەڭشىسىڭىز بولىدىكەن، جۇڭگو قىلسا خەنسوچە چىقىۋالىدىكەن. ئاندىن ئەپ بازىرىدىكى ئەپلەرمۇ بەلگىلىگەن ئورۇن تەڭشىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشىمايدىغان كۆرۈنىدىكەن. مۇزىكا سىن دېگەنلەرمۇ شۇنداق. سىناپ بېقىڭ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:03
    • بۇنىڭدىكى سەۋەپ بەلكىم bing نىڭ ئۇيغۇرچىنى تىخى مۇكەممەل قوللىمىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن……. مىنىڭمۇ شۇنداقكەن….

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 00:10
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەد مۇئەللىم ۋە بارلىق مۇنبدر داشلار …
    ئانا تىلىمىزنىڭ بۇ شەرىپىنى قوغدايلى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:32
  • Windows 8 نى سېتىۋالغان بولغاندىكىن تىل بولىقىنى ئورگان تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسا بولمامدىغاندۇ دەيمەن، نەدىكى يوق ئىشنى قىلىپ! ئايرىم چۈشۈرۈش ئادرىسىنى زادى قانداق ئادەم يوللاپ قويغاندۇ؟ ئالىم مۇئەللىمنىڭ شۇنچە ئەجىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدىكەن دىسە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:29
    • 1-2 كۈن ئېچىدە بۇتوغۇرلۇق تەڭشەكلەرنى قانداق ئېلىپ بىرىش ھەققىدە چۈشەندۈرۈلگەن بىرقەدەر تەپسىلىي قوللانما تارقىتىلىشى مۇمكىن سەل تەخىر قىلىڭ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 00:03
      • ھى ھى ھى ھى ھى….ئاستىدىكى دوستۇمغا يوللىغان ئېدىم خاتا بولۇپ قالدى كەچۈرۈڭلار كۆپ يەرنى ئېگىلەپ قالدىم

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 00:04
  • ھەممىمىز ئوخشاش قاراشتا بولغان بولساق نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:26
    • ‹‹تارىم ئوغلى›› ھەقىقى سۆزنى قىلدىڭىز! باشقا ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشۇتۇپ ‹‹جىڭپەر››‹‹زاپەر››پەيدا قىلىپ
      مىللى غورورىغا قانداقيۈزكىلەر شۇلار؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:44
  • توغرا بۇنىڭغا ئۇنچىلا ئالدىرمىساقمۇ كوركەملەشتۇرۇلگەن نەشىرى چىقىپ قالارئىدى ھىچ بولمىغاندا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:24
    • مەن تىل بولىقىنى ئۆز بېكىتىدە ئايرىم ئېلان قىلىۋېلىشلىرىنى دەيمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:48
      • مەن تور بىكىتىڭىزگە ئەزا بولاي دىسەم، پەقەتلا تىزىملىتالمىدىم، مىكروسوفىت خەت ساندۇقىنى ۋە 126 ۋە تىڭشۈن ئابونىتلار خەت ساندۇقىنى ئىشلىتىپمۇ تىزىملىتالمىدىم.
        مەن ۋىن 8 نى 100 كويغا ۋاكالىتەن سىتىۋالغان ئىدىم، مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلىغاندىن كىيىن، ۋىن 8 قوزغىلىپلا قىتىۋىلىش ھەم مائۇس ئىستىرىلكىىى ئىكران يۈزىدە كۆرۆنمەسلىك ھادىسىسى يۈز بەردى. كومپىيۇتىرنى قوزغىتىش كونوپكىسىدىن قايتا قوزغاتماقتىن باشقا ئامال يوقكەن.
        سىستىما ئىشلەۋاتقان ھالەتتە تۇرۇپلا، مائۇس ئىستىرىلكىسى يوقاپ كىتىپ، سىستىما قىتىۋىلىش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى نىمە؟
        كومپىيۇتىرىم Lenovo ماركىلىق IdeaCentre ئىدى. ئىچكى سىغىمى 2G ئىدى.

        مەن 100 كويغا ۋاكالىتەن سىتىۋالغان نومۇردىن گۇمانلىنىپ قالدىم، بولمىسا ۋىن 7 نىڭ ھەقلىق سىستىمىسىدا بۇنداق ئەھۋال كۆرۆلمەيىتتى. ئىنتايىن راۋان ئىدى.

        بۇ ئەھۋالنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:29
  • ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چىققانلىقىنى چىن يۈرۈگىمدىن تەبرىكلەيمەن ، خۇشاللىقتىن ئىنكاش يېزىۋاتقان قوللىرىم تىترەۋاتىدۇ . سىزگە رەھمەت ئالىم مۇئەللىم .
    مىنىڭمۇ شۇ ئاغىنىمىزنى كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالغۇم كىلىۋاتىدۇ . ئۈزىغۇ بىر نەرسىگە ياردەملەشمەي ئەمدى ھەممە ئىش پۈتۈپ بولغاندا ئۈزىنىڭ كىچىك بىر تور بېتىنى تەشۋىق قىلىمەن دەپ شۇ ئىشنى قىلغاندىن كىيىن . ئەگەر ئۇنىڭ تور بېتىنى بۇزۇش ئىقتىدارىم بولغان بولسا چۇقۇم ۋەتۋەرىكىنى چىقىرۋەتكەن بۇلاتتىم ………
    ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:24
  • توغرا مۇشۇنداق قىلىشقا تىگىشلىك…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:20
    • مۇشۇ يەرگىلا يازاي، جىق ئادەم كۆرەلەيدۇ. مېنىڭ قاچىلىغىنىم window8 64位专业版简体中文版 ئىدى. ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرەي دېسەم语言包无法使用 دەپ چىقىۋالدى. توردا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىنگلېزچە خەنسوچە ئىككى تىلدىكى سېستىما مۇھىتىدا ئىشلەيدۇ دەپتىكەن. نەردىن چاتاق چىقتى؟ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمەن. ماڭا ياردەم قىلساڭلار!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:09
      • ئەڭ ئەۋۋال ئىنگىلىز تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ ۋە قاچىلاڭ، ئاندىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىڭ، ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى يۇقارقى رەسىمگە ئاساسەن قايتا قاچىلاڭ، ئاندىن قايتا قوزغىتىڭ، ئىش تامام!

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:46
      • سىېستىما خەنزۇچە ھالەتتە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىيالمىغانلار ئالدى بىلەن ئىنگىلىز تىلىدىكى تىل بولىقىنى چۈشۈرۈشنى بېسىپ تىل بولىقىنى چۈشۈرۈشكە باشلىغاندا ئۇنى توختىتىۋېتىپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرسەڭلار بولىدىكەن. ئىنگىلىزچە تىل بولىقىنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرۈشىڭ ھاجىتى يوقكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:35
    • سۈيۈملۇك ئويغۇر قېرىنداشلىرىم، بىز ‹‹شۇنچە چوڭ داۋاندا يولۋاس ماڭىلام ئۇچىرامتى ›› دىگەندەك ئويغۇرنىڭ يۈزىنى تۈكىدىغان ئىش قىلمايلى ! 3كۈننىڭ ئالدىدا تېخى مىكروسوفىت شىركىتى دۆلىتىمىزدىكى مەلۇم بىر شىركەتنى قانۇنسىز يومشاق دىتال ئىشلەتكەن دەپ ئەرىز قىلىپ نۇرغۇن تۆلەم ئاپتۇ.شىركەت مەسئۇللىرى ئۆزىنى ئاقلاپ بۇ بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس، بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز ئۆزى قىلغان ئىش دەپتىكەن،مىكروسوفىتتىكىلەر مۇنداق دەپتۇ: سىلەر شىركەتتىكى خادىملىرىڭلارغا مەسئۇل بۇلۇش مەجبۇرىيتىڭلار بار.خادىملىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئىشلەيدۇ،سىلەرگە قىممەت يارىتىدۇ. دىمەك سىلەر بىز ياسسىغان بۇ يۇمشاق دىتاللاردىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغان. دەپ ئاخىرى بۇ شىركەتتىن نۇرغۇن جەرىمانە ئالغان . شۇڭا بىزنىڭ ئويغۇر تور بېتى ئاچقان ۋە باشقا ئورگاندىكى بارلىق خادىملار دىققەت قىلىڭلار ! بىكار سىلەر ئەمدى بېخلىنىپ تۇرغاندا ئۇلار جەرىمانە دەپ كەلسە ، سىلەرنىڭ يىلتىزىڭلارنى قومىرۋەتمىسۇن . بۇنداق بۇلۇشنى بىزمۇ خالىمايمىز ئەلۋەتتە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:16
      • تۈركىيەدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جەرىمانە قويۇش ئىشلىرى قاتتىق ئېغىركەن. جەرىمانە بىزنىڭ پۇلىمىزغا ئەڭ كىچىكى 200 مىڭدىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئوغرى نەشىر ئىشلەتكەن شىركەتلەرنى ئاساسەن 98% تېپىۋالالايدىكەن. ئۇ يەردىكى ھەر بىر شەخسمۇ ھەقلىق نۇسقىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشكە كۆنۈككەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «مىكروسوفتنىڭ ئەڭ كۆپ كىرىمى جەرىمانىدىن كېلىدۇ» دېگەن مۇتلەق قاراش بار ئىكەن. ياق ئۇنداق ئەمەس دېسە ھەرگىز ئۇنىمايدىكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى am 09:38
باھا بېتى: 1 2 3 15