-
2010-08-19
ئىلى دەرياسى - [يازمىلىرىم]
ئىلى دەرياسى
ئاقىدۇ شاۋقۇنلۇق ئىلى دەرياسى،
بۇژغۇنلۇق دولقۇنى سادىر سىماسى.
شاۋقۇنى ئۇنىڭ ئەلنىڭ ناۋاسى،
كۆكەرگەن ۋادىلار تارىخ گۇۋاسى.
-
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار:
مەن"ئىلى دىيارى"بلوگىنى قۇرۇپ، يېڭىدىن سىلەرنىڭ سىپىڭلارغا قوشۇلۇش ئالدىدا تۇرۇمەن.بلوگىمنى ياساش، زىننەتلەش ئىشلىرىدا ماڭا ياردەم بەرگەن دۇنيا قارا،ئەنقا،ئەقىللىق.. قاتارلىق ئۇستازلارغا،تەكلىمكان،تارىم،ئارامگاھ بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىغا كۆپتىن-كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.
-
2010-08-14
يىراقتىكى گۈلۈم - [يازمىلىرىم]
يىراقتىكى گۈلۈم
يىراقلارداقالدى نىگارىم،
مەرۋايىتتەك يىشى يالتىراپ.
ئېنتىزارمەن ئۇنى كۆرۇشكە،
« تېز ئۆت كۇنلەر » دەيمەن ئالدىراپ.
... -
2010-08-14
ھەممە ئۇيغۇر قىزلىرى بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ؟ - [يازمىلىرىم]
ھەممە <ئۇيغۇر قىزلىرى> بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ؟
مەن تور ئارلاپ بىر قىسىم تورداشلارنىڭ <ئۇيغۇر قىزلىرى>نىڭ شەرمىي-ھايانى ئۇنتۇپ كيىنىشتە غەلىتە،سورۇنلاردا ئىچىپ، چىكىپ قىلىۋاتقان ئەخلاقسىزلىقى،سورۇنلارنى <رەڭلىكلەشتۇرۇۋاتقانلىقى>،قىزلىرىمىزنىڭ ئەتىراپىمدا ئادەم بارمۇ-يوقمۇ دىمەي ،يىگىتلەر بىلەن قىلىشىۋاتقان چاقچاقلىرى،<خىرىدار> ئىزلەپ يۇرگەن ،يولدىن چىققان بىر قىسىم قىز-چوكانلارنىڭ يىركىنىشلىك قىلىقلىرى، ئاياللىرىمىزنىڭ تۇگۇمەس چايلىرى...... ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىنى كۇرۇپ ئويلۇنۇپ قالدىم.
-
2010-08-13
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟ - [يازمىلىرىم]
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟
ئەزىزلىگەن بوينۇمدىكى تۇمار دەپ،
ئۇسسۇغاندا بەرگەن مانا ئانار دەپ.
ئېلىپ كەتسەڭ ئۇي بىساتنى قىمار دەپ،
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟
-
2010-08-10
قېرىندىشىمغا - [يازمىلىرىم]
قېرىندىشىمغا
ئەجدادلىرىڭ ئۆتكەن ئەزەلدىن،
ئەدەپ-ئەخلاق شەرمىي ھايالىق.
ئوغلانلىرى چەبدەس ھەم ئىشچان،
قىزلىرىمۇ ئىپپەت نۇمۇسلۇق.